Jump to content

بۇزاق يېزىسى

ئورنى Wikipedia
بۇزاق يېزىسى

布扎克乡.Buzaq town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 كەنىت
نوپۇس 27 مىڭ
يەر مەيدانى 35.3 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

بۇزاق يېزىسى خوتەن ناھىيىسىگە قاراشلىق بولۇپ، خوتەن بوستانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، خوتەن شەھىرىبىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، خوتەن ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپى باغچى بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرىپى تۇساللا يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى لايقا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاتناش قولايلىق. يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمى 53 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31 مىڭ مو، يېزا بويىچە جەمئىي دېھقان-چارۋىچىلاردىن 6367 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 28 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچلىرى 13 مىڭ، يېزا بويىچە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %13.5، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰9.51 بولغان. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قولدا توقۇلغان گىلەم قاتارلىقلار.

مەمۇرىي كەنتلەر

[تەھرىر]

تەۋەلىكىدە 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار بۇزاق كەنتى، جاي كەنتى، چىلەك كەنتى، تېتىر كەنتى، ئازۇك كەنتى، ئازنا بازار كەنتى، ھالۇ ئېرىق كەنتى، چاقا كەنتى، كەنئېرىق كەنتى، كوسا كەنتى، شور ئېرىق كەنتى، باسىي كەنتى، تېرىقئېرىق كەنتى، تۆۋەن قاش كەنتى، پاتەكلا كەنتى، توخۇلا كەنتى، قۇممەھەللىسى، قاش كەنتى، يايلىغان كەنتى، قۇمباغ كەنتى، قۇمقايغان كەنتى، تارشىلىق كەنتى، ئۇزۇنشور كەنتى قاتارلىقلار.

باشقىلار

[تەھرىر]

قەبرىستانلىق خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يېزىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 400 مېتىر كېلىدۇ. 1983-يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم قېزىلغان بولۇپ، بىر تۈركۈم مۇكەممەل ساقلانغان رەڭلىك جەسەت ساندۇقى بار، جەسەت ساندۇقى ئىچىدە يىپەك كىيىم-كىچەكلەر بار بۇلۇپ، تارىخىي مەدەنيەتنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىسپات بۇلالايدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]