لەڭمەن قورماچۆپ
Appearance
لەڭمەن قورماچۆپ (باشقچە نامى: لەغمەن قورماچۆپ، لەڭمەن سومەن، لەغمەن سومەن) قورماچۆپنىڭ بىر خىلىدۇر. لەڭمەن قورماچۆپ، ئۈزتاش قورماچۆپ، ۋە مەرۋايىت قورماچۆپ ئۈچ ئاساسلىق قورماچۆپتۇر. لەڭمەن قورماچۆپنىڭ باشقا ئىككى خىل قورماچۆپلەردىن پەرقى دەل چۆپنىڭ شەكلىدە. لەڭمەن قورماچۆپ ئاساسلىقى لەغمەننىڭ جىزا قىلىنغان چۆپنى بورنىڭ ئۇزۇنلىقىدا كېسىپ قاينتىپ ئاندىن ياغدا كۆكتاتلار بىلەن قورۇشتىن تەييار بولىدۇ. لەڭمەن قورماچۆپكە ئاساسلىقى قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، ياغمۇچ، كەرەپشە، پالەك قاتارلىق كۆكتاتلار ئىشلىتىلىدۇ، گۆشكە ياغلىق قوي گۆشى ئىشلىتىلىدۇ.