Jump to content

كۆكتاتنىڭ رولى

ئورنى Wikipedia
كۆكتاتنىڭ رولى

كۆكتات، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى يېمەك - ئىچمەك جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان يېشىل يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى. ئادەتتە بىز تاماق ئېتىش، قورۇما قورۇشىتا سەي-كۆكتاتتىن ئايرىلالمايمىز.

كۆكتات پەسىللىك كۆكتات ۋە ئورگانىك كۆكتات دەپ ئايرىلدۇ. ئاساسلىق تۈرلىرىدىن كەرەپشە، سەۋزە، يېسىۋېلەك، پىدىگەن، بەرەڭگە، تۇرۇپ،پەمىدۇر، تەرخەمەك، مۇچ، كۈدە، چامغۇر، سەي كاۋسى، جاڭدۇ، سامساق، پىياز، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق تۈرلىرى بار.

سۈرەت

[تەھرىرلەش]


بەزى بالىلار كۆكتات يېمىگەچكە، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا مېۋە-چېۋىنى كۆپرەك بېرىپ، كۆكتات ئارقىلىق تولۇقلانمىغان ئوزۇقلۇقنى مېۋە-چېۋە ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە مېۋە-چېۋە كۆكتاتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، كۆكتاتنىڭ تەركىبىدىكى ئانئورگانىك تۇز ۋە ۋىتامىن مىقدارى مېۋە-چېۋىدىن كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى تالالىق ۋىتامىنلار مېۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ، تالالىق ۋىتامىنلار ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئۈچەي يولىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق. يەنە كۆكتات تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىدا شېكەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن تۈرلۈك ئېنزىملارنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. سۇ شېكەرنى پارچىلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئاستا-ئاستا سۈمۈرۈلگەچكە، قاندىكى شېكەرنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتالمايدۇ.