Jump to content

مايلىق سەي

ئورنى Wikipedia
مايلىق سەي

«يېڭى ئۆسۈملۈكلەر تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، مايلىق سەي (يۇبەسەي) شامال دارىش، ئىششىق، كۆكسى ئاغرىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۇندىلىك تۇرمۇشمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى.

دورىلىق قىممىتى

[تەھرىرلەش]

مايلىق سەينىڭ تەركىبىدە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن C، كاروتىن، ۋىتامىن PP قاتارلىق ۋىتامىنلىق ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇشتىن سىرت، يەنە بەلگىلىك دورىلىق قىممىتىگە ئىگە. «يېڭى ئۆسۈملۈكلەر تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، مايلىق سەي (يۇبەسەي) شامال دارىش، ئىششىق، كۆكسى ئاغرىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ دېيىلگەن. جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا بولىدۇ.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، مايلىق سەينى ئېزىپ كېسەللەنگەن ئورۇنغا چاپسا قاننى تارقىتىپ ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار. مايلىق سەينىڭ غولى، يوپۇرمىقى ئارقىلىق تىلما كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇرۇقى ئارقىلىق قاننى توختاتقىلى، تۇغۇتتىن كېيىنكى يوشۇرۇن كېسەللەرنى ساقايتقىلى بولىدۇ. مايلىق سەي ئۇرۇقى، دارچىندىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، ئۇششاق سوقۇپ ئاچچىقسۇ بىلەن پىشۇرۇپ، قىيام قىلىپ، كۇمىلاچ قىلغاندىن كېيىن ھەر كۈنى بىردىن ئىككىگىچە، كۈندە ئىككى ۋاخ، سېرىق ھاراق بىلەن ئىستېمال قىلسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى يامان خاراكتېرلىك كېسەل، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە داس سۆڭەك ياللۇغلىنىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]