موكويلا يېزىسى

ئورنى Wikipedia
موكويلا يېزىسى

木奎拉乡.Mokoyla Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 18 دانە
نوپۇس 20 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

موكويلا يېزىسى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى شەرققە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە چودا يېزىسى، غەربىي چېگرىسى گۇما بازىرى، شىمالىي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى، جەنۇبىي سانجۇ بازىرى. شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرچە كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 558 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

  • ناغۇت كەنتى؛
  • كونا بازار كەنتى؛
  • تۆۋەن مەھەللە كەنتى؛
  • مۇناقا مەھەللە كەنتى؛
  • ھويلا مەھەللە كەنتى؛
  • كاسا مەھەللە كەنتى؛
  • قوش مەھەللە كەنتى؛
  • تاللىق كەنتى؛
  • گۈلباغ كەنتى؛
  • قاقشال كەنتى؛
  • لەڭگەر كەنتى؛
  • تۇزلۇق كەنتى؛
  • تاشكەنت كەنتى؛
  • ھېيتگاھ كەنتى؛
  • يېڭى ئۆستەڭ بويى كەنتى؛
  • قۇم ئېرىق كەنتى؛
  • مازاردۆڭ كەنتى قاتارلىقلار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

پۈتۈن يېزىدىكى تېرلغۇ يەر 50528 مو، قوش تاغ دەرياسى ئارقىلىق سۇغىرىلىدۇ، ئىقتىسادى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، قوشۇمچە دېھقانچىلىق. تېرىلغۇ كۆلىمى 22 مىڭ 700 مو، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز، مايلىق دان، قوشۇمچە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قوغۇن، بېدە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئورمانچىلىق ئادەم كۈچى ئارقىلىق كۆچەت تىكىش ئاساس قىلىنىدۇ، تېرىقچىلىق تېرىكى، جۈجەم، جىگدە، شاپتۇل، نەشپۈت، ئامۇت، ئۆرۈك، ياڭاق دەرىخى قاتارلىقلار بار. چېگرىسى ئىچىدە رەۋەن، چۈچۈكبۇيا، چوڭ سوزاپ قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە ياۋا توڭگۇز، ياۋاتوشقان، كەپتەر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. باغۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى شاپتۇل، نەشپۈت، ئامۇت، ئۈزۈم. يىپەك قۇرتى بېقىش، بورا توقۇش، ماشىنىچى، ياغاچ قاتارلىق ئائىلە قول سانائىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان.