مىللى ئارمىيە

ئورنى Wikipedia

مىللى ئارمىيە، بۇگۈنكى شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ )شىمالىدا ۋە جەنۇبىدا، 1949- يىلىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان، تەركىبىدە ئاساسلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر يەر ئالغان، ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەشكەن ئىنقىلابىي ھەربىي تەشكلاتلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشىدۇر.

قۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

1944- يىلى 11-ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە ناھايىتى تىزلىك بىلەن بىرقاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ نىلقا بازىرنى ئازاد قىلدى. گومىنداڭ دائىرلىرى قاتتىق ئالاقزادە بولۇ پ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىن 3000 دىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرشقا ئۇرۇندى، ھەمدە نىلقىنى قوشاۋغا ئالدى. بۇ ۋاقىتتا قوزغىلاڭچىلار ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ خەۋەر يەتكۈزشى بىلەن غۇلجىدا ئەسكەر قالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىلقىدىن چېكىنپ چىقىپ قۇرۇق نىلقا بازارنى گومىنداڭغا تاشلاپ بېرىپ غۇلجىغا ئاتلاندى. 1- ئاينىڭ 7-كۇنى كېچىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوف غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى، ھەمدە نىلقا پا رتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ، غۇلجا شەھىرىنڭ ھەرەمباغ ۋە لاڭشىياڭ ئايدىرومىدىىن باشقا جايلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى ھەرەمباغ ئىشغال قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىلى ئازاد قىلىندى.

1945- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكىمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، ئېلىخان تۆرە رەئىس جۇمھۇر، ھېكىمبەگ غوجا مۇئاۋىن رەئىس بولدى، كۆك رەڭلىك، ئوتتۇرىسىغا ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز چۈشۈرلگەن بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلپ بىكىتى، ھەمدە پارتىزانلارنى بىرلىككە كەلتۈردى.

1945- يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى مىللى ئارمىيەگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ مىللى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى جاكارلاندى. مىللى ئارمىينىڭ فورمىلىرىنى سوۋېت ئارمىيسىنڭكىگە تەقلىد قىلىپ تىكىلدى. ئارمىينىڭ پاگون، كاكار، بايراقلىرىنى بېكتىپ چىقتى، مېدال ۋە ئوردىنلارنى تارقاتتى.

تەركىبى[تەھرىرلەش]

مىللى ئارمىيە باش شىتابى قارمىقىدا، ھەربى تەمىنات باشقارمىسى، سىياسى باشقارما، ئىجرائىيە باشقارمىسى، ھەربى سوت، ئۇرۇش تەتقىقات باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلار تەسس قىلىندى. پالىنوف باش قوماندانلىققا، زۇنۇن تىيپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا، موتىگوروف باش شىتاب باشلىقلىقىغا، غېنى ھەربى سوتنىڭ باش سودىيەلىكىگە، ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى، ئومومىي ئەسكىرى كۈچى 15000 دىن ئاشتى ھەمدە پۈتۈن ئارمىيە تۆۋەندىكى قىسىملارغا بۆلۈندى:

ئۇلاستاي ئاتلىق1- پولىكى.

ئۇلاستاي ئاتلىق 2- پولىكى.

سۈيدۆڭ ئاتلىق 3- پولكى.

مۇڭغۇك ئاتلىق باتالىيونى.

لوبا ئاتلىق روتىسى.

ئاتلىق زاپاس پولىك.

تۇڭگان ئاتلىق باتالىيونى.

سۈيدۆڭ ئاتقۇچى پىيادە 1-پولىكى.

غۇلجا ئاتقۇچى پىيادە 2- پولكى.

غۇلجا ۋاقىتلىق پىيادە 4- پولكى.

قوماندانلىق شتابقا بىۋاستە قاراشلق قىسىملار:[تەھرىرلەش]

توپچىلار باتالىيونى. مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونى قاتارلىقلار .

پىيادە قىسىملار:[تەھرىرلەش]

ھەر بىر پولىك 2 باتالىيون ،بىر باتالىيون 3روتا ،بىر روتا 3 ئىزىۋوت، بىر ئىزىۋوت 4 ئۇدۇلىنىيە بولۇپ، تەخمىنەن 2500 جەڭچىدىن تەركىب تاپقان.

ئاتلىق قىسىملار :[تەھرىرلەش]

ھەربىر پولىك 4 ئاتلىق روتا ۋە بىر پىىلىموتچىلار روتىسدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، تەخمىنەن 1000 نەپەر جەڭچىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

ھەربىر پولىك قارمىقىدا:[تەھرىرلەش]

ئارقاسەپ باشقارمىسى، سىياسى باشقارمسى تەسس قىلىنغان بولۇپ، پولك كوماندېرى، ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولك كوماندىر، ئارقا سەپ تەمىناتىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولك كوماندىر ۋە دىننى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولك كوماندېر تەيىنلەنگەن.

مىللى ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن دەرھال شىمال، جەنۇپ، شەرىق قاتارلىق ئۈچ يۆلىنىش جەڭ پىلانى تۇزۈپ چىقتى.

شىمالىي سەپ: ئالتاي ۋە چۆچەكلەرنى ئازاد قىلىش.

شەرقى سەپ: شەرققە يۈرۈش قىلىپ، جىڭ، شىخولارنى ئازاد قىلپ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىنى ئېلىش.

جەنۇبىي سەپ: مۇزئارت داۋىندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلش، ئاندىن تاشقورغان پارتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنى ئازاد قىلىش. 1945- يىلنىڭ ئاخىردا بايراقنى شىڭشىڭشاغا قاداپ بولۇش.

شىمالى سەپتە: 1945-يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى مىللى ئارمىيە ئالتايدا گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ 1130 نەپەر ئەسكرىنى ئەسىر ئالدى ۋە ئالتاي پارتىزانلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇ پ شىمالىي سەپنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىدى.

شەرقى سەپتە: مىللىي ئارمىيە 4- ئايدىن باشلاپ داۋاملىق شەرىققە يۈرۈش قىلىپ، جىڭ، شىخولارنى ئاراد قىلىپ، 9- ئايدا ئۈرۈمچىگە 150 كىلومىتىر كېلدىغان ماناس دەرياسى بويىغا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە پەقەت 3000 ئەسكەرگە يەتمەيدىغان 6 باتالىيون ئەسكىرى قالغان بولۇپ شەرقى سەپنىڭ جەڭ ۋەزىپىسمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئوروندىلىپ بولغانىدى.

جەنۇبىي سەپتە: سوپاخۇن پولكوۋنىك ئاقسۇنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ بولغان بولۇپ، تاشقورغان پارتىزانلىرىمۇ، كۇچا، يېڭسار قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ ھەتتا قەشقەرنىمۇ بىر مەزگىلك ئىگەللىگەندى.

مىللىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ،مىللى ئارمىيەنى تېخىمۇ تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز .ھازىرقى شىنجاڭدا بار بولغان مىللى قىسىملار دەل ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسىىدىىن قىلىپقالغان قىسىملاردۇر.ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيەنىڭ كىلىش مەنبەسى كۆپ،تەركبى قىسمى مۇرەككەپ ، شۇڭا مەن تۆۋەندە بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمراقلىرىنى ۋە مىللى ئارمىيە توغرىسىدىكى بىر قىسىم سان سىپىرلارنى ھەمدە ئارمىينىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى،ئۆتمىشى ۋە يېقىنىقى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن .

مىللى ئارمىيە ئەڭ دەسلەپتە پارتىزانلاردىىن تەشكىللەنگەن بولۇ پ ئاساسلىق تەركىبلىرى تۆۋەنىدىىكىچە :

1. ئېلى ئازادلىق تەشكىلاتى : بۇ تەشكىلاتنى سوۋىت-ئىتتپاقىدا ئوقۇپ قايتىپ كەلگىن ياشلار قۇرغان بولۇپ ، ئاساسەن ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ۋە بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر كىشلەردىن تەركىب تاپقان .

2. تاشقورغان پارتىزانلىرى : پارتىزانلار ئاساسەن قىرغىز ۋە تاجىكلاردىىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ،قوماندانى ئىسساقبىك مونونۋ( سوۋىت ئىتتپاقىدا ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان ،كىيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبىىرگە ئايلانغان ،1949-يىلى ئايروپىلان ھادىسسىدە ۋاپات بولغان )،بۇ قوشۇن تىنچلىق بىتىمدىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭدا پارتىزانلىق ئۇرشى قىلىپ، قەشقەرگە بىرقانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ،گومىنداڭنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى قوشۇنىنى تۇتۇ پ تۇرۇپ مىللى ئامىيەگە جەنۇبى سەپتىن ماسلاشقان ،تىنىچلىق بىتىىمىدىن كىيىن سوۋىت-ئىتتپاقى چىگرىسى ئارقىلىق غۇلجىغا كەلگەن .

3. ئالتاي پارتىزانلىرى : بۇ پارتىزنلار 30-يىللاردىلا شىڭ شىسەيگە قارشى كۆرەش قىلىشنى باشلىغان بولۇپ،ئالتاينىڭ %90 دىن ئارتۇق زىمىنى ئاساسان ئىگىللەپ بولغان ،بۇ پارتىزانلارغا ئوسمان بىلەن دەلىلقان باشچىلىق قىلغان (دەلىلقان سۈگۇربايىف 1949-يىلى ئايروپىلان ھا دىسسىدە ۋاپا ت بولغان )،1947-يىلى ئوسمان گومىنداڭغا سىتىلىپ ئىنقىلابىدىىن يۈز ئۆرىگەن ،1951-يىلى 2-ئايدا چىڭخەيدە ئازادلىق ئارمىيە تەرپىدىىن تىرىك تۇتۇلغان ،ئىككى ئايىدىىن كىيىن ئۈرۈمچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان .

1946-يىلى جىياڭ جىشى سوۋىت ئىتپاقى بىلەن سۈلھىلىشىپ ،تاشقى مۇڭغۇليىنى ئىېتراپ قىلش، لۈشۈن ،دالىيەن پورتلىرىنى سوۋىت ئىتپاقىغا ئىجارىگە بىرىش ھەمدە ئەسكەر تۇرغۇشىغا رۇخىسەت قىلىش ،شەرقى شىمالدا تۆمۈريول ياساش ھوقوقىنى بىرىش قاتارلىق ئىمتىيازنى بىرىش ئارقىلىق، سىتالىنىڭ مىللى ئىنقىلابقا بولغان پوزىتسىيسىنى ئۆزگەرتتى، سوۋىت ئىتتپاقى بارلىق ھەربى مەسلەھەتچىللىرى ۋە ھەربىي خادىملىرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ھەمدە مىللى ھۆكۈمەتتىن گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى .

1946-يىلى 4-ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، شىنجاڭ قىسقامۇددەتلىك تىنىچلىقنى كۈتىۋالدى ،بۇۋاقىتتا مىللى ئارمىينىڭ سانى 30 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، جەمئىي 17پولك ،ئىككى مۇستەقىل دېۋىزىيە، بەش بېرگادا تەشكىلەنگەن بولۇپ، 13 ئاتلىق پولك بار ئىدى.

قىسىملار تۆۋەندىكىچە :

باش شىتابقا قاراشلىق قىسملار (غۇلجىدا تۇردۇ )

1.ئاتلىق ئەسكەرلەر باتالىيونى ، 700ئەسكەر.

2.مۇھاپىزەتچىلەر ئىسكانىدىرونى ، 500ئەسكەر.

3.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 1-پولكى ،1500ئەسكەر .

4.غۇلجا مۇھا پىزەتچىلەر 2-پولكى،1500ئەسكەر .

5.غۇلجا مۇھا پىزەتچىلەر 4-پولكى، سانى ئىنىق ئەمەس.

6. ئاتلىق 3- پولىك (كومانىدىرى لېسكىن)

ئوتتۇرا يۆلنىش قىسىملار (باش قوماندان پالنوف قوشۇمچە ئوتتۇرا يۆلىنىش ئارمىيسىنىڭ قوماندنلىقىنى ئۈستىگەئالغان)

1. پىيادە ئەسكەرلەر 1- بېرگادىسى .

2. پىيادە ئەسكەرلەر 2- بېرگادىسى.

3.مىنامىيوتچىلار باتالىيونى .

4. تاشقورغان ئاتلىق 6- پولكى.

5. نىلقا ئاتلىق 5- پولكى.

6. نىلقا ئاتلىق7- پولكى،1200ئەسكەر.

7.ئاتلىق ئەسكەر لەر مۇستەققىل بېرىگادىسى.

8. تۇڭگان ئاتلىق 10- پولىك ، 600ئەسكەر (شىخەنزە)

9.مۇڭغۇل ئاتلىق 8- پولكى، 870 ئەسكەر.

10.پىيادە ئەسكەرلەر 4- پولكى.

11. ئالاقىچىلا روتىسى (شىخەنزە )

12. لوبا ئاتلىق ئىسكاندىرونى.

جەنۇبىي يۆلىنىش قىسملار (مۇئاۋىن باش قوماندان ئىسساقبك جەنۇبى يۆلىنىش قىسملار نىڭ باش قومادانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان).

1.ئاتلىق ئەسكەر لەر 1- بېر ىگادىسى.

2.ئاتلىق ئەسكەر لەر 2- بېر ىگادىسى .

3.تىكەس ئاتلىق 1- پولىك .

4.تىكەس ئاتلىق 2- پولىك .

5.تىكەس ئاتلىق 3- پولىك .

ئالتاي رايونىدىكى قىسىملار :

ئاتلىق ئەسكەر مۇستەققىل پولكى (دەلىلقان سۇگۇربايىف)

ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيە كادىرلا باشقارمىسنىڭ باشلىقى يۈسۈپخاننڭ خاتىرسىگە ئاساسلانغا دا << پۈتۈن ئارمىيەدە جەمئى 29856نە پە ر جەڭچى بار >> بولۇ پ مىللى ئارمىيە ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتقا قەدەم قويغان .

بىتىم ئىمزالانغانىدىن كىيىن مىللى ھوكۈمەت مىللى ئارمينى قىسقارتىپ،6پولىك قىلىپ تەشكىللدى. لىكىن گومىنداڭ بىتىمگە ئارقا-ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا، مىللى ھۆكۈمەت 1947-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭنىڭ چەكلىمسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىللى ئارمىيەنى كېڭەيتىپ ،5ئاتلىق پولىك ، 3پىيادە پولىك ۋە بىر مۇستەققل ئاتلىق باتالىيون قىلىپ تەشكىللدى ،بۇ ۋاقىتتا مىللى ئارمىيەنىڭ ئومومى ئەسكەر سانى 14200دىن ئاشقان بولۇپ، قورال- ياراق ئەھۋالى تۆۋەنىدىىكىچە :

ھەر-خىل مىلتىق 9088 دانە ، تاپانچا 184 دانە ، يىنىك پىلموت 405 دانە ، ئېغىر پىلىموت 68 دانە ، مىنامىيۇت 66 دانە ،زنىت توپ 7 دانە،گىرانامىيوت 55 دانە ، گىرانات 14480 دانە ،زەمبىرەك 12دانە ، جەڭ ئېتى 5522 دانە ، تىرانسپورىتا ئىشلتىلدىغان ئات 521دانە ، ئات ھارۋىسى 311 دانە ،تانكا 2 دانە، بىروۋنىۋىك1دانە،ئايروپىلان 49 دانە ( ئىشىلتىشكە بولدىغنى 14 دانە بولۇ پ ،قىرغۇچى ئايروپىلان 8 دانە ، بومبار دىمانچى ئايروپىلان 6 دانە ) ، ھەربى ئىشلاردا ئىشىلتىلدىغان ماشىنا 30 دانە . مىللى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئىسساقبك مونونوۋ ئۆز ئۈستىگە ئالغان .

1949-يىلى كومۇنستىك پارتىيە ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۈردى ،1949- يىلى 3- ئايدا ماۋزىىدۇڭ ،جۇئىنلەي قارتارلىقلار ۋاڭجىن بىلەن شىنجاڭغا كىرىش توغۇرلۇق سۆبەتلەشتى .6- ئايدا لىيۇ شىاۋچى سوۋىت ئىتپاقىدا سۆھبەتكە باردى ، سۆھبەت داۋامىدا سوۋىت ئىتپاقى،جوڭگو كومىنستىك پا رتىيسىنىڭ غۇلجا تەر پ بىلەن ئالاقىلشىپ سۈرەتنى تىز لىتىپ،شىنجاڭغا كىرشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى ، 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دىڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بى ردانە راتسىينى ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا يىتىپ كەلدى . 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ماۋزىىدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تىلگىرمما يوللاپ 9- ئايدا ئېچىلىدىغان سىياسى كېڭەش يىغنىغا تەكلىپ قىلدى . 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىىدۇڭ غا تىلگىرامما يوللاپ ،تەكلىبىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،.- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدىكېرىم ئابباسوف ، ئىسسابىك مونونوف ، دەلىلقان سۇگۇربايىف ، لوجى قاتارلىقلارئالتاينى كۆزدىىن كەچۈرۈش نامى بىلەن مەخپى ھالدا غۇلجىدىىن يولغا چىقىپ،ئالمۇتا غا بىرىپ ئايروپىلان ئارقىلىق بىيجڭغا قاراپ ئۇچتى ،8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئايروپىلان،ئىېر تىكۇستى دىگەن جايغا بارغاندا تاققا سوقۇلۇپ كىتىپ ئۇلار بەخىتكە قارشى قۇربان بولدى ( ئەخمەتجان قاسىمى تېخى ئەمىدىلا 34 ياش ئىدى ،ئابدىكېرىم ئابباسوف بولسا تېخى ئەمىدىلا 28 ياشتا ئىدى ) .

1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ تىنىچ ئازاد بولدى.1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 -كۈنى مىللى ئارمىيە 5- كورپۇس قىلپ ئۆزگەرتىلىپ، جوڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ شىتاتىغا قوشۇۋىتىلدى .

5- كورپۇسنىڭ تەركىۋى قىسىملىرى : 13-14- دىۋىزىيەلەر

كورپۇس كومانىدىرى لېسكىن .

سىياسى كومىسارى دۈۋەن شىڭ يۈن.

13- دىۋىزىيە قەشقەردە تۇرىدۇ . قارمىقىدا :

37- پولك ئاقسۇدا

38- پولك قەشقەردە

39- پولك خوتەندە

14- دىۋىزىيە دىۋىزىيە كوماندىرى ئىبراھىم باي. قارمىقىدا :

40-پولك ئۈرۈمچى دە

41-پولك

42-پولك غۇلجىدا

كورپۇس شىتاۋىغا قاراشلىق قىسملار:

43-پولىك پولىك كوماندىر بەدەرخان سۇگۈربايىف

44-پولىك. پولىك كومانىدىر سوپاخۇن

ئومۇمى ئەسكەر سانى 14840 نەپەر.

50 – يىللاردا ،5- كورپۇسنىڭ 13- دىۋىزىينىڭ 38–پولكى، 14- دىۋىزىنىڭ 40- پولكى ساقلاپ قېلىنغانىدىن باشقا قالغان قىسىملىرى ئۆز ئورنىدا كەسىپ ئۆزگەرتتى ، ساقلاپ قېلىنغان ئىككى پولىكمۇ 1969-يىلى يەنە شىمالىي شىنجاڭ دالا ئارمىيسىگە قوشۇۋىتىلدى،ئازادلىق ئارمىيە كەڭ كۆلەمدە قىسقار تىلغاندىىن كىيىن بۇ ئىككى پولىك ھازىر بار-يوقلىقى نامەلۇم .

شۇنداق قىلپ مىللتىمزنىڭ جۈملىدىىن پۈتۈن شىنجاڭىدىكى ئېزىىلگۈچى مىلللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ، مىللىتمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بۇ ئىنقىلاب ، بۇ ئارمىيە ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈن جوڭگۇ ئىنقىلابى بىلەن بىرلىكتە غەلبە قىلغان بولدى .

قوشۇمچە[تەھرىرلەش]

1955- ئازادلىق ئارمىيە ئۇنۋان بېرىش مۇراسمى ئۆتكۈزدى ،مىللى ئارمىيدىىن 5نەپەر كىشى گېنراللق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇلار:

1.سەيپىدىىن ئەزىزى- مىللى ئىنقىلاپ مەزگىلدە ھەربى سوتنىڭ كاتىۋى ، ئۆلكىلك بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ مائارىپ نازىرى ، ئالغا گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى ، دىېموكراتىيە ۋە خەلقچىللقنى ھېمايە قىلىش ئىتتپاقىنىڭ رەئىسى، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1955-يىلى گېنىرال لېتىناتلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن.

2.مارگوف ئىسساقوف- شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىىن قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ،1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . جوڭگو ، سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ، 1962- يىلى سوۋىت ئىتتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .

3.مەمىتىمىن ئىمىنوف- مىللى ئارمىيدە ئىزۋوت كوماندىرى ، مىللى ئارمىيە قوماندانلىق شىتا ۋىىدا بۆلۈم باشلىقى ، ئاتلىق پولكنىڭ كومانىدىر بولغان ، دۆلەت قۇرلغاندى كىيىن دىۋىزىيە كومانىدىر قوشۇمچە جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ، 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .

4.زۇنۇن تىيپوف- مىللى ئارمىينىڭ مۇئاۋىىن باش قوماندانى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن باش شىتاب باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشكەن. جوڭگو- سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكگە ئىگە،.1962-يىلى سوۋىت ئىتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .

5. ساۋدانوف زاھىر- مىللى ئارمىيدە ئاتلىق باتالىيونىڭ شىتاب باشلىقى، پىيادە 4- پولىكنىڭ شىتاب باشلىقى، مىللى ئارمىيە سىياسى بۆلمىنىڭ مۇدىر بولغان ،دۆلەت قۇرلغانىدىن كىيىن 5-كورپۇسنىڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومىسارى،ھەربى رايون سياسى بۆلمىنىڭ ئىككنچى مۇئاۋىىن مۇدىر ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومىسارى ، ئۈرۈمچى ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئورخۇن تارىخ تورى