مۆيدىن خەلپەت

ئورنى Wikipedia

مۆيدىن خەلپەت 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھازىرقى تۇرپان شەھرىدىكى قاراغوجا يېزىسى مۇجاڭ مەھەللىسىدە دۇنياغا كىلىدۇ . مۆيدىن ئەمدىلا ئەقلىگە كەلگەندە ئاتىسى ئۆلۈپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ ئانىسى لۈكچۈندىكى غوجامنىياز ئاخۇنلۇق دەيدىغان ئۆلىما ئدەمنىڭ قىزى بۇلۇپ ، ئۇ ئوغلىنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن غوجامنىياز ئاخۇنغا تەربىيلەشكە بېرىدۇ . بوۋىسى مۆيدىننى ئەتراپلىق تەربىيلەيدۇ . مۆيدىن دىنى بىلىم جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تۇلۇق يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇغا بېرىپ « مەدرىس » تە ئۇقۇپ ، ئۇزۇنغا بارمايلا خەلپەت دەرىجىسىگە يىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يۇرت ئىچىدە ئىززەت-ئابرويغا ئىگە بۇلۇپ ، جامائەتچىلىككە تۇنۇلۇشقا باشلايدۇ . ئەنە شۇچاغلاردا مۆيدىن خەلپەت يۇرت كېزىپ غۇلجىغا بارىدۇ . غۇلجىنىڭ شاڭيۇسى غازى ( پىچان خاندۇلۇق ) ئۇنىڭ نام شۆھرەتىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزىدۇ ، ئۇنى بىر مەزگىل تۇرغۇزغاندىن كىيىن قەشقەرلىك نەمەت شاڭيۇنىڭ قىزى تاجىنىسا بىلەن تويىنى قىلىپ قۇيىدۇ . ئۇلار بىر بالىلىق بۇلىدۇ . بالىغا مەخسۇم دەپ ئىسىم قۇيىدۇ . ئۇ غۇلجىدا تۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پەرغانە دىگەن يېرىدىن كىلىپ غۇلجىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان شەمسىدىن ھەزرەت دىگەن كىشىدىن تەلىم ئېلىش بىلەن ئىشان بۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا بىر مۇنچە ئادەملەر ئۇنىڭغا مۇرت بۇلىدۇ . بۇدەل 1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئىككى خىل ھاكىمىيەت ، يەنى ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مانجۇ خانلىقى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان مەزگىل ئىدى . مۆيدىن خەلپەت دىنى ئۆلىما بۇلۇپلا قالماستى نتەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى . ئۇ يۇرت كىزىش ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ناھەقچىلىق ئىشلارنى ئۆز كۆزى بلەن كۆرىدۇ . بۇلار ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ ، ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە بولغان ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىدۇ . شۇڭا ھەرخىل پائالىيەت سورۇنلىرىدا خەلق ئاممىسىغا تەشۋىق تەربىيە ئېلىپ بېرىپ ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈستىدە يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ، خەلقنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ . ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۇنى « ئېھتىيات قىلىدىغان ئادەم » قاتارىغا كىرگۈزۈپ ، غۇلجا يامۇلىغا قاماپ قۇيىدۇ . غۇلجا خەلقى مۆيدىن خەلپەتنى قۇتقۇزۇش قارارىغا كېلىپ ، يامۇلغا غازى شاڭيۇ باشلىق ھۈسەنباي ، ياقۇپ باي ، سۇلتان باي قاتارلىق مۆتىۋەر كىشلەرنى كىرگۈزىدۇ . يامۇلدىكىلەر قالايمىقان ھەركەت قىلماسلىق شەرتى بىلەن مۆيدىن خەلپەتنى ۋەكىللەرگە كېپىللىككە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ .

مۆيدىن خەلپەت يامۇلدىن چىقىپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ قويمايدۇ ، كىيىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىگە بېرىپ قازاق خەلقىنىڭ ئىززەت ھۈرمىتىگە ئېرىشىدۇ . ۋە قازاق ئاخۇنلىرىدىن جاندار ئەلى مۇپتى ، شېلى ئەلەم ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەرنى دوسىت تۇتىدۇ . ئۇ قەيەرگىلا بارمىسۇن ئۆز يۇلىدىن قايىتمايدۇ . شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى يەنە تۇتۇپ كېلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماقچى بۇلىدۇ . يۇرت چوڭلىرى ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكتىن تۇرپانغا سۈرگۈن قىلىدۇ . تۇرپان يامۇلى مۆيدىن خەلپەتنى قاراغوجىغا ئېلىپ بېرىپ ، توختى دورغىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ .

مۆيدىن خەلپەت قاراغوجىغا كەلگەندىن كىيىنمۇ ئۆز ئىرادىسىدىن قەتئى يانمايدۇ . ئاستانە ، قاراغوجا خەلقىنى تەشكىللەپ ، قوزغىلاڭ كۈتۈرۈشكە تەييارلىنىدۇ . بۇ چاغدا مۆيدىن خەلپەت تۆمۈر خەلىپىنىڭ قۇمۇل خەلقىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ غەلبىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، تۈمۈر خەلپە بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى پىلانلاپ ، ئىشەنىچلىك ئادەملىرىدىن سەيپۇل دېھقان ۋە قاراغوجىلىق مەشغھۇر چېلىشچى مامۇت زورنى ئالاقە باغلاشقا ئەۋەتىدۇ .

قۇمۇل شەھرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇرغان تۆمۈر خەلىپە ئالاقىچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە تۇرپان قزغىلاڭچىلىرىغا 80 تال مىلتىق ، 1000 تال ئوق ، دورا بېرىدۇ .مۆيدىن خەلپەت تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرنىڭ ئەۋەتكەن ياردىمىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قۇرالغا ئىگە بولغان تۇرپان دېھقانلىرىنى تەشكىللەپ 1912-يىلى كۈزدە قوزغىلاڭ كۈتۈرىدۇ . بۇ قوزغىلاڭغا پىچان توقسۇن دېھقانلىرىمۇ ئاۋاز قۇشىدۇ . بۇ قوزغىلاڭ تۇرپان خەلقى ئارىسىدا مۆيدىن خەلپەت يېغىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ .

شامەخسۇت بىلەن لۈكچۈن ۋاڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇمۇل ۋە تۇرپان قوزغىلاڭچىلرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ قوزغىلاڭچىلارغا تاقابىل تۇرالمايدۇ . ئاخىر ياڭزىڭشىندىن ياردەم سورايدۇ . ياڭزىڭشىن قوزغىلاڭچىلارنى تازىلاشقا ئەسكەر چىقارغان بولسىمۇ ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بۇلىدۇ . ئاخىر ئۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىغا نىسبەتەن «  قورقىتىش ، يۇمشىتىش» تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ ، بىر تەرپتىن قوزغىلاڭچىلارغا تەسەلى ئېيتىش مەزمۇنىدا ئېلان چىقارسا ، يەنە بىرتەرەپتىن « ھۇشۇڭلارنى تېپىڭلار ، بولمىسا ئەدىۋىڭلار بېرىلىدۇ » دەپ ۋەھىمە سالىدۇ . قوزغىلاڭچىلار ئىچىگە ئادەم ئەۋەتىپ « باج سېلىق ئالۋان ياساق ئازايتىلىدۇ ، ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈلىدۇ » دەپ قۇرۇق ۋەدە قىلىپ ، قوزغىلاڭچىلارنى سۆھبەتكە چاقىرىدۇ . لېكىن قوزغىلاڭچىلار ئۇ گەپلەرگە قۇلاق سالماي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ . ياڭزىڭشىن ئاخىرى دىنى ئىمتىياز ئىگىلىرىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭچىلار سېپىنى پارچىلاپ ، « بىر بىرلەپ يۇقىتىش » كۇيىغا چۈشىدۇ . خۇيزۇ قىسمىنىڭ يىڭجاڭى لى شۇ فۇ ۋە فىڭ ھاجى قاتارلىق دىندارلارنى ئىشقا سالىدۇ . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەلىپىنى ئۇرۇنداشقا تۈمۈر خەلپە ۋە باشقا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھاياتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە قىلىدۇ . قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچىدۇ . نەتىجىدە ياڭزىڭشىن بىلەن تۈمۈر خەلىپە ئوتتۇرىسىدا بىر مۇنچە شەرتلەر بۇيىچە كىلىشىم تۈزۈلۈپ ، تۈمۈر خەلپنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدۇ .ياڭ زېڭشىن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇل بۇيىچە ئالداپ قولغا كەلتۈرۈپ ، قوزغىلاڭچىلارنى مۆيدىن خەلپەت باشچىلىقىدا بىر يىڭ قىلىپ تەشكىللەپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى يۇقىتىش سۈيىقەستىنى پىلانلايدۇ .

تۈمۈر خەلپە ، مۆيدىن خەلپەتلەر ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ئۇلار تەرەپتىن تەيىنلەنگەن يۇرت باشلىقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ . قوزغىلاڭغا قاتناشقان دېھقانلاردىن تەتۈر ھېساب ئېلىنىدۇ . بىر قىسىم كىشلەر زىندانغا تاشلىنىدۇ . شۇڭا تۈمۈر خلىپە ، مۆيدىن خەلپەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سېزىپ قايتا ھەركەتلەنمەكچى بۇلىدۇ . لېكىن ، خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ پىلانى سېزىلىپ قېلىپ ،1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىسى ئۇلار قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرىلىدۇ .خەلق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارىماي مۆيدىن خەلپەتنىڭ جەسىتىنى تۇرپان قاراغوجىغا يۆتكەپ ئاپىرىپ داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ دەپنە قىلىدۇ .

تۈمۈر خەلپە ، مۆيدىن خەلپەتلەرنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ كپ قىسمى « يۇتىغا قايتۇرۇش » باھانىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا سېلىنىپ ،پىلان بۇيىچە يولدا يۇشۇرۇپ قۇيۇلغان ياڭزىڭشىننىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىر ئاي داۋاملاشقان مۆيدىن خەلپەت باشچىلىقىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى قانلىق باستۇرۇلىدۇ .

مەنبە -شېرىپ نىياز خۇشتارنىڭ « شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر » ناملىق كىتابى