مېھراي ئەركىن

ئورنى Wikipedia
مېھراي ئەركىن

Mehray Erkin

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1990-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
كونا شەھەر ناھىيىسى، قەشقەر
ۋاپات بولغان 2020-يىلى 11-ئاي
يانبۇلاق قاماقخانىسى، قەشقەر
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى ئوقۇغۇچى

مېھراي ئەركىن (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mehray Erkin) بولسا مېھرىئاي ئەركىن، 1990-يىلى 2-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسى دە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەردە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

  • خىتاينىڭ بېيجىڭ پوچتا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 2013-ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن يۇرتى قەشقەرگە قايتقان.
  • مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ ياپونىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى دادىسى ئېچىپ بەرگەن ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىكەن.
  • مېھراي ئەركىن 2014-يىلى ياپونىيەنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان.

توكيو ئايروپورتى[تەھرىرلەش]

مېھراي ئەركىن خانىم 2019-يىلى 6-ئايدا ياپونىيەنىڭ <<نارا پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى>> (Nara Technology and Science Institute) دىكى خىزمىتىدىن ئايرىلغان.

مېھراي ئەركىن 2019-يىلى 8-ئايدا يۇرتى قەشقەرگە قايتقان.

2019-يىلى توكيو ئايروپورتىدا تۇرۇپ بىر دوستىغا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر قالدۇرغان.

لىكىن كىچىكىمدە ئۆگۈتۈلگەن ئىلىملەردە پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى قېشىدا تۇرۇپ ئادا قىلىدۇ، دەپ.
ئاڭلاپتىمەن.
ئامان بولۇڭ.
ئۆلۈپ كەتسەم قەۋرەم بولسا، بىر دەستە قىزىل چوغلۇق قەۋرەمنىڭ بەلگىسى بولىسۇن.

يۇقىرىدىكى مەزمۇن مېھراي ئەركىننىڭ دوستىغا يازغان ئۇچۇرى بولۇپ، ئەينەن ئېلىندى.

لاگېرغا قامىلىشى ۋە ۋاپاتى[تەھرىرلەش]

مېھراي ئەركىن 2020-يىلى 2-ئايدا قەشقەر يانبۇلاق لاگېرىغا قامالغان.، كىېيىن 2020-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن. [1]

كېيىن مېھراي ئەركىننىڭ قاماقخانىدا جان ئۈزگەنلىكى ۋە بۇ ئۆلۈم خەۋىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ساقچى تەرەپنىڭ مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئېغىر تەھدىت سالغانلىقىنى ئاشكارىلانغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تۇتۇپ تەكشۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. [2]

باشقىلار[تەھرىرلەش]

ئابدۇۋېلى ئايۇپ-تاغىسى (دادىسىنىڭ ئىنىسى)

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى