مەسجىدى ھەرەم

ئورنى Wikipedia

مەسجىدى ھەرەم (ئەرەبچە: المسجد الحرم)، مەككەدە كەئبەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۈيۈك جامئە مەسجىد. ھۈرمەتلىك مەسجىد مەنىسىدىكى كەلگەن بۇ ئىپادە قۇرئاندا 16 ئايەتتە يەر ئالماقتا.

مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان كەئبىنىڭ شەرقىي بۇرجىسىدا ئىشارەت تاشى سۈپەتىدە پەرقلىق رەڭ ۋە ئالاھىيدىلىككە ئىگە بولغان "قارا تاش" مەنىسىدىكى "ھەجەرۇل ئەسۋەد" جايلاشتۇرۇلغان ۋە كۈمۈش بىر رامكا بىلەن ئورالغان. بۇ تاشنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن كۈنىمىزگىچە كەلگەن بىر يالداما دەپ قارالىدۇ. بۇ سەبەبتىن ھەم پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەك قىممەتلىكتۇر.

كەئبە، ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملاردىن سوڭرە نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەرگە دۇچار بولغان. تۈرلۈك دەۋىرلەردە قىسمەن ياكى پۈتۈنى بىلەن يېڭىدىن ئىنشا قىلىنغان ۋە كۈنىمىزدىكى ھالىغا ئۇلاشقان. شۇ ۋاقىتتا كەئبە، مەسجىدى ھەرەم بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 400،800 مېتر2 كۆلەملىك بىر يەرنى قاپسايدۇ.

شۇنداقلا 820،000 كىشىلىك سىغىمى بىلەن كۈنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ جامئە مەسجىدتۇر.

مەسجىدى ھەرەم ۋە كەئبەئى مۇئەززەمە