نۇر بەكرى

ئورنى Wikipedia
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى - نۇر بەكرى


نۇر بەكرى(خىتايچە:努尔·白克力، ئىنگىلىزچە: Nur Bekri)، ئەر، ئۇيغۇر. بورتالا شەھىرىدىن. 1961-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتلار سىنىپىنىڭ سىياسەت، نەزەرىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

خىزمەت تارىخى[تەھرىرلەش]

  • 1978-يىلى11-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى سىياسەت فاكولتېتى سىياسەت، نەزىرىيە كەسپىدە ئوقۇغان.
  • 1982-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن،
  • 1983-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
  • 1983-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكولتېتىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
  • 1984-يىلى11-ئايدىن 1989-يىلى 1-ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، (بۇ مەزگىلدە: 1985-يىلى3-ئايدىن7-ئايغىچە شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپرانتلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان).
  • 1989-يىلى1-ئايدىن 1992-يىلى 1-ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، (1986-يىلى9-ئايدىن1989-يىلى7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتلىق سىنىپىنىڭ سىياسەت، نەزىرىيە كەسپىدە ئوقۇغان).
  • 1992-يىلى1-ئايدىن 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
  • 1992-يىلى 6-ئايدىن 1993-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
  • 1993-يىلى9-ئايدىن 1995-يىلى 4-ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى بولغان، (بۇ مەزگىلدە: 1994-يىلى5-ئايدىن11-ئايغىچە شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ فېيچىڭ شەھىرىدە ۋەزىپە بىلەن مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان).
  • 1995-يىلى 4-ئايدىن 1996-يىلى3-ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان.
  • 1996-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى2-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان.
  • 1998-يىلى 2-ئايدىن 3-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.
  • 1998-يىلى 3-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.
  • 2000-يىلى 12-ئايدىن2001-يىلى1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
  • 2001-يىلى1-ئايدىن 2003-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
  • 2003-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
  • 2005-يىلى1-ئايدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ج ك پ 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان.
  • 2007-يىلى 28–دېكابىر ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35–قېتىملىق يىغىنىدا، ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسى ماقۇللىنىپ، نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.
  • 2008–يىلى 22–يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى 3–قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

2014- يىلى 12- ئايدا مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلگەن. ئورنىغا شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەتلىك ئېنىرگىيە ئىدرىسنىڭ شۇجىسى، ئىدار باشلىقى بولغان.

تۇتۇلۇشى[تەھرىرلەش]

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.(1)

ئەيىبنامەسى[تەھرىرلەش]

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، نۇر بەكرى تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلىپ، تەشكىلىي سۆھبەت ۋاقتىدا مەسىلىسىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن؛ ئاچكۆزلۈك قىلىپ چىرىكلەشكەن، جەمەت خاراكتېرلىك چىرىكلەشكەن، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىق ياكى خىزمەت ھوقۇقى، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت يۆتكىلىش، كارخانا تىجارىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى باشقا تۇغقانلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن زور سوممىلىق مال- مۈلۈكلەرنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان، باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇزاققىچە ھەقسىز ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا، مەخسۇس شوپۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغان، كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالىي دەرىجىلىك زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلغان، زور سوممىلىق سوۋغات، ھۆرمەت پۇلى ئالغان؛ تۇرمۇشتا راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، ئىسراپخورلۇق قىلغان، ئەخلاقى بۇزۇلۇپ، ھوقۇق - سەتەڭ سودىسىغا بېرىلگەن.

  نۇر بەكرى غايە ۋە ئېتىقادىنى يوقاتقان، ئۇنىڭدا «تۆت ئاڭ» قىلچىمۇ يوق، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەن ۋە پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ھۇشىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، ھېيىقىشنى، ئەيمىنىشنى بىلمىگەن، خاراكتېرى ئىنتايىن يامان، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، نۇر بەكرىگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، چېتىشلىق مال-مۈلكى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.(1)

سوتلىنىشى[تەھرىرلەش]

تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، 1998-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە جاۋابكار نۇر بەكرى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، رەئىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىق ياكى ھوقۇقى، ئورنى شەكىللەندۈرگەن قولايلىق شارائىت ئارقىلىق ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن، بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان مال-مۈلۈكىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 79 مىليون 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.(2)

ھۈكۈم[تەھرىرلەش]

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى نۇر بەكرىنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى،  بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ نۇر بەكرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئېرىشكەن زاڭ پۇل ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرغۇزدى. نۇر بەكرى سوتنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقى، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار نۇر بەكرىنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سوممىسى ئالاھىدە يۇقىرى، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك، دەپ قارىدى. نۇر بەكرىنىڭ دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تېخى ئىگەللىمىگەن كۆپ قىسىم جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، توۋا قىلغانلىقى، ئاكتىپلىق بىلەن زاڭ مالنى قايتۇرغانلىقى ھەمدە دېلوغا چېتىشلىق زاڭ پۇل، زاڭ مالنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى، قانۇندا بەلگىلەنگەن، ئەھۋالغا قاراپ يېنىك جازا بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلىدۇ، دەپ يۇقارقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

1.خەلق تورى http://uyghur.people.com.cn/155989/15758543.html

2. جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى https://web.archive.org/web/20191204034313/http://www.uycnr.com/jdt2019/201912/t20191203_1374461.html