يامان بولىدۇ (ئۇيغۇر كۈلتۈرى)

ئورنى Wikipedia

يامان بولىدۇ (باشقىچە تەلەپپۇزى: يامان بولىدۇ، يامان بۇلىدۇ؛ لاتىنچە: Yaman Bolidu) ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭىرىزىم دەۋىردىن باشلانغان، بۇددىزىم، ئىسلامىيە دەۋىردىمۇ يوقالماي ساقلىنىپ كەلگەن، ھازىرقى جەمىئيەتكە ناھايىتى ماس كېلدىغان ئەڭ ئىلغان ئەخلاق كۈلتۈرىنىڭ نەۋقىران يۇلتۇزى.

يامان بولىدۇ دېگەنلىك مەلۇم ئىشنى قىلسا بولمايدۇ (ئەخلاق، نىزام، مىللى كۈلتۈر، ئۇلۇس كۈلتۈرى ۋە باشقا جەھەتتىن)، ئەگەر قىلىپ سالسا تەڭىرنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشىشى مۇمكىن دېگەنلىكتۇر. يامان بولىدىغان ئىش-ھەركەتلەر، سۆزلەرنىڭ قانۇن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ پۈتۈنلەي ئەخلاق مەسلىسى. يامان بولىدۇ قارىشى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئودۇن بودۇنلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللار مابەيىنىدە يوقاتماي ساقلاپ كەلگەن ئەڭ ئېسىل خىسلىتى.

يامان بولىدۇ مىساللىرى[تەھرىرلەش]

  1. سۇغا سىيسە يامان بولىدۇ.
  2. كېچىسى تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ.
  3. دەرياغا، ئېرىققا، باشقا سۇ مەنبەلىرىگە تەرەت قىلسا، بۇلغىسا، ۋە كىر يۇيسا، مەينەت قىلسا يامان بولىدۇ.
  4. (سودا-تىجارەتتە) كەچۋاقتى پۇل ئالسا يامان بولىدۇ.
  5. تىرناقنى ئېلىپ يىغىپ ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىمىسا يامان بولىدۇ.
  6. باشقىلارنىڭ يامان گېپنى قىلسا، غەيۋەت قىلسا يامان بولىدۇ.
  7. مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈپ قويسا بولمايدۇ.
  8. ھايۋاناتلارنى قىينىسا يامان بولىدۇ.
  9. ئاياللارنىڭ كۆتىگە، مەيدىسىگە، يوتىسىغا تىكىلىپ قارىسا يامان بولىدۇ.
  10. تۇزغا، ناننىڭ ئۇۋاقلىرىغا دەسسىسە يامان بولىدۇ.
  11. ئۆتنىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا يامان بولىدۇ.
  12. غۇم ساقلىسا يامان بولىدۇ.
  13. ئىنسانغا زىيانسىز قۇش جانىۋارلارنى ئۆلتۈرسە يامان بولىدۇ.
  14. سۇغا تۈكۈرسە يامان بولىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. https://www.uyghur-archive.com/misranim/thread-51063-1-1.html