ياپونلۇقلارنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاقى ۋە تەبىئىي خاراكتېرى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ياپونلۇقلارنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاقى ۋە تەبىئىي خاراكتېرى

بىلىمخۇمار

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى

مەن 2000-يىلىدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى كىرىمنېي جىلغىسىدىكى بىر ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان يۇقىرى تېخنولوگويىلىك شىركەتتە ئىنژېنېرلار باشلىقى بولۇپ ئىشلىدىم. شۇ جەرياندا مەن شىركەتنىڭ تېخنىكىلىق ۋەكىلى بولۇپ ياپونىيىدىكى NEC، Fujitsu قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەر بىلەن سودىلىشىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم باردىم. 2003-يىلى يانىۋار ئايلىرى بولسا كېرەك، ياپونغا بېرىپ، قايتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۆزۈمگە ئىككى قۇر ياپوندا تىكىلگەن كاستۇم-بۇرۇلكا سېتىۋالماقچى بولۇپ، توكيودا بازار ئايلاندىم. بارغان كۆپلىگەن چوڭ-چوڭ سودا سارايلىرىدا ياپوندا تىكىلگەن كىيىم تېپىلمىدى (ئۇ يەردىكى كىيىملەر ئاساسەن جۇڭگودا تىكىلگەن ئىكەن). ئاخىرى بىر كىچىك ئائىلە دۇكىنىدا ياپوندا تىكىلگەن كاستۇم-بۇرۇلكىلارنى تاپتىم. ئۇ دۇكاندىكى كىيىملەردىن ماڭا پەقەت ئۆزۈمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نومۇردىن بىر نومۇر كىچىكلىرىلا تېپىلدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن ئامالسىز ئاشۇ كىيىمدىن ئىككى قۇر ئېلىشنى قارار قىلىپ، پۇل تۆلىمەكچى بولغاندا، دۇكاننىڭ ئىگىسى «بۇ كىيىم ساڭا سەل كىچىك كېلىپ قاپتۇ. بۇنى ئالمىغىن. مەن ساڭا ئايرىم بۇيرۇتۇپ ئەكەلدۈرۈپ بېرەي» دېدى. ئۇ بىر پەيشەنبە كۈنى بولۇپ، مەن ئەتىسى ئامېرىكىغا قايتىپ كېتىشنىڭ بېلىتىنى ئاللىبۇرۇن ئېلىپ بولغان ئىدىم. ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن، دۇكان ئىگىسى يەنىلا «بۇ كىيىم ساڭا لايىق ئەمەسكەن. ئۇنى ئالمىغىن. يەنە بىر قېتىم كەلگەندە ئۆزەڭگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نومۇرلۇقىنى ئالغىن» دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئۇنىڭغا ياپونغا قايتا كېلەلمەي قېلىشىم ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، نۇرغۇن يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ھېلىقى ئىككى قۇر كىيىمنى ئاران تەستە سېتىۋالدىم. شۇ چاغدا مەن ئىچىمدە «ئەگەر بۇ دۇكان ئىگىسى ياپونلۇق ئەمەس، باشقا بىر قىسىم مىللەتلەردىن بولغان بىرسى بولغان بولسا، ماڭا بۇ كىيىمنى «ئانداق يارىشىپ كەتتى، مۇنداق يارىشىپ كەتتى»، دەپ، ئىككى قۇر ئەمەس، ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ جىقراقىنى سېتىۋالماقچى بولار ئىدى، ھە؟» دەپ ئويلىدىم.

ياپونىيىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن سورىسىڭىز، ئۇلار سىزگە پويىزدا ئولتۇرغاندا سومكىسىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، ئۇنى كېيىن تېپىۋالغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بەزىلەر ئەتىگىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، كەچتە تېپىۋالىدۇ. بەزىلىرى بۈگۈنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، ئەتىسى تېپىۋالىدۇ. ئۇنداق ئىش ياپوندا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ماڭىمۇ بىر قېتىم بولغان ئىدى. سومكامنى توكيودىكى بىر پويىزدا ئەتىگىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، كەچتە ئاشۇ پويىزنىڭ باشقا بىر بېكىتىگە بېرىپ، ئاشۇ پويىز شىركىتىدە ئىشلەيدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ سائەت قانچىدە قايسى بېكەتتىن چۈشكەنلىكىمنى دەپ بەرسەم، ئۇلار ئاشۇ پويىزنىڭ سائەت قانچىدە قايسى بېكەتكە كېلىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ بېكەتتە ھېلىقى پويىزغا چىقىپ، سومكامنى ئۆزەم قويۇپ قويغان يەردىن تېپىۋالغان ئىدىم.

مەن ئالدىنقى ماقالىدە مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەرگەن ئىدىم: مېنىڭ بىر تونۇشۇم ياپوندا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، تۈركىيىدىن كەلگەن بىر تۈرك بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ئۇ تۈرك دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۆزىگە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، خۇددى بىر خىزىرغا ئوخشاش سالاپەتكە ئىگە كىشى بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ مېنىڭ تونۇشۇمغا مۇنداق دەپتۇ: «قۇرئان كەرىمدە قانداق كىشىلەر ئەڭ مۇكەممەل، ئاللاھ ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىشىلەر بولالايدىغانلىقى ھەققىدە ئايەتلەر بار بولۇپ، مەن ھازىرغىچە ئۇنداق ئادەملەرنى ئاساسەن ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم. لېكىن ئۇلارنى مەن ياپونىيىدە كۆردۈم. ياپونلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇنداق ئادەملەردىن ئىكەن. » [1]

يېقىندا مىسرانىم مۇنبىرىگە «2013-يىلى قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئەڭ ساپالىق خەلق بولۇپ باھالاندى؟» دېگەن بىر تەما يوللاندى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن [2]:


نەقىل: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ يەرشارى بويىچە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنڭ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئونىنچى ئورۇنغا كىرگەن دۆلەتلەر:

1. ياپونىيە (ئاسىيا قىتئەسى)

2. ئامېرىكا (شىمالى ئامېرىكا قىتئەسى)

3. فرانسىيە (ياۋرۇپا قىتئەسى)

4. گوللاندىيە (ياۋرۇپا قىتئەسى)

5. شىۋېتسارىيە (ياۋرۇپا قىتئەسى)

6. كانادا (شىمالى ئامېرىكا قىتئەسى)

7. ئاۋىسترالىيە (ئوكئانىيە قىتئەسى)

8. گېرمانىيە (ياۋرۇپا قىتئەسى)

9. روسسىيە (ياۋرۇپا قىتئەسى)

10. يېڭى زىللاندىيە (ئوكئانىيە قىتئەسى)

يەرشارى بويىچە ئەڭ كەينىدىن سانىغاندىكى ئون دۆلەت:

168. ھىندىستان (ئاسىيا قىتئەسى)

167. جۇڭگو (ئاسىيا قىتئەسى)

166. ئافغانىستان (ئاسىيا قىتئەسى) (ئەسلىدىكى تېمىدا يەنە 7 دۆلەتنىڭ ئىسمى بېرىلگەن. نەقىل تۈگىدى)

مىسىرلىق ئىسلام دىنى ئالىمى، دوكتۇر يۈسۈف قەرداۋىنىڭ « مۇسۇلمانلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مەغلۇبىيەتلىرى » دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مىسىر ياپونىيە بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخى ياپونىيىدىن بۇرۇنراق قۇدرەت تېپىش يولىغا ماڭغانىدى، ئەمما ھازىر قارايدىغان بولساق، ياپونىيە نەدە؟ مىسىر نەدە؟» [3]

قىسقىسى، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ياپونلۇقلار دىنىي ئېتىقادى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئەمما مىللىي ساپاسى ناھايىتى ئۈستۈن بولغان بىر مىللەت. ياپونلۇقلار ئۆزىنىڭ ساپاسىنى كۆپۈنچە ھالدا «ياپونلۇقلار روھى» (Japanese spirit) دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ 794-يىلىدىن 1185-يىلىغىچە داۋام قىلغان «تىنچلىق دەۋرى» (平安時代، Heian jidai) دە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ [4]، ئۇ ياپون خەلقىنىڭ مەنىۋىي ۋە مەدەنىي قىممەت قارىشى ۋە خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ. غەربلىكلەر ياپونلۇقلارنىڭ ساپاسىنى تەسۋىرلەشكە «ئەخلاقىي خاراكتېر» (moral charakter) دېگەن سۆزنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. يەنى، ياپونلۇقلارنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرى غەربلىكلەرنىمۇ خېلى قاتتىق جەلب قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەمۇ بۇرۇنقى بىر ۋاقىتلاردا مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، ياپونلۇقلارنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرى ۋە ئۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ياپونىيە ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىنسان تەرەققىياتى جەھەتتە دۇنيادا يېتەكچى رول ئويناۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بىز بولساق ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە نورمال ئىنسانلاردەك ياشايدىغان بىر شارائىتنى بەرپا قىلىش يولىدا تىركاڭشىشىۋاتقان خەلق. شۇڭلاشقا، خۇددى يەھۇدىلارغا ئوخشاش، ياپونلۇقلاردىمۇ بىزدە يوق، بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولغان بىر قىسىم ئىلغار نەرسىلەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياپونلۇقلار توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى، پەقەت ياپونلۇقلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك مېھسۇلاتى بىلەنلا چەكلىنپ قالغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت. مەن مەزكۇر ماقالىدا ياپونلۇقلار روھى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلغان ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئەخلاقىي خاراكتېر جەھەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك، ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر مىللەت بولالىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. ھازىر بىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا ياپونلۇقلار قوللانغان ئۇسۇل-تەدبىرلەرنى بىز ئەينەن قوللىنالمايمىز. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنى تولۇق چۈشىنىش، ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى بىلىۋېلىش ۋە ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى توغرا ۋە ئىلمىي يۇسۇندا چۈشىنەلەيمىز. ھەمدە شۇ ئاساستا ئىمكانىيەت يار بەرگەندە ياپونلۇقلارنىڭ ئىلغار ئۇسۇللىرىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمىز. مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇش جەريانىدا يۇقىرىقىدەك نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئالدى بىلەن ياپونلۇقلارنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدىكى بىر قىسىم تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. ئاندىن ئۇلارنىڭ 9-يىللىق مەجبۇرى مائارىپىدا ئۆتۈلىدىغان ئەخلاق دەرسىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنى بايان قىلىمەن. ماقالىنىڭ زۆرۈر تېپىلغان يەرلىرىدە ياپونلۇقلارنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ناھايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىلدۈرۈپ چىقىش ئۇسۇل-تەدبىرلىرىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتىمەن.

1. ياپونلۇقلارنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

1860-يىللىرىدىن بۇرۇن، دۇنيا ياپونىيىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتى. ئەمما، 1860-يىللىرىدىن 1940-يىللىرىغىچە ياپونىيە شىددەتلىك ھالدا تەرەققىي قىلىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىر يېڭى مۆجىزە ياراتتى [5]. يەنى، قەدىمقى زامان ۋە ھازىرقى زاماننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى كۈچلۈك ئىمپېرىيىلەر، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاساسلىق سىياسىي كۈچلەر، ئىسپانىيە ئىمپېرىيىسى، ۋە ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر قانچە ئەسىر ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاندىن تولۇق قۇدرەت تېپىش سەۋىيىسىگە يېتەلىگەن ئىدى. ئەمما، ياپونىيىنىڭ تەرەققىياتى ئاقار يۇلتۇزدەك تېز بولدى. پەقەت 80 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە، ياپونىيە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. ئەمما، يەنە 70 يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ھۆكۈمران ئورنىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولدى. بۇ 70 يىل جەريانىدا دۇنيادا ئىقتىسادىي جەھەتتە نۇرغۇن داۋالغۇشلار بولدى. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېنرون (Enron)، ئومۇمىي ئاپتوموبىل (General Motors) گە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان گىگانت شىركەتلىرى ۋەيران بولدى. ئەمما، ياپونىيىنىڭ گىگانت شىركەتلىرىدىن بىرەرسىمۇ يىقىلىپ چۈشمىدى. غەربتىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇن شىركەتلىرى جۇڭگو شىركەتلىرىگە باش ئەگدى ياكى تەسلىم بولدى. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ خېلى كەڭ كۆلەمدە داۋاملىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمما، ياپونىيە شىركەتلىرىدە بۇنداق ئەھۋال ئازراقمۇ يۈز بەرمىدى. ھازىر دۇنيادىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە، پەقەت ياپونىيەلا ئۆزىنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىنى ئەينەن ساقلاپ قالالىغان بىردىن-بىر دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئىككى قېتىملىق تەرەققىيات دەۋرىدە، دۇنيادىكى باشقا خەلقلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياپونلۇقلار ئەقىللىق بولۇش، يېڭى نەرسىلەرنى تېز ئۆگىنىۋېلىش، ئىجادكار بولۇش ۋە جان تىكىپ قاتتىق ئىشلەشتىن ئىبارەت بىر قىسىم ئالاھىدە خاراكتېرلارنى نامايان قىلدى. ئۇلار غەرب تېخنولوگىيىلىرىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزلەشتۈرۈۋالدى. ياۋروپالىقلار بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالمىدى. ئۇلار ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، نەزەرىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتتى. نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇش، يىراقنى ئويلاش، ھەممە ئىشلارنى تەرەققىياتقا توغرىلاش قاتارلىقلار ياپونلۇقلارنىڭ تەرەققىيات ئۈچۈن زور ئۈنۈم بەرگەن خاراكتېرلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەمدە ياپونلۇقلار قەدىمدىن تارتىپ پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر خىل پەلسەپىدۇر. ياپونلۇق ئالىملار ۋە پەيلەسوپلار مىللىي خاراكتېرنى ھازىرمۇ ناھايىتى قاتتىق تەكىتلەيدۇ. بۇ مىللىي خاراكتېر يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە ھەر بىر ئىشتا سەۋرچان بولۇش، بىر ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغاندا، ئۇنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئىنتايىن پۇختا يەكۈنلەپ ۋە خاتىرلەپ، كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ۋە ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش روھىنى ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ [6].


2. ياپونلۇقلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى

ياپونلۇقلارنىڭ يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاقىي خاراكتېرى ئۇلارنىڭ دىنىي تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۇلارنىڭ دىنى تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

قەدىمقى زاماندىن ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ياپونىيىدە 3 چوڭ دىن ۋۇجۇتقا كەلدى ياكى ياپونىيىگە كىردى. ئۇلار شىنتو دىنى (ياپون دىنى)، بۇددىزم ۋە كۇڭزى تەلىماتىدىن ئىبارەت. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتتى، ھەمدە ياپونلۇقلار قىممەت قارىشى سىستېمىسىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى.

شىنتو دىنى ياپونىيىنىڭ تەبىئىي يەرلىك دىنى. ئۇنىڭ ئىككى خىل ئاساسىي خاراكتېرى بار بولۇپ، بىرى تەبىئەتكە سەجدە قىلىش، يەنە بىرى بولسا ئەجدادلارغا سەجدە قىلىش. شىنتو دىنىدا بارلىق تەبىئىي جىسىملار ۋە ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىدە خۇدا بار دەپ قارىلىدۇ. شىنتو دىنىدا بىرەر ئالاھىدە لىدېر مەۋجۇت ئەمەس، ھەمدە بىرەر مۇقەددەس دىنىي كىتابمۇ مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭلاشقا ياپونىيىگە بۇددا دىنى كىرگەندىن كېيىن، شىنتو دىنى بۇددا دىنىغا قوشۇلۇپ كېتىپ، ئۆزى ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىدى.

بۇددا دىنى ياپونىيىگە 6-ئەسىردە كورىيەدىن كىردى. ئۇ دەسلىۋىدە پەقەت شۇ چاغدىكى ھۆكۈمران سىنىپ ئەزالىرى ئارىسىدا تارالغان بولۇپ، 604-يىلى بۇددىزم پەلسەپىسى ئاساسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئاساسىي قانۇن ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇددا دىنى 20-ئەسىرگە كەلگىچە پەقەت ئاقسۆڭەكلەرنىڭلا دىنى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ 13-ئەسىردىن باشلاپ ئادەتتىكى پۇخرالار ئارىسىدىمۇ تارىلىشقا باشلىدى. ئاشۇ چاغدا بۇددا دىنى ئىستىقامىتىدە ئۆلتۈرۇش (زېن Zen) ياكى كۆڭۈلنىڭ جىمجىتلىقىدىن ئىبارەت بىر خىل دانا دىنىي ۋە روھىي ھالەتكە ئېرىشىش سامۇراي سىنىپى (ياكى ھەربىي قىسىملار) ئىچىدە كەڭ-كۆلەمدە تارقالدى.

ئالتىنچى ئەسىردە ياپونىيىگە كۇڭزى تەلىماتىمۇ يېتىپ كېلىشكە باشلىدى. كۇڭزى تەلىماتىنىڭ 4 ئاساسىي پىرىنسىپى بار بولۇپ، ئۇلار ھوقۇقتىكى دەرىجە تۈزۈمى، ئائىلە سىستېمىسى، مېھرىبانلىق (benevolence)، ۋە مائارىپنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت. بۇ پرىنسىپلار ياپونلۇقلارنىڭ ئەخلاقىغا ۋە تۇرمۇش كۆز قارىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.

ياپونلۇقلارنىڭ يۇقىرىدىكى 3 خىل دىنغا مەركەزلەشكەن قىممەت قارىشى سىستېمىسى تىنچلىق دەۋرى دەپ ھېسابلىنىدىغان ئېدو دەۋرى (1603 – 1867) دە ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.


3. ياپونلۇقلارنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرىنىڭ 4 تۈۋرۈكى

ياپونىيە جەمئىيىتى ۋە ياپونلۇق كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي خاراكتېرىنىڭ 4 ئاساسىي ئېلېمېنتى بار. ئۇلار ياپون تىلىدىكى خەنسۇچە خەتلەر بىلەن مۇنداق يېزىللىدۇ: (1) 恩، (2) 義務، (3) 義理، ۋە (4) 人情. بۇ 4 ئېلېمېنتنىڭ ھەممىسى ياپونلۇقلارنىڭ نەزىرىدىكى «شان-شەرەپ» نى مەركەز قىلغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «شان-شەرەپ» بولسا ئابروي، ئۆز-ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت ۋە كىشىلىك ئەخلاق قاتارلىقلارنىڭ جۇغلانمىسىغا قارىتىلغان. مۇشۇ ئۇقۇملارنى توغرا چۈشىنىش ياپونلۇقلارنىڭ ھازىرقىدەك ئەخلاقىي خاراكتېرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىدىكى مەقسىتى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداقلا ياپونلۇقلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن «كۈلكىلىك»، «پاجىئەلىك»، ۋە «دراماتىك» دەپ قارىلىدىغان ئىشلىرىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق. مەن تۆۋەندە يۇقىرىدىكى 4 ئېلېمېنتنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتىمەن.

(1)恩: بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇنداق خاراكتېرگە ئىگە كىشىلەردىن ئۆز گەدىنىدىكى باشقىلار تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان شان-شەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قەرزنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇلارنى قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز جېنى بىلەن قايتۇرۇش خاراكتېرى مۇشۇ ئەخلاقىي خاراكتېردىن كەلگەن.

(2) 義務: بۇنىڭ مەنىسى «تەقۋادارلىق» ياكى «ئىخلاسمەنلىك» تىن ئىبارەت. ئەگەر بىر ئادەم باشقا بىر ئادەمگە قەرز بولۇپ قېلىپ، ئۇنى قايتۇرالمايدىغان بولۇپ قالسا، بۇ خاراكتېر قەرز بولغۇچىنى قەرز قىلغۇچىغا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆز قەرزىنى ياندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(3) 義理: بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرچىدىكى ۋە غەربلىكلەر تىلىدىكى «مەجبۇرىيەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىن خېلىلا مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمدىن ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى بىر شەرەپلىك ھاياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك فۇنكسىيىسى سۈپىتىدە ئادا قىلىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

(4) 人情: بۇ سۆز ئادەتتە «ھېسداشلىق» (compassion) دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۇ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىقنى ساقلاشنى، ھەمدە بۇددا دىنىدىكى «تەقدىر» نىڭ تەلىۋى بويىچە، ئىنسانلارنىڭ تاشقىي جەھەتتىكى پەرقلىرىدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.


4. «ياپونلۇقلار روھى»

ئەگەر ياپونىيىگە بېرىپ بىر مەزگىل ياشىسىڭىز، ياپونلۇقلاردىن بەزىدە «ياپونلۇقلار روھى» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ قالىسىز. بۇ سۆز ياپونچە «大和魂» دەپ يېزىلىپ، «ياماتو-داماشىئى» دەپ ئوقۇلىدۇ. ئۇ ياپونلۇقلارنىڭ روھىي ۋە مەدەنىي قىممەت قارىشىنى، ھەمدە ياپون خەلقىنىڭ خاراكتېرىنى شەرھىلەش ئۈچۈن ۋۇجۇتقا چىقىرىلغان. بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپتە 794-يىلىدىن 1185-يىلىغىچە داۋام قىلغان ياپونىيە تىنچلىق دەۋرى (Heian jidai، 平安時代) دە ياپونلۇقلار روھى ياكى مەدەنىي قىممەت قارىشىنى چەت ئەلنىڭكىدىن، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ تاڭ خاندانلىقىنىڭ نەرسىلىرىدىن، پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋۇجۇتقا چىقىرىلغان. كېيىنچە بۇ سۆز ياپونلۇقلار روھى بىلەن جۇڭگولۇقلار روھى ئوتتۇرىسىدىكى سۈپەت جەھەتتىكى سېلىشتۇرمىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. 1603-يىلىدىن 1867-يىلىغىچە بولغان ئېدو دەۋرى (江戸時代، ئېدو جىدائى) گە كەلگەندە، يازغۇچىلار بىلەن سامۇرايلار بۇ سۆزنى چېلىشچىلار (武士道، بۇشىدو) نىڭ شان-شەرەپ ۋە باتۇرلۇق ئۇقۇملىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇلارنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. 1312-يىلىدىن 1317-يىلىغىچە بولغان شوۋا دەۋرى (昭和時代، شōۋا جىدائى) دە ياپونىيە مىللەتچىلىرى «ياپونلۇقلار روھى» نى «ياپونلۇقلارنىڭ باتۇر بولۇش، جۈرئەتلىك بولۇش، ۋە ئېگىلمەس روھى» دەپ تەشۋىق قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە شۇ دەۋردىكى ياپونلۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي-سىياسىي تەلىماتلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1867–يىلىدىكى مەئىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەۋرى (明治維新، مەئىجى ئىشىن) گە كەلگەندە، «ياپونىيە روھى» نىڭ 3 خىل يېڭىچە ئاتىلىشى ۋۇجۇتقا چىقتى. ئۇنىڭ بىرىنچىسىنى داڭلىق سامۇراي يازغۇچىسى كيوكۇتەئى باكىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە بىر ئادەم ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغاندىمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمگە قىلچە پەرۋا قىلماسلىقى ئۇنىڭ ياپونلۇقلار روھىدىن بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى «سۇگاۋارا نىڭ ئۆلۈم ۋەسىيەتنامىسى» دا «ياپونلۇقلار روھى ۋە جۇڭگولۇقلار ئىلىم-پېنى» (和魂漢才، ۋاكون-كانسائى) دەپ شەرھىلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈچۈنچىسى بولسا يوشىكاۋا تاداياسۇ (吉川忠安) نىڭ «تەرەققىيات توغرۇلۇق سوئاللار ۋە ئاساسىي تېمىلار» (開化策論، كائىكا ساكۇرون) دېگەن ماقالىسىدا «ياپونلۇقلار روھى ۋە چەت ئەللىكلەر تېخنولوگىيىسى» (和魂洋才، ۋاكون-يوسائى) دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1894-يىلى 1-ئاۋغۇستتىن 1895-يىلى 17-ئاپرىلغىچە بولغان 1-قېتىملىق ياپون-جۇڭگو ئۇرۇشى ۋە 1904-يىلى 8-فېۋرالدىن 1905-يىلى 5-سىنتەبىرگىچە بولغان روسسىيە-ياپون ئۇرۇشىدىكى ياپونىيە غەلبىسىدىن كېيىن، ياپونىيە مىللەتچىلىرى «ياپونلۇقلار روھى ۋە چەت ئەللىكلەر تېخنولوگىيىسى» نى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ھەربىيلەشتۈرۈشتىكى بىر مودا شوئار قىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپونىيە ھەربىي كۈچلىرىنىڭ رەسمىي يىغىلىش چاقىرىقى دەرىجىسىگىچە تەرەققىي قىلدۇرغان. «ياپونلۇقلار روھى» دېگەن سۆز ھازىرمۇ «ياپونلۇقلار نەزەرىيىسى» (日本人論) توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەردە ۋە ئىسپورتقا ئائىت ئاخبارات تەشۋىقاتلىرىدا داۋاملىق ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.


5. ئېدو ۋە مىللەتچىلىك دەۋرلىرىدىكى ئەخلاقىي تۈزۈم تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى

ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرىنىڭ بىر قىسمى ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولىدۇ. يەنە بىر قىسمى بولسا ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولمايدۇ. يەنى ئۇ مىللەت، ماكان ۋە زامانغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بىز تۆۋەندە كۆرىدىغىنىمىزدەك، ياپونلۇقلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا ئۆزلىرىنى بىر خىل ئۆزگىچە ئەخلاقىي خاراكتېرگە ئىگە قىلغان.

ئېدو دەۋرىدىن كېيىنكى ھازىرقى زامان دەۋرىدە، ئىككى چوڭ ۋەقە ياپونىيە مائارىپىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىرى 1867-يىلىدىكى مەئىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى، يەنە بىرى بولسا 1945-يىلىدىكى 2-دۇنيا ئۇرىشىنىڭ ئاخىرلىشىشى. ئاشۇ ئىككى ۋاقىتتا ياپونىيىنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىسىمۇ ناھايىتى زور تەسىرگە ئۇچرىدى.

ياپونلۇقلار ئېدو دەۋرىدىلا مائارىپقا ئىنتايىن قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ چاغدا ھەربىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى سامۇراي سىنىپى (ياكى ھەربىي قىسىم) نىڭ قولىدا ئىدى. شۇڭا سامۇراي ئائىلىلىرىنىڭ بالىلىرىغا مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە ھەربىي كەسىپلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە مەكتەپلەر قۇرۇلغان ئىدى. بۇ چاغدا سامۇرايلارنىڭ ئەخلاقى بۇشىدو (武士道) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ سامۇرايلارنىڭ ھەربى تۈزۈمى ئىدى. بۇشىدو تۈزۈمى كۇڭزى تەلىماتى بىلەن زەن ئىدىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەردىن ساداقەتمەنلىك، ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىش، ئادالەت، نومۇس تۇيغۇسى، تەربىيە كۆرگەن يۈرۈش-تۇرۇش خىسلىتى، ساپلىق، كەمتەرلىك، سامۇراي ياكى جەڭچى روھى، شان-شەرەپ، مېھىر-مۇھەببەت، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار سۈپەتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىلاۋە: يۇقىرىقىدەك بۇشىدو تۈزۈمى ياپونىيىدە تارىختىن بۇيان پۇخرالار ئارىسىدىكى ۋە ئاق-سۆڭەكلەر بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانىي-ھوقۇق باراۋەرلىكىنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلغان. شۇڭلاشقا ياپونىيىدە دەرىجىسى يۇقىرى كىشىلەر بىلەن دەرىجىسى تۆۋەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا، ۋە ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن ئادالەتسىزلىك مەۋجۇت ئەمەس.

ئېدو دەۋرىدىكى ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى جەڭچى روھى بىلەن شان-شەرەپتىن ئىبارەت بولدى. يەنى، باشقىلاردىن ئۈستۈن كېلىشنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش بولدى. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى جىسمانىي كۈچ بىلەن باشقىلاردىن غالىپ كېلىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، بۇشىدو روھى بويىچە، ئۆز-ئۆزىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن روھىي تەربىيە ئېلىش دېگەنلىك. چۈنكى، بىر ئادەم پەقەت ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئارقىلىقلا ئاندىن باشقىلار ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈكلىكى ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەشتە غەلىبە قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن قولغا كەلتۈرگەن كۈچلۈكلۈك باشقىلارنى روھىي جەھەتتە بېسىپ چۈشىدۇ، ھەمدە روھىي قامەتنىڭ نامايەندىسى بولۇپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە قىلىدۇ. تەربىيە كۆرگەن يۈرۈش-تۇرۇش خىسلىتى بولسا روھىي قاۋۇللۇقنى نامايان قىلىشنىڭ مۇھىم بىر ئامىلىدۇر.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى قىسمى، يەنى مەئىجى دەۋرىدىكى ياپونىيىدە ئەخلاق (morality) زىيالىلار ئارىسىدىكى بەس-مۇنازىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم يەردىن ئورۇن ئالدى [7]. بۇ دەۋرنى ئىجتىمائىي دارۋىنىزمچىلارنىڭ «مۇۋاپىق كېلىدىغانلار ھايات قالىدۇ» (survival of the fittest) دەيدىغان ئاتموسفېراسى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ياپونىيە بۇزغۇنچىلىقلارنى يېڭىپ، شۇ ئارقىلىق مىللىي بىرلىكنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى ۋە غەرب تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولدى. مۇشۇنداق مەقسەتكە يېتىشتە ئەخلاق بىر خىل ھالقىلىق ۋاستىگە ئايلىنىپ قالدى. جەمئىيەتنىڭ ھەممە تارماقلىرى پۈتۈن خەلقنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشنىڭ ھەر خىل ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇددىزىمچىلار، خرىستىيانچىلار، كۇڭزىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، ئەدەبىي ئەرباپلار، سەنئەتكارلار، تەبىئىي ھوقۇقلارنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر، ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىپ قىلغۇچىلار، ئاياللارنىڭ يېڭىچە رولىنى قوغدىغۇچىلار، ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئەخلاقىي نۇقتىنەزەرلەرنى ئىلگىرى سۈردى. ھەر بىر گۇرۇھ ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي چۈشەنچىسى ئاساسىدا بىرلىكنى ئۆزىنىڭ تۈپ نىشانى قىلدى. مانا مۇشۇنداق بىر قالايمىقان ئاتموسفېرانىڭ ئىچىدە «ئەخلاق» دېگەن كەسپىي ئۇقۇم (discipline) ۋۇجۇتقا كەلدى. يەنى، ياپونىيىدە «ئەخلاق» ئۇقۇمى 1880-يىللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەخلاق ھەققىدىكى تەتقىقات 1883-يىلى باشلىنىپ، 1893-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تۇنجى قېتىملىق ئەخلاق فاكۇلتېتى مۇدىرى تەسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيىنىڭ ئەخلاقتىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋاستىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىش دەۋرى باشلاندى. ئەخلاق ئىلمى ئەھلىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى پۈتۈن خەلققە بىر خىل ئورتاق ئەخلاقىي ئاڭ سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي بىرلىك ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار دۆلەت ئېھتىياجىغا زىت كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىقلار ياكى «خەتەرلىك» ئىدىيە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى ھەر ۋاقىت قاتتىق باستۇرۇش ئۈچۈن پەلسەپىلىك ئاساس ھازىرلاپ بەردى. شۇنداق قىلىپ ئەخلاقىي بىرلىكنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش بىلەن خەتەرلىك ئىدىيىلەرنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى جەريان ئۆز-ئارا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتتى.

1880-يىللىرىنىڭ ئالدىدا، ياپونىيىدە ئاممىۋىي سورۇنلاردا كىچىك تەرەت قىلىش، ئەر-ئاياللار يالىڭاچلىنىپ ئوخشاش بىر كۆل ياكى مۇنچىدا سۇغا چۈشۈش قاتارلىق «ۋەھشىي ئىشلار» (barbaric practice) مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. 1880-يىللىرىغا كەلگەندە ياپونىيىدە «مەدەنىيەت ئەخلاقى» (ethics of civilization) نى بەرپا قىلىش ۋە قوغداشنى مەركەز قىلغان بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. 20-ئەسىرگە قەدەم قويۇش بىلەن تەڭ، ياپونىيىنىڭ ئەخلاق تۈزۈمى مەدەنىيەت ئەخلاقىدىن روھىي ئەخلاق (ethics of spirit) قا ئۆزگەرتىلدى. ئۇ دەۋردىكى نۇرغۇن داڭلىق ياپونىيە زىيالىلىرى تەجرىبىچىلىكنى تەنقىت قىلىشقا ئۆتۈپ، سەۋەبلەرنى تېپىش، كۆزىتىش (ياكى باھالاش) ۋە تەجرىبە قىلىش قاتارلىقلارنى ياخشىلىقنى ئېنىقلاپ چىقىشنىڭ ئۇسۇلى قىلىشنىڭ چەكلىمىسىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. ياپونىيىدىكى ئەخلاق ئىلمى ئەھلىلىرى ئەسلىدە گېرمانلىقلار رومانتىزمىنىڭ بىر قىسمى بولغان «مىللىي خاراكتېر» ۋە «خەلق روھى» دېگەن ئۇقۇملار ئاساسىدا بىر ئورتاق خەلق روھى گەۋدىلەنگەن «ياپونلۇقلار ئەخلاقى» (unitary Japanese morality) نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ «ياپونلۇقلار ئەخلاقى» ياپونىيە خەلقىدىن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، دۆلەتكە ۋەتەنپەرلەرچە ساداقەتمەن بولۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق بولغان مەدەنىيەت ئەخلاقىنىڭ ئورنىنى پەقەت «ھەقىقىي ياپونلۇق» لارغىلا خاس بولغان روھىي ئەخلاق ئىگىلىدى.

ئىلاۋە: مەن 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ياپونىيىدە بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا، بىر قانچە قېتىم كۆپلىگەن كىشىلەر مېڭىۋاتقان قايناق كوچىنىڭ بويىدا بىر ئەرنىڭ ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ياپونلۇق تونۇشلۇرۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، دادىسى 10 ياشلارغا كىرىپ قالغان قىزىنى قىپيالىڭاچ قىلىپ، ئۆزىمۇ ھەممە كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، مۇنچىدا يۇيۇپ قويىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھاجەتخانىلاردا ئەرلەر تەرەت قىلىۋاتقاندا، ئايال تازىلىغۇچىلار ئەرلەرنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ، ھاجەتخانىلارنى بىھارامان تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئۇچراتتىم، ھەمدە ھەر قېتىم ناھايىتى راھەتسىزلىك ھېس قىلدىم. ئەمما ئۇ چاغلاردا ياپونىيىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم. بۇ قېتىم مەزكۇر ماقالە ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا، بۇلار ئەسلىدە ياپوندا قەدىمدىن تارتىپ بار بولغان بىر قىسىم ئادەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مېنىڭ كۆرگەنلىرىم ياپونىيە بۇرۇنقى ئادەتلىرىنى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى ئەھۋاللار ئىكەن. بۇ يەرگە قىزىقارلىق ئىشتىن يەنە بىرىنى قىستۇرۇپ قوياي. 1986-يىلى 10-ئايدا رەھمەتلىك ئابدۇشۈكۈر مەمەتىمىن ئۇستازىمىز كوبې گاكۇيىن ئۇنىۋېرسىتېتىتى تارىخ فاكۇلتىتىنىڭ پروفېسسورى دوكتۇر كوداما شىنجىرو ئەپەندىم قاتارلىق بىر قانچە پروفېسسورلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ياپونىيىگە ئىلمىي دوكلات بېرىشكە كەلدى. مەن شۇ چاغدا ياپونىيىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان بولۇپ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرچە دوكلاتىنى نەق مەيداندا ياپونچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بەردىم. بىر كۈنى كوبېدىكى ئىلمىي دوكلات ئاخىرلاشقاندا، بىر قانچە پروفېسسورلار ئىككىمىزنى ياپونىيىنىڭ بىر تەبىئىي ئىسسىق كۆلىگە سۇغا چۈشۈشكە ئاپاردى. ھەمدە ياپونلۇق پروفېسسورلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، سۇغا كىرىشكە باشلىدى. ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئىككىمىز ئۇلارغا قاراپ، ھاڭ-تاڭ بولۇپ، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدۇق. مېھمان ئىگىلىرى بىزنى سۇغا كىرىشكە قاتتىق دەۋەت قىلىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بېرىپ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئىككىمىز سۇغا ئىچكى كۇسىرىمىز بىلەنلا كىردۇق. بىزنىڭ بۇ ئىشتىن ئالدىن خەۋىرىمىز بولمىغاچقا، سۇدىن چىققاندا ئالماشتۇرۇپ كىيىدىغان ئىچكى كۇسار تەييارلاپ قويمىغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن مەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە كۆرۈنمەي تۇرۇپ، ھۆل بولۇپ كەتكەن كالتا ئىشتىنىمىزنى سېلىۋېتىپ، بەدىنىمىزگە ئۇزۇن ئىشتاننى بىۋاستىلا كىيىۋالدۇق. مېنىڭ كوبېدىن ئوساكادىكى ياتىقىمغىچە پويىزدا ئىككى سائەت كېتىدىغان يول بار ئىدى. ھەمدە نەچچە قېتىم پويىز ئالماشمىسام بولمايتتى. شۇڭا ئۇ كۈنى يول بويى ئىنتايىن قاتتىق دەككە-دۈككىلىك ئىچىدە مېڭىپ، ياتىقىمغا ناھايىتى تەسلىكتە قايتىپ كېلىۋالدىم. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىش ماڭا بەك قاتتىق تەسىر قىلغان بولغاچقا، ئۇ كاللامدا ھازىرمۇ خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەئىجى دەۋرىنىڭ دەسلىپىدىكى مەدەنىيەت ئەخلاقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان روھىي ئەخلاقنى بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھەر ئىككىسىدە ياپونىيە مائارىپ سىستېمىسىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى قىلدى. ئەخلاق پەيلەسوپلىرى يالغۇز ئەخلاق توغرۇلۇق ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىلپلا قالماي، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىشىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا ئىشلىتىدىغان ئەخلاق دەرسلىك كىتابلىرىنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. بۇ چاغدا ئەخلاق تەربىيىسى جىسمانىي (ياكى بەدەن) تەربىيىسى بىلەن كۆڭۈل تەربىيىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ تەربىيىلەرنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا، يەنى ئىنسانىي ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى.

ياپونىيىنىڭ زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسى مەئىجى دەۋرىنىڭ 5-يىلى، يەنى 1872-يىلى باشلاندى. ئاشۇ ۋاقىتتا ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىر «مائارىپ بۇيرۇقى» چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز يېزىلاردا بىرەرمۇ ساۋاتسىز ئۆي يوق، ئۆيلەردە بىرەرمۇ ساۋاتسىز كىشى يوق دەۋرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەقەززا بولىۋاتىمىز. » ياپونىيىدىكى مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلدى. «شۇشىن» دەپ ئاتالغان ئەخلاق تەربىيىسىمۇ ئاشۇ چاغدا باشلانغۇچلاردا ئۆتىلىدىغان 8 خىل دەرسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى غەربنىڭ «ئىندىۋىدۇئاللىق» قاتارلىق بىر قىسىم ئىدىيىلىرىنى ياپونىيىگە ئەكىرىش ئۈچۈن ئازراق تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ياپونىيىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى دەرھاللا ھېس قىلىپ، ئۇنداق قىلىشتىن ۋاز كەچتى. شۇنداق قىلىپ، كۇڭزى تەلىماتىنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەخلاق تەربىيىسى پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسىدا بىر ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى مائارىپ ساھەسىگە «مائارىپنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ئادالەتلىك، ساداقەتلىك ۋە پەرزەتنلەرنىڭ ئىخلاسمەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش، ھەمدە ھەر بىر ئادەمنىڭ بىلىمى بىلەن ھەر خىل تالانتلىرىنى كۆپەيتىش ۋە كۈچەيتىشتىن ئىبارەت» دېگەن يوليورۇقنى چۈشۈردى. 1880-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەخلاق ھەققىدىكى چەتتىن كىرگۈزۈلگەن كىتابلارنى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، ئەنئەنىۋىي روھقا ئاساسلانغان ئەخلاق تەربىيىسى دەرسىنى باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويدى. شۇنىڭغا ئۇلاپلا كۆپ قېتىم سىناق قىلىش ئاساسىدا ياپونىيىنىڭ پادىشاھلىق ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن بىر مائارىپ قوللانمىسى تۈزۈپ بەردى. بۇ قوللانمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىزنىڭ خانلىق ئەجداتلىرىمىز بىزنىڭ ئىمپېرىيىمىزنى كەڭ ۋە مەڭگۈلۈق ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇپ چىقتى، ھەمدە نۇرغۇن گۈزەل ئەخلاقلارنى چوڭقۇر ۋە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ چىقتى. بىزنىڭ خەلقىمىز ساداقەتمەنلىكتە بىرلىشىپ چىڭ ئۇيۇشتى، ھەمدە نەچچە ئەۋلاد پەرزەنتلىرىمىز بۇنىڭ پايدىسىنى نامايان قىلدى. بۇ بىزنىڭ ئىمپېرىيىمىزنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى بىلەن بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ شانلىق غەلىبىسى. سىلەر، يەنى بىزنىڭ خەلقىمىز، ئاتا-ئاناڭلارغا ئۆزەڭلارنىڭ بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىڭلار، ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچا-سىڭىللىرىڭلارغا مېھىر-شەپقەتلىك بولۇڭلار، ئەر-خوتۇنلار ئىناق ئۆتۈڭلار، دوستلار ئۆز-ئارا راسچىل بولۇڭلار، كەمتەر بولۇڭلار ھەمدە زامانىۋىيلىققا ئىنتىلىڭلار، ھەممە ئادەملەرگە مېھىر-شەپقەتلىك بولۇڭلار، ئۆگىنىش ۋە سەنئەتكە داۋاملىق ئىنتىلىڭلار، شۇ ئارقىلىق زىيالىلار قوشۇنى بىلەن مۇكەممەل ئەخلاقىي كۈچنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداقلا جامائەتنىڭ ھالىتىنى ياخشىلاپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈڭلار. ھەر ۋاقىت ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنلارغا بوي سۇنۇڭلار. جىددىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، ۋەتەن ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ چىقىڭلار. شۇ ئاساستا ۋەتەننى قوغداپ، ئۇنىڭ داۋاملىق قۇدرەت تېپىشىنى ئۈزۈپ قويماڭلار. شۇ ئارقىلىق سىلەر بىزنىڭ ياخشى ۋە سادىق خەلقىمىز بولۇپلا قالماي، ئەجداتلىرىڭلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىڭ ئۇلۇغ ۋارىسچىلىرىدىن بولۇڭلار. » بۇ قوللانما 2-دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ياپونىيە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ھۇلى بولۇش رولىنى ئوينىدى. گەرچە ئۇ 1948-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەخلاقىي قىممىتى ۋە تەسىرى ياپونىيىدە تاكى بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

1945-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ياپونىيىنىڭ «دېموكراتىيە دەۋرى» نىڭ دەسلىۋىدە ئەخلاق دەرسى 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنىڭ ئىجتىمائىي-پەن دەرسلىرىگە قوشۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، كېيىن ئۇ يەنە بىر ئايرىم دەرس قىلىپ بېكىتىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئەخلاق دەرسى ياپونىيىنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپىدا ھەپتىسىگە بىر سائەتتىن ئايرىم دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىلاۋە: بۈگۈن، يەنى 2014-يىلى 9-يانۋار كۈنى، ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق «يالغۇزلۇق كېسىلى» (autism) مۇتەخەسسىسى دوكتۇر تېمپۇل گەندىن (Temple Gandin) خانىم بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپ، «ئوخشىمىغان خىلدىكى مېڭىلەر» (Different kinds of mind) دېگەن تېمىدا بىر يېرىم سائەت ئىلمىي دوكلات بەردى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە مۇنداق ئىككى نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: (1) ئەگەر بىر بالا بىر ئالاھىدە تالانتقا ئىگە بولسا، ئۇنىڭ ئاشۇ تالانتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يول قويۇش ۋە ئۇنىڭغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن، ئەگەر بىر بالا باشلانغۇچ 1-سىنىپتا باشلانغۇچ 3-سىنىپىنىڭ ماتېماكىسىنى ئىشلىيەلىسە، ئۇنىڭ ماتېماتىكا دەرسنى 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ئېلىشىغا يول قويۇش كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئۇ بالىنىڭ مىجەزى غەلىتە بولۇپ قېلىشى، ماتېماتىكا جەھەتتىكى ئەھۋالى زور دەرىجىدە ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. مەن بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كىچىكىدىن باشلاپ خەنسۇ بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، ياكى ھەممە دەرسلەرنى ئاتالمىش «قوش تىل سىنىپى» دا خەنسۇ تىلىدىلا ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئىچكىرىگە بېرىپ يەنە ئىككى يىل مەخسۇس خەنسۇ تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم. (2) بىر بالىنى ياخشى تەربىيىلەش بىر چوڭ مەھەللىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى، بىر بالىنى ياخشى تەربىيىلەش ئائىلە، مەكتەپ، خولۇن-خوشنىلار، يەرلىك شىركەت-كارخانىلار ۋە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گەندىن خانىم دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئەلبېرت ئېينىشتېيىن بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ستىۋ جوب (Steve Job) لارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا «يالغۇزلۇق كېسىلى» گە گىرىپتار بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. گەرچە يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار ياپونلۇقلار توغرۇلۇق دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئېسىمدىن چىقىپ كەتكىچە ئۇ مەزمۇننى بۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

6. ھازىرقى ئەخلاق دەرسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى

ياپونىيىنىڭ ھازىرقى ئەخلاق دەرسى 4 چوڭ ساھەگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇ 4 ساھە يەنە جەمى 76 كىچىك مەزمۇنلارغا ئايرىلغان. تۆۋەندىكىسى ئۇلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.

1)ئۆزى توغرىسىدا

(1)ئەغىر-بېسىق بولۇش: ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزى قىلىش، ھەمدە ئەغىر-بېسىقلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش

(2) تىرىشچان بولۇش: ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆزى قىلىش

(3) جۈرئەتلىك بولۇش: توغرا ئىشلارنى قىلىشتا جۈرئەتلىك بولۇش

(4) سەمىمىيلىك: سەمىمىيلىك بىلەن خوشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈش

(5) ئەركىنلىك ۋە تەرتىپلىك: ئەركىنلىكنى قەدىرلەش ۋە تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ ئىش قىلىش

(6) ئۆز-ئۆزىنى ئالغا باستۇرۇش: ئۆزىنى توغرا چۈشىنىش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتىش، ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش

(7) ھەقىقەتنى سۆيۈش: ھەقىقەتنى سۆيۈش ۋە ئىستەش، مەلۇم بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئۆز ئارزۇسى بويىچە ياشاش

2) باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

(1)ئەدەپلىك بولۇش: ئەدەپ-ئەخلاقلنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش، ھەمدە ھەر بىر ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلتۈرۈپ سۆزلەش ۋە ئىش كۆرۈش

(2) باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئاق كۆڭۈل بولۇش: ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ھەر بىر كىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مېھىر-شەپقەتلىك بولۇش

(3) دوستلۇق: بىر-بىرىنى چۈشىنىش، بىر-بىرىگە ئىشىنىش، ۋە بىر-بىرىگە ياردەم قىلىش

(4) مىننەتدارلىق ۋە ھۆرمەت: باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھالقىلىق ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلارغا ۋە پېشقەدەملەرگە مىننەتدارلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش

(5) كەمتەرلىك: قوساقنى كەڭ تۇتۇپ، ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئىدىيە ۋە ئوخشاش پىكىردە ئەمەسلەرنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش

3) تەبىئەت ۋە ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

(1)تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش: ئۆز ئەتىراپىدىكى تەبىئىي مۇھىتنى ئوبدان بىلىۋېلىش، ھەمدە ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى سۆيۈش

(2) ھاياتلىققا بولغان ھۆرمەت: ھاياتقا ۋە بارلىق ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىش

(3) ئېستېتىك (austhetic) سەزگۈرلۈك: ئىنسانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىدىغان ھوقۇققا نىسبەتەن ئېستېتىك سەزگۈرلۈك ۋە ھېيىقىش تۇيغۇسى بار بولۇش

(4) ئالىيجانابلىق: ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ۋە يامان تەرەپلىرىنى يېڭەلەيدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ۋە ئالىيجاناپلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش

4) گۇرۇپپا ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

(1)ئاممىۋىي مەجبۇرىيەت: جەمئىيەتتە ۋەدىسىدە تۇرۇش، تۈزۈمگە بويسۇنۇش، ھەمدە ئاممىۋىي مەجبۇرىيەتنىڭ ئۆھتىسىدىن چىقىش

(2) ئادالەت: كەمسىتىش ۋە بىر تەرەپلىمە كۆز-قاراشتىن ساقلانغان ھالدا ھەر بىر ئادەمگە ئادىل (fair and impartial) بولۇش

(3) گۇرۇپپا ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق: ئۆز ئەتىراپىدىكى گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىش، ئۆزىنىڭ رولىنى چۈشىنىش، ھەمدە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش

(4) سانائەت: ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش، ھەمدە ھەر ۋاقىت ئىشلەشكە ئىنتىلىش

(5) ئائىلە ئەزالىرىغا بولغان ھۆرمەت: ئاتا-ئانا ۋە بوۋا-مومىلىرىغا كۆيۈنۈش، ھەمدە ئائىلە ئىشلىرىدا ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشقا ئىنتىلىش

(6) مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەش: مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ھەمدە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياخشى مەكتەپ ئەنئەنىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش

(7) جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش: يەرلىك جامائەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش، ئۆزىنى جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئاتىغان كىشىلەرنى ۋە پېشقەدەملەرنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ھەمدە جامائەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش

(8) ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ۋەتەننى سۆيۈش: ئۆز ۋەتىنىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىگە قىزىقىش، ھەمدە ۋەتەننى سۆيۈش

(9) باشقا مەدەنىيەتلەرنى ھۆرمەتلەش: ئۆزىنىڭ بىر ياپونلۇق ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتقان ئاساستا، چەت ئەلنىڭ مەدەنىيىتى ۋە چەت ئەللىكلەرنى قەدىرلەش، ھەمدە خەلقئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش.


7. ياپونلۇقلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى

باشقا بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، ياپونلۇقلاردىمۇ ئىككى خىل خاراكتېر بار. ئۇنىڭ بىرى تەبىئىي خاراكتېر. بۇ خاراكتېرنىڭ كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان بىر ئېلېمېنتى ئۇلاردا بار بولغان بىر خىل تۇغما (inherent) پەلسەپە بولۇپ، كىشىلەرگە بۇ پەلسەپە ياپونلۇقلار كۆڭلىنىڭ بىر خىل تەبىئىي سۈپىتىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ [6]. يەنە بىرى بولسا ياپونلۇقلاردا كېيىنكى تەربىيە ئارقىلىق يېتىلدۈرۈلگەن خاراكتېرلار. مەن بۇ قىسىمدا 1-خىلدىكى خاراكتېر ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىمەن. بۇ مەزمۇن ياپونلۇقلارنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر ياپونلۇقلارنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ياپونلۇقلار ھازىرقى زامان تەرەققىياتلىرىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە، يەنى، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق سەنئىتى، ئىلىم-پەن، سانائەت ۋە ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئاجايىپ نەتىجىلەرگە قاراپ، ياپونلۇقلارنىڭ قانداق خاراكتېرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى ئەدەپ-ئەخلاقلىقى، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدىكى خۇشخۇيلىقى، چەت ئەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە نامايان قىلىدىغان مۇلايىملىق بىلەن زېرەكلىكى بىلەن ياپونلۇقلار پۈتۈن دۇنيانىڭ مەدھىيىلىشىگە ئېرىشتى. ياپونىيىدە بىر مەزگىل ياشاپ، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە روھىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ياپونلۇق بولۇپ كەتكەن چەت ئەللىكلەرمۇ ئاز ئەمەس.

ياپونلۇقلار خاراكتېرىدىكى كۆزگە ئەڭ كۆرۈنىدىغان ئېلېمېنت ئۇلاردىكى بىر خىل تۇغما پەلسەپىدۇر. بۇ ئالاھىدە خاراكتېرنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئۆزگىچە تۇغما پەلسەپىنى «ياپونلۇقلار خاراكتېرىنىڭ بىر ئېلېمېنتى» دەمدۇق، ياكى «بىر روھىي سۈپەت» دەمدۇق، ئۇ مۇھىم ئەمەس. شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، ياپونلۇقلارنىڭ كۆڭلىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ تۇغما پەلسەپە ئۇلارنىڭ خاراكتېرلىرىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن.

ياپونغا بارغان چەت ئەللىكلەر مۇنداق بىر ئەھۋالغا ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ: ياپونلۇقلار ئائىلىسىدىكى ئۆلۈم ئىشلىرى، بايلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىشلىرى، كېسەللىك، ۋە باشقا ھەممە خىلدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قەدەر سەۋرچان ۋە چىداملىق كېلىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ چەت ئەللىكلەر كاۋكازلىقلار (Caucasian) غا قارىغاندا ياپونلۇقلار كۆپ سەۋرچان ئىكەن، ياكى ياپونلۇقلار ھېسسىياتچان ئەمەس ئىكەن، دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا يۇقىرىقىدەك بىرەر ناچار ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ياپونلۇقلار كاۋكازچىلاردەك ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا يول قويماي، كرىزسلارغا ئۆزىنى ئىنتايىن چىڭ تۇتىۋالغان ھالدا ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك روھىي كۈچ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ياپونلۇقلار كاۋكازچىلارغا قارىغاندا كۆپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.

ئۆزلىرىنىڭ بىرەر ئەڭ قەدىرلىك كىشىلىرى ئۆلۈپ كەتكەندە، بەزى ياپونلۇقلار قايغۇ ئۇرۇش ۋە دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى مەخسۇس مۇشۇنداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىملارغا پۇل بېرىپ قىلغۇزىدۇ. دەپنە مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندا بولسا ئۆلۈملۈك بولغان ئائىلىنىڭ كىشىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى زىياپەت قىلىپ، ھاراق ئىچىدۇ، ھەمدە ئۆيىگە يېقىن چايخانىلارنىڭ بىرسىگە بېرىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەلسەپىسى شۇكى، ھايات قالغانلار ياشاپ ماڭمىسا بولمىغاچقا، ئۇلار چوقۇم ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە خوشال-خۇرام ياشىشى كېرەك. بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغان بولغاچقا، قايغۇ ئۇرۇشنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق. ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۈچۈن ھەسرەت چېكىش بىر خىل ئەخمەقلىق. ياپونلۇقلار ئۈچۈن كاۋكازچىلارنىڭ قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە زارلىنىشى بىر بىمەنە ئىش بولۇپ، ياپونلۇقلار ناھايىتى پاراسەتلىك بولغاچقا، چەت ئەللىكلەر ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ھېسسىياتىنى ئازراقمۇ بىلىندۈرمەيدۇ.

ياپونلۇقلارنىڭ مۇشۇ تۇغما پەلسەپىسى ئۇلاردا ھازىر مەۋجۇت بولغان سامۇرايغا خاس تەمكىنلىك، ۋە ئەسكەرلەر بىلەن كېمىچىلەرگە خاس چىداملىقلارنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولۇپ، ياپونلۇقلارنىڭ ئاشۇنداق روھى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان زامانىۋى كەسپلەر، سانائەت ۋە كارخانىچىلىقتىكى ھازىرقىدەك ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى يۈزدە-يۈز كونترول قىلالايدىغان مۇشۇنداق بىر قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش ئىنسانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر زور ئارتۇقچىلىقتۇر. ياپونلۇقلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئەھۋاللارغا ماسلىشالىشىدىكى سىر مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت. ئۇلار مۇشۇنداق قابىلىيەتكە تايىنىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپكە چوقۇم كىرەلەيدۇ. ھەمدە كۆڭلىگە پۈككەن نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئاداققىچە جان تىكىپ تىرىشالايدۇ.

ئىلاۋە: «جان تىكىپ قاتتىق تىرىشىش» دېگەن ئۇقۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر يات ئۇقۇم ئەمەس. لېكىن، بۇ ئۇقۇمنىڭ ياپونلۇقلاردا قانداق نامايان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ياپونىيىگە بېرىپ بىر مەزگىل ياشاپ باققان، ھەمدە ياپونلۇقلار بىلەن بىر ئورۇندا بىللە ئىشلەپ باققان كىشىلەرلا توغرا چۈشىنەلەيدۇ. مەن ياپونىيىدە ئىككى يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يېرىم يىلى پۇل يىغىپ، كېيىن ئامېرىكىغا ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن ھەر ئاخشىمى ماتسۇشىتا (松下) شىركىتىدە 5 سائەتتىن ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ ئىشلىدىم. شۇ چاغدا بۇ شىركەتنىڭ ھەممە خادىملىرىنىڭ ھەر كۈنى 10-12 سائەت ماشىنا ئادەمدەك ئىشلەيدىغىنىنى كۆردۈم. بۇ يەردە «ماشىنا ئادەمدەك» دېيىشىمدىكى سەۋەپ، ئۇلار بىر ماشىنىنىڭ قېشىدىن يەنە بىر ماشىنىنىڭ قېشىغا بارغىچە يۈگۈرۈپ ماڭاتتى. بىر ئادەم بىر قانچە ماشىنىنى تەڭلا باشقۇراتتى. بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىكى ۋە چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق دەم ئېلىۋالمايتتى. ساختىلىق ۋە ھىلىگەرلىك قىلچىلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. يەنى، مۇشۇنداق شىركەتتە ئىشلەيدىغان كىشىلەردىمۇ سامۇراي روھى ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، مەن بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ كەيىنكى تېمىسىدا يەنە ئازراق توختۇلىمەن. شىركەتنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشچىسى بىلەن پاراڭلاشسىڭىز، ئۇ سىزگە بۇ شىركەت خۇددى ئۇنىڭ شەخسىي شىركىتىدەكلا تۇيغۇ بېرەتتى. يەنى، ھەر بىر ئادەم شىركەتكە شۇ دەرىجىدە سادىق ئىدى. ياپونلۇقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ قانداق بىر رولدا ئىشلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ئىشىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جان تىكىپ پۇختا قىلىدۇ. ئۇلار چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىشىدىكى سەۋەپ ئەنە شۇ. سونىي (Sony) نىڭ ياپونىيىدە ئىشلەنگەن بىر مەھسۇلاتى بىلەن ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ سىنگاپوردا ئىشلەنگىنىنى سېلىشتۇرسىڭىز، ئۇلارنىڭ سۈپىتىدە خېلى زور پەرق بارلىقىنى بايقايسىز.

ياپونلۇقلار ئىقتىسادچىل، سەۋرچان، سودىغا ۋە ھېسابلاپ ئىش قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. لېكىن، بۇ سۈپەتلەر ياپونلۇقلارنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرى، سەنئىتى ۋە سانائىتىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور ئۇتۇقلىرىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى ئەمەس. بۇ سۈپەتلەر جۇڭگولۇقلار ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەت خەلقلىرىدىمۇ ئوخشاشلا بار. لېكىن، ياپونلۇقلار تەرەققىياتتا ئۇلاردىن كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتتى. ياپونلۇقلار كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان دەرىجىدە چېچەن ۋە سەزگۈر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ سۈپىتى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قول قويۇشىغىمۇ ئېرىشتى. ئەگەر ياپونلۇقلاردا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۇغما پەلسەپە بولمىغان بولسا، ئۇلار دۇنيا ئىشلىرىدا بۈگۈنكىدەك يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.

ياپونلۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئۇلاردىكى ئەخلاقىي ئېلېمېنت بولۇپ، بۇ ئەخلاقىي ئېلېمېنتمۇ يۇقىرىدىكى تۇغما پەلسەپىدىن كەلگەن.

بەزىلەر ياپونلۇقلاردا ئەخلاق يوق، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. ياپونلۇقلاردا غەرب مەدەنىيىتىدە ناھايىتى كۈچەپ قەدىرلىنىدىغان ئەخلاقىي ئىدېئاللار يوق بولۇپ، ئۇلار غەربلىكلەرنىڭ ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئانچە چۈشىنەلمەيدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ پەلسەپىسى بويىچە، ئاقىلانە ئىشلارنىڭ ھەر قاندىقىنى قىلىش توغرا، ھاماقەت ئىشلارنىڭ ھەر قاندىقىنى قىلىش خاتا. بۇنىڭدىن باشقا توغرا ئىش بىلەن خاتا ئىش، ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇنداق خاراكتېرى ياپون شىركەتلىرى بىلەن چەت ئەل شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى روشەن نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. يەنى، ياپونلۇقلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق ھېسابلايدىغان بولغاچقا، ئۇلار سودىدا بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى قاتتىق بىرلىشىۋېلىپ، چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن ھېچ قانداق يوچۇق قالدۇرمايدۇ. شۇڭلاشقا چەت ئەللىكلەرنىڭ ياپونلۇقلار قۇرۇپ چىققان ئىسكەنجىلەرنى بۇزۇپ تاشلىيالىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.

ئىلاۋە: مېنىڭ ئوغلۇم بىر قېتىم بىر يەھۇدى ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتىكەن، ئۇ ساۋاقدىشىنىڭ دادىسى ئوغلۇمغا مۇنداق دەپتۇ: «دۇنيادىكى ئىنسانلارنى دىنى، مىللىتى ۋە رەڭگى قاتارلىق نەرسىلەرگە ئاساسەن ھەر خىل تۈرلەرگە ئايرىش بىر خىل ئەخمەقلىك. دۇنيادا پەقەت ئىككى خىللا ئادەم بار. بىرى ئەقىللىق ئادەملەر. يەنە بىرى ھاماقەتلەر. »

ياپونلۇق ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن باشقا ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتىمۇ ياپونلۇقلار دۇنيادىكى باشقا ھېچ قانداق مىللەتكە ئوخشىمايدىغان بىر خىل خاراكتېرگە ئىگە. ياپونىيىدە ئائىلىنىڭ سىرتىدىكى ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە بولۇپ باشقا بىرەر ئائىلىنى بۇزۇش بىر خىل شەرمەندىلىك بولۇپ، بۇنداق ئىشنى سادىر قىلغۇچىلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا لايىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ياپونىيىدە بىر ئادەم يەنە بىر ئائىلىنى بۇزىدىغان ئىش قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس. لېكىن ياپونلۇق ئەرلەر باشقا ئېرى يوق ياكى ئۆز بەدىنىنى سېتىپ كۈن كەچۈرىدىغان ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولسا، بۇنى ئۇ ئەرنىڭ خوتۇنىمۇ ئېغىر ئالمايدۇ، پۈتۈن جەمئىيەتمۇ ئېغىر ئالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە پۈتۈن جەمئىيەت ھېلىقىدەك ئۆز بەدىنىنى سېتىپ كۈن كەچۈرىدىغان ئاياللارغا خۇددى باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا نورمال ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بىر توي قىلمىغان ئەر ئاشۇنداق كەسىپتىكى ئاياللار بىلەن بىر مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، كېيىن ئۇلار توي قىلىپ ئۆي تۇتسىمۇ، جەمئىيەت ئۇلارنى ئوخشاشلا ھۆرمەتلەۋېرىدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ بۇ ئىشتا تۇتقان يولى ئىنسان ئېھتىياجىغا ئاساسلانغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشقا توغرا-خاتالىق نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئاقىلانە ئىش ۋە ھاماقەتلىك ئىش نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ. گەرچە جەمئىيەت بۇنداق ئىشنى ئەغىر ئالمىسىمۇ، ئۇنى سادىر قىلىدىغان ئەرلەر يەنىلا ئىنتايىن كىچىك بىر نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىش كۆرۈش جەھەتتە بىر قىسىم ئەرەبلىكلەرمۇ ياپونلۇقلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى ئەرەبلىكلەر ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە ئۆزلىرى ئۈچۈن 3-4 خوتۇن ئېلىۋالىدۇ. مەن يېقىندا بىر ئەرەب دۆلىتىدە خېلى ئۇزۇن ياشاپ باققان بىر ئۇيغۇر دوستۇمدىن: «ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاياللار نوپۇسنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپمۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ «ياق، ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى. مەن «ئۇنداقتا ئەرلەر 3-4 تىن خوتۇن ئالىدىغانغا ئاياللار يېتىشمەي قالمامدۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ «يېتىشمىسە چەت ئەلدىن ئەكىرىدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى. ياپونلۇقلار چەت ئەلدىن ئايال ئەكىرمەيدۇ. ئۆزىنىڭكىنى ئۆزىگە يەتكۈزىدۇ.

ئىلاۋە: يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ياپونلۇقلار ئەخلاقىي ئۆلچەم جەھەتتە بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدۇ. يەھۇدىلار ۋە خرىستىيانلارمۇ ھەم شۇنداق. باشقىلارنىڭ بىر ئىشى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىسا، بىز توغرا قىلغان، ئۇلار خاتا قىلغان بولمايدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ، ياكى ئوخشىمىغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ نورمال نامايەندىسى بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن ياپونلۇقلارنى ئەيىبلاپ، ياكى ھاقارەتلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ياھۇدىلار توغرۇلۇق يازغان ئىككى پارچە ماقالىگە بەزى يەھۇدىلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىدىغان ئىنكاسلارمۇ چۈشتى. يەھۇدىلار تارىختىن بۇيان بىزگە، يەنى ئۇيغۇرلارغا، بىرەر قېتىم ئەسكىلىك قىلىپ باققان ئەمەس. بەزى بىر گەپلەرنى بۇ يەردە دېيىش ئەپسىز. ھەر ھالدا ئەگەر سىز دۇنيادىكى ئىشلارنى تولۇق بىلگەن بولسىڭىز، يەھۇدىلارنى ئۇنچىۋالا ئەيىبلەپ كەتكەيتىڭىز. مەن ياپونلۇقلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق قىلغان بىرەر يامان گېپىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇلار ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر ياشاش يولىنى تاللاپ، باشقىلارنىڭ ياشاش يولىنى توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىپ، ئەمما ئۇلارنى تەنقىت قىلماي ياشاپ كېتىۋاتقان بىر مىللەت. ئەمەلىيەتتە دۇندايىدىكى تەرەققىي تاپقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق. ئۇلار ئاساسەن باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. بىزمۇ ئاشۇنداق ئەخلاقنى ئۆگىنەيلى. خۇددى قۇرئان كەرىمدە دېيىلگىنىدەك، ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ يارىتىلغان. بۇنى بىز ئېتىراپ قىلايلى ۋە بۇ ھەقىقەتنى ھۆرمەتلەيلى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچىمى بويىچە باھا بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ھاماقەتلىك. شۇڭا بۇنى ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقارمايلى.

ياپونىيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىر شەرەپلىك ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونلۇقلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى چەكلەيدىغان بىرەر ئەخلاقىي پرىنسىپ مەۋجۇت ئەمەس. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى سامۇراي تۈزۈملىرىدە، ئەگەر بىر ئادەم شان-شەرەپ بىلەن ياشىيالمىسا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. گەرچە سامۇراي دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش توغرىسىدىكى بۇ ئاجايىپ نەزەرىيە ئۆز كۈچىنى تېخىچە يوقاتمىدى. ياپونلۇقلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ سەۋەبى يۈزدە-يۈز پىرسەنت دېگىدەك شەرمەندىلىك ياكى سەمىمىيەتسىزلىكتىن ئىبارەتتۇر. يەنى، ياپونلۇقلار بىرەر قېتىم شەرمەندىلىك قىلىپ قويسا، يەنە يۈزىنى كۆتۈرۈپ ياشاۋەرمەيدۇ. بەلكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەر مۇشۇنداق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاباتلىرىغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شەرمەندىلىك قىلىپ قويۇپ، يەنە ياشاپ كېتىۋېرىدىغانلار بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار جەمئىيەتكە قەتئىيلا سىغمايدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ياپونلۇقلار خرىستىيان دىنىنىڭ تەسىرىگە ئانچە ئۇچرىمىغان. ياپونلۇقلاردىن خرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغانلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۇ ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ياپونلۇقلار مىللىي روھىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ئاساسەن كۆزگە چېلىقمايدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ نەزىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسى خرىستىيان دىنىنىڭ تەلىماتلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. ياپونلۇقلار خرىستىيان دىنىدىكىلەرنىڭ دىنى بىلەن ئەخلاقىي ئۆلچىمىدىن باشقا بارلىق نەرسىلىرىنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرگەن. ھازىر ياپونلۇقلار ئۇرۇش تېخنىكىسى، ئىلىم-پەن، سانائەت، گۈزەل-سەنئەت، ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسىنى ئۈستۈن كۆرگەنلىكتىن، خرىستىيان دىنىنى زادىلا قوبۇل قىلمايدۇ.

ياپونلۇقلارنىڭ كۆڭلىدە گۇناھ مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ئەخمەقلىق مەۋجۇت. ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىدەئال مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ماتېرىيالىزمچىلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك مەۋجۇت. ياپونلۇقلارنىڭ پەلسەپىسى ھەممە مۇھىم نۇقتىلاردا خرىستىيان پرىنسىپلىرىنىڭ قارىمۇ-قارشى تەرىپىدە تۇرىدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ پەلسەپىسى ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن خۇددى ئۇلارنى ھوشىدىن كەتتۈرىۋېتىدىغاندەك كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە پەلسەپە بولۇپ، ئاشۇ پەلسەپە ياپونلۇقلارنىڭ تۇغما خاراكتېرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن.

قىسقىسى، ياپونلۇقلاردا بىر خىل تەبىئىي خاراكتېر ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىر خىل ئۆزگىچە تۇغما پەلسەپە بار. بۇ پەلسەپە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۆلۈم ئىشلىرى، بايلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىشلىرى، كېسەللىك، ۋە باشقا ھەممە خىلدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قەدەر سەۋرچان ۋە چىداملىق كېلىشى؛ ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۈچۈن ھەسرەت چېكىشنى بىر خىل ئەخمەقلىق دەپ ھېسابلىشى؛ ئاقىلانە ئىشلارنىڭ ھەر قاندىقىنى قىلىش توغرا، ھاماقەت ئىشلارنىڭ ھەر قاندىقىنى قىلىش خاتا، ئۇنىڭدىن باشقا توغرا ئىش بىلەن خاتا ئىش، ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش يوق، دەپ قارىشى؛ بىرەر شەرمەندىلىكنى سادىر قىلىپ قويغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى بىر خىل شەرەپلىك ئىش دەپ ھېسابلىنىشى؛ ياپونلۇقلارنىڭ كۆڭلىدە گۇناھ مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ئەخمەقلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكى؛ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىدېئال مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ماتېرىيالىزمچىلىق ۋە مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك مەۋجۇت ئىكەنلىكى قاتارلىق جەھەتتە نامايان بولىدۇ.


8. ياپونلۇق ئاياللارنڭ ئەخلاقىي خاراكتېرى

دىنىي ئېتىقات ياپونلۇق ئاياللاردا ئەرلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولۇپ، ياپونلۇق ئەرلەر بولسا ئاساسەن ماتېرىيالىزمچىلاردۇر. ئاياللار ئىبادەتخانىغا بارىدىغان بولۇپ، بۇددا دىنى بىلەن شىنتو دىنى ئۇلارغا ئېرى، بالىلىرى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئەخلاقىنى ئۆگەتكەن. مانا بۇ ياپونلۇق ئاياللار خاراكتېرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر. ئاياللارنىڭ دىنى ئېتىقادى ئۇلارغا ئەرلىرىگە يۈزدە-يۈز بويسۇنۇش مىجەزىنى ئۆگەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئەرلىرىنى ئۆي ئىچىدىمۇ ۋە سىرتتا باشقىلار ئالدىدىمۇ «خوجايىن» (主人) دەپ چاقىرىدۇ. ئۇلار ئەرلىرى ئۈچۈن قۇلدەك خىزمەت قىلىش ۋە ئۆزىنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مەدھىيەدىن زور خوشاللىق تاپىدۇ. بۇددا دىنىدىكى «سەن پەقەت ئۆز-ئۆزەڭنى قۇربان قىلىش ئارقىلىقلا جەننەتكە كىرەلەيسەن» دېگەن سۆزنى ھەر ۋاقىت قەلبىدە ساقلايدۇ.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ياپونلۇق ئاياللار بۇدخانىغا ئارىلاپ-ئارىلاپ بارىدىغان بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىز رەسمىي دىنچىلاردىن ئەمەس. يەنى ئۇلارنىڭ بۇددا دىنغا ئىشىنىش ۋە بۇ دىننى پراكتىكا قىلىش دەرىجىسى تىبەتلىكلەرنىڭكىدىن كۆپ ئارقىدا تۇرىدۇ.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياپونلۇق ئانىلار ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىشلەشتىن توختايدۇ. بۇ پەقەت 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى تاماملىغان ئانىلار ئۈچۈنمۇ، ئالىي مەكتەپنى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغۇچە ئوقۇغان ئانىلار ئۈچۈنمۇ، ۋە ھەر خىل كەسىپلەردە داڭ چىقىرىپ، پۈتۈن ياپونىيە بويىچە يۈز-ئابروي قازانغان ئانىلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بۇ ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئىشتىن توختاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بالىسىنى تەربىيىلەيدۇ. ئائىلىسى ۋە ئېرىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئەرلىرى ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە كەلگەندە ئاياللىرى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ چاپىنىنى سالدۇرۇپ، ئېسىپ قويىدۇ. ئاندىن تەقمۇ-تەل قىلىپ قويغان ئىسسىق تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى ئەكىلىپ، ئۇلارنى يۈكۈنۈپ ۋە تازىم قىلىپ تۇرۇپ ئېرىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. بۇنداق كۆرۈنۇشنى كۆرگەن چەت ئەللىككە نىسبەتەن ئۆيدىكى ئايال بىر قۇلغا، ئەر بولسا بىر خوجايىنغا ئوخشاش كۆرىنىدۇ. ياپونىيە تىلىدىكى «خوتۇن» دېگەن سۆزنىڭ «ئۆي ئىچى» (家内، كانائى) دەپ يېزىللىشى، ۋە ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرىنى «ئۆي ئىچى» دەپ چاقىرىشى كىشىلەرگە ھەقىقەتەنمۇ ئەرلەر ئۈستۈن، ئاياللار تۆۋەن تۇرىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلار ياپونلۇق ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ خاراكتېرى بولۇپ، ئەرلەر ئاياللىرىنى ھەرگىزمۇ پەس كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاياللىرىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ. ياپونىيىدە ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش-ماجىرالارنى كۆرۈش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خۇددى مېھمانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىنى ئىززەتلەش، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، ۋە بىر-بىرىگە يول قويۇش مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى يۈزدە-يۈز پىرسەنت دېگىدەك ئاياللار باشقۇرىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ ھاياتى ئەرلەرنىڭكىدىن راھەت بولغاچقا، ياپونلۇق ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشى ئەرلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن بولۇپ، ياپونىيىدىكى قېرىلارنىڭ ئىچىدە ئەرلىرى بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. 2011-يىلىدىكى ستاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ياپونلۇق ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشى 79 ياش بولۇپ، دۇنيا بويىچە 12-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ياپونلۇق ئاياللارنىڭ بولسا 86 ياش بولۇپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن [9]. مەن چەت ئەللەردە ياشانغان ياپونلۇق ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان ساياھەت ئۆمەكلىرىنى پات-پات ئۇچرىتىپ تۇرىمەن.


9. ئاخىرقى سۆز

مەن 2013-يىلى يەھۇدىلار توغرىسىدا ئىككى پارچە ماقالە يازدىم. بۇ قېتىم ياپونلۇقلار توغرىسىدا مەزكۇر ماقالىنى يازدىم. مۇشۇ 3 پارچە ماقالىدا بايان قىلىنغان مەزمۇن ۋە مەن ئىگىلىگەن باشقا بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بۇ ئىككى مىللەت توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەرنى چىقىرىش مۇمكىن:

--ئۇلار مەجبۇرى مائارىپنى باشقىلاردىن كۆپ بالدۇر باشلىغان.

--ئۇلار بالا تەربىيىسىگە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بولىدۇ. ئۇنى كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، دەپ قارايدۇ. ھەمدە بالا تەربىيىسىنى ئائىلىدىكى تەربىيە، مەكتەپتىكى تەربىيە ۋە جەمئىيەتتىكى ھەممە كىشىلەرنىڭ نازارەتتە بولىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

--يەھۇدىلار ئۆزى توغرۇلۇق يازغان نەرسىلەردە ئۆزلىرىنى جۇدائىزم بىلەن تەۋراتقا چەمبەرچاس باغلايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقىدەك تەقدىرىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدە، ھەمدە كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ ماڭالىشىدا بۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆپ تەكىتلەيدۇ. ئەمما ھازىر يېزىلىۋاتقان ئۆزلىرى توغرىسىدىكى نەرسىلىرى ئاساسەن ھازىرقى ھايات توغرۇلۇق بولۇپ، كېيىنكى ھاياتنى ناھايىتى ئاز تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

--ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ياپونلۇقلار بىر دىنچى مىللەت ئەمەس. ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، ئەخلاقى ۋە قىممەت قارىشى ئاساسەن ئۆز ئەنئەنىسىگە ۋە ئۆز پەلسەپىسىگە ئاساسلانغان. ئۇلار بىر مەزگىل غەربلىكلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى كىرگۈزۈپ باققان بولسىمۇ، كېيىن ئۇلاردىن ئاساسەن ۋاز كەچكەن. ياپونلۇقلارنىڭ ھازىرقى قىممەت قارىشىدا بۇددىزم تەلىماتلىرىنىڭ بىر قىسىم تەسىرلىرى بار. ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرقىدەك قۇدرەت تېپىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان نەرسە يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس تۇرمۇش پەلسەپىسى، تەبىئىي خاراكتېرى، ۋە تەربىيە ئارقىلىق يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاقلىرىدىن ئىبارەت.

--ياپونلۇقلار بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدە بىرەر دىننىڭ تەلىماتى ياكى بىرەر ئىنسانلار توپىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان ۋاقىتتىكى توغرا-خاتانى ياكى ياخشى-ياماننى ئۆلچەم قىلمىغان. پەقەت قىلماقچى بولغان بىر ئىشنىڭ ئاقىلانە ئىش ياكى ھاماقەت ئىكەنلىكىنىلا ئۆلچەم قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونلۇقلار باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە دەخلى-زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا پەقەت ئاقىلانە ئىشلارنىلا قىلىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياشاش يولى قىلغان. يەھۇدىلار بولسا ھەر خىل قانۇن-قائىدىلەرنى بۇزمىغان، ياكى بۇزسىمۇ سىرتقا بىلىندۈرمىگەن ياكى باشقىلار قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە بۇزغان ئاساستا پەقەت ئاقىلانە ئىشلارنىلا قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ياشاش يولى قىلىپ كەلگەن.

--ياپونلۇقلار بىلەن يەھۇدىلارنىڭ يەنە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئۇلار بىلىم، ئىقتىدار، ماھارەت ۋە جاسارەت قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە ئىنسان مۇكەممەللىكىگە يېتىشنى، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپلا جان تىكىپ قاتتىق تىرىشىشنى، ھەمدە ئەڭ قىيىن كەسىپلەرنىڭ كەسىپ ئەھلى ياكى مۇتەخەسسىسلىرى بولۇۋېلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان.

--ياپونلۇقلار بىلەن يەھۇدىلار ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق جايدا مىللەت مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. ياپونلۇقلار ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاشۇ ئىككى مىللەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. بىر قىسىم مۇسۇلمانلار كېيىنكى ھاياتنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. بەزىلەر بولسا كېيىنكى ھاياتنى ھازىرقى ھاياتتىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھازىرقى ھاياتتا ئۆزلىرىنىڭ كەمسىتىلىپ ۋە خارلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچىمى قىلىدۇ. ئۇلار قوللىنىدىغان ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە قىممەت قارىشى بىلەن يۇقىرىدىكى ئىككى مىللەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە قىممەت قارىشىدا ناھايىتى زور پەرقلەر بار.

ياپونلۇقلارغا دۇنيا ئانچە دىققەت قىلمايدىغان، ياپونىيىنى دۇنيا ئانچە بىلمەيدىغان بىر ۋاقىتلاردا، ئىسلام دۇنياسى ئىلىم-پەندە پۈتۈن دۇنياغا باشلامچى بولۇپ ماڭغان. بۇنداق باشلامچىلىق رولى مىڭ يىلدەك داۋام قىلغان. ھازىر ئىلىم-پەن ۋە يۇقىرى تېخنىكىلاردا ئىسلام دۇنياسى نەدە، ياپونىيە نەدە؟

ياپونلۇقلارغا دۇنيا ئانچە دىققەت قىلمايدىغان، ياپونىيىنى دۇنيا ئانچە بىلمەيدىغان بىر ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇرلار يەر شارى يۈزىنىڭ خېلى كۆزگە كۆرۈنگىدەك بىر پارچىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن. ئۆزىنىڭ ھەممە جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكىدىن ھوزۇرلانغان. ئاشۇنداق دەۋر خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقان. ھازىر بىز نەدە، ياپونلۇقلار نەدە؟ ياپونلۇقلار دۇنيانى سورىغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بىر ئەزاسى بولۇپ ياشاۋاتىدۇ. بىز بولساق ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىركاڭشىشىۋاتىمىز.

رەھمەتلىك ئابدۇشۈكۈر مەمەتىمىن ئۇستازىمىز «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ [8]:

« گەرچە تارىخىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق سەھىپىلىرى بىر-بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئۇلىدا جىلۋىلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار دىغار، ھون، تېلې قەبىلىلىرى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنى بىرلەشتۈرۈپ جۇجان ۋە كۆكتۈرك خانلىقىنى غۇلىتىپ، تاڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىنى ئۆڭلۈك-سۈيگۈن قوشۇنلىرى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ تالاڭ قىلغۇچ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىپەك يولىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈپ قويغان كۈچلەرنى تازىلاپ، سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب خېلىپىلىكىگىچە كېڭېيتىپ، ئۆز تىلىنى ئىمپىرىيە تىلى—ئەرەب تىلى بىلەن «بەيگىدىكى ئاتتەك» مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ، ئىچكى ئۇيۇشۇش ۋە سىرتقا قارىتا بىرلىك-ھەمدەملىكنىڭ شاراپىتىنى نامايىش قىلغانىدى. ۋاھالەنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى چېكىندۈرگەن، چىڭگىزخان سەلتەنىتىگە مەنىۋىي ئۆزۇق بېغىشلىغان بۇ خەلق كېيىنچە، ئەھمەتشاھ قاراقاشى غەزىلىدىكى «ئات» ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى! »

«ھەممىگە مەلۇم، ئۇلۇغبېك پاجىئەسىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ نوقۇل «كەتمەن بىلەن ھوسۇل»، «ناماز بىلەن غۇسۇل»، «دۇتار بىلەن ئۇسسۇل» دىن ئىبارەت بارى-يوقى ئۈچلا شادىلىق پىرقىرىما چاققا بەند بولغان مىللەت ئەمەس ئىدى.

قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ-ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە-مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا-پاقالچاق، ئۆپكە-ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربىتى يەتمىگەن خەلق يەنىلا كونا مۇقامغا يورغىلىسا، ئەسر ئالماشقان بىلەن ئۇنىڭ رىسقى نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟!

يېقىنقى بەش ئەسر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن، مۇرت بىزدىن» بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نېمە بولدى؟

يېقىنقى بەش ئەسردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرت-مۇخلىسلىق پىرقىۋازلىقى، يۇرتۋازلىق-مېھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ-بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل-دەرەخسىز جەزىرىدىكى قۇيۇنتازدەك مەسئۇلىيەتسىز پىتنە-ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇرلار» ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە «ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئۇرغۇي» بولۇپ چىقتى. »

يۇقىرىدىكى مەزمۇندىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭدىن 5 ئەسىر بۇرۇن، يەنى 1550-يىللىرى بىر چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. ئاشۇ ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۇيغۇرلار تېخىمۇ قۇدرەت تېپىش تەرەپكە ئەمەس، ئاجىزلىشىش تەرەپكە قاراپ ماڭغان. شۇ ماڭغانچە بىز مانا بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىپ قالدۇق. بىزنىڭ بۇرۇنقى ئىش-ھەرىكىتىمىز بىزنىڭ ھازىرقى تەقدىرىمىزنى بەلگىلىدى. بىزنىڭ ھازىرقى ئىش-ھەرىكىتىمىز، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ھازىر قانداق قىلىش توغرىسىدا ناھايىتى ئوبدان ئويلىنىشىمىز كېرەك. «بىزنىڭ ھازىر تاللىۋالغان ياشاش يولىمىز توغرىمۇ؟» دەپ سورىشىمىز، ھەمدە بۇ ھەقتە قاتتىق ئويلىنىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىزدە بۇنىڭدىن 5 ئەسىر بۇرۇن نېمە ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنىمۇ بىلىۋېلىشىمىز، شۇ چاغدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئوبدان يەكۈنلەپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرىغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئوخشاش ئىشنى تەكرارلاۋېرىپ، ئۇنىڭدىن باشقىچە نەتىجە كۈتۈش بىر خىل ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق. بىز تارىختىكى خاتالىقلىرىمىزنى تەكرارلىماسلىقىمىز ئۈچۈن، بۇرۇنقى تەجرىبە-ساۋاقلىرىمىزنى ئوبدان يەكۈنلەپ چىقىشىمىز كېرەك. مەن ئۇيغۇرلارغا بۇنىڭدىن 5 ئەسىر بۇرۇن نېمە بولغانلىقى ئۈستىدە ئازراق ئىزدىنىۋاتىمەن. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالىم بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا زۆرۈر ئىمكانىيەتلەرنى ھازىرلاپ بېرەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشقا بىر كۈچەپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزىمىزنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىشنىڭ بىر ئۇسۇلى ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىشتۇر. مەن ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ جەھەتتە بىر ئاز پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، يەھۇدىلار توغرۇلۇق ئىككى پارچە ماقالە يازدىم. ياپونلۇقلار توغرۇلۇق مەزكۇر ماقالىنى يازدىم. ياپونلۇقلارنى بىر پارچە ماقالىدە تولۇق تونۇشتۇرۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن ئۇلار توغرۇلۇق يەنە بىر-ئىككى پارچە ماقالە يېزىلشىم مۇمكىن. مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلايدىغان مەزمۇنلار بولسا، ئۇلارنى ھەممىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ماقالىنى ھەچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋەرىدۇ.


پايدىلانغان ماتېرىياللار:

[1] بىلىمخۇمار، «يەھۇدىلارنىڭ كۈچلۈك بولالىشىدىكى مۇھىم ئامىللار»

http://bbs.misranim.com/thread-114545-1-1.html

[2] «2013-يىلى قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئەڭ ساپالىق خەلق بولۇپ باھالاندى؟»

http://bbs.misranim.com/thread-116266-1-1.html

[3] يۇسۇف قەرداۋىنى، « مۇسۇلمانلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مەغلۇبىيەتلىرى »

http://bbs.bagdax.cn/thread-21183-1-1.html

[4] «ياپونلۇقلار روھى» (ياماتو داماشىئى، 大和魂)

http://en.wikipedia.org/wiki/Yamato-damashii

[5] Albrecht Fürst von Urach, «The Secret of Japan’s Strength», 1943.

[6] «Strength and weakness of Japan in comparison with other countries», February 15, 2010, rvdirza. wordpress. com

[7] Colgate Baker, «The real Japanese character», in «Independent», pp. 641-644. Year and issue number are not known.

[8] ئابدۇشۈكۈر مەمەتىمىن، «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت»

[9] List of countries by life expectancy

http://en.wikipedia.org/wiki/Lis . . . life_expectancy‏