ياڭ فاسېن

ئورنى Wikipedia

ياڭ فاسېن (خەنچە: 杨发森، Yángfāsēn)، ئەر، خەنزۇ، 1971 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ گۇلاڭلىق خىتاي دۆلەت مەمۇرى، سىياسەتچى.

1990 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1993 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن،

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1990 - يىلى 12 - ئايدىن 1994 - يىلى 3 - ئايغىچە، ئازادلىق ئارمىيە 36107 - قىسمىنىڭ جەڭچىسى بولغان؛

1994 - يىلى 3 - ئايدىن 1994 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلار سىنىپىدا ئوقۇغان؛

1994 - يىلى 12 - ئايدىن 1996 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان؛

1996 - يىلى 1 - ئايدىن 1999 - يىلى 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىلىق كارخانا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

1999 - يىلى 11 - ئايدىن 2004 - يىلى 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، سېكىرتارى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2000 - يىلى 9 - ئايدىن 2003 - يىلى 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛

2004 - يىلى 4 - ئايدىن 2005 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان؛

2005 - يىلى 9 - ئايدىن 2006 - يىلى 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان (2003 - يىلى 9 - ئايدىن 2005 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛

2006 - يىلى 8 - ئايدىن 2008 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

2008 - يىلى 12 - ئايدىن 2010 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى بولغان؛

2010 - يىلى 9 - ئايدىن 2013 - يىلى 6 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان؛

2013 - يىلى 6 - ئايدىن 2014 - يىلى 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان؛

2014 - يىلى 7 - ئايدىن 2016 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كۇچا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان؛

2016 - يىلى 12 - ئايدىن 2017 - يىلى 3 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان؛

2017 - يىلى 3 - ئايدىن 2018 - يىلى 2 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى (نازىر دەرىجىلىك)، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان (2017 - يىلى 5 - ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن)؛

2018 - يىلى 2 - ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 - دىۋىزىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - سېكىرتارى، 1 - سىياسى كومىسارى (2018 - يىلى 3 - ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن).

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - قېتىملىق يىغىنىدا، ئاپتۇنۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.