ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكى

Yavuz Sultan Selim Bridge
Yavuz Sultan Selim Köprüsü

كووردىناتلار °41.20291 شىمال 29.11162° شەرق
رەسمى ئاتى

باشقا ئاتى

Yavuz Sultan Selim Köprüsü

ئۈچىنچى بوغاز كۆۋرۈكى

مەۋقە

ئۆتكەن يېرى

ئىستانبۇل، تۈركىيە

ئىستانبۇل بوغازى\بوسفوروس بوغۇزى

ئىش باشلاش

ئېچىلىشى

2013- يىلى

2016- يىلى 26- تومۇز\ئاۋغۇست

قاتناش تۈرى موتورلۇق قاتناش، يۇقرى سۈرەتلىك پويىز ۋە يۈك ئاپتوموبىلى
ئىش ئىگىسى IC İçtaş

Astaldi

لايھەلىگەن Michel Virlogeux

T-Engineering

تۈرى ئاسما كۆۋرۈك (تۈۋرۈك ئارىسى ئەگرى ئاسما)، Hybrid
تەركىبى
پولات ۋە بېتون
يول سانى 4+4 ئاپتوموبىل بېرىش كېلىش، 1+1 تۆمۈريول بېرىش كېلىش (تېز پويىز)
تۈۋرۈك سانى 2
ئۇزۇنلىقى 2164 مېتر (6،152 فت)
كەڭلىكى 59 مېتر (194 فت)
ئىگىزلىكى

-دېڭىز يۈزىدىن

322 مېتر (1،056 فت)

329.5 مېتر (1،081 فت)

ئەڭ كەڭ سۇ يۈزى 1،408 مېتر (4،619 فت)
قوللىنىلىشى ماتورلۇق قاتناش، تېز پويىز، ئوتويول O-6، ئىستانبۇل 3. ئەتراپ يولى
ئومۇمىي چىقىم 4.5 مىلىيارد لىرا (₺)
يول ھەققى 9.90₺ (كىچىك تىپتىكى ماشىنا)، ₺21.29 (يۈك ئاپتوموبىللىرى)

ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكى (تۈركچە: Yavuz Sultan Selim Bridge) ياكى ئۈچىنچى بوغاز كۆۋرۈكى، ئىستانبۇل بوغۇزى ياكى بوسڧوروس بوغۇزىنىڭ قارا دېڭىزغا يېقىن شىمال تەرەپىگە قۇرۇلغان كۆۋرۈكتۇر. ئىسمى 9. ئوسمانلى پادىشاھى، تۇنجى ئوسمان تۈرك خەلىڧەسى ياۋۇز سۇلتان سەلىم خاننىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. كۆۋرۈك ياۋروپا ياقىسى تەرەڧتە سارىيەر ناھىيىسىنىڭ گارىپچە مەھەللىسى بىلەن ئاسيا ياقىسى تەرەڧتە بەيكوزنىڭ پويرازكۆي رايونىنى تۇتاستۇرۇپ تۇرىدۇ.

مەزكۇر كۆۋرۈك 59 مېتر كەڭلىكى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ كەڭ، 322 مېتر تۈۋرۈك ئېگىزلىكى بىلەن ئەگمە ئاسقۇلىق كۆۋرۈكلەر ئارىسىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز، پۈتۈن كۆۋرۈكلەر ئىچىدە ڧرانسىيەدىكى مىللاۇ جىلغىسى كۆۋرىكىدىن كېيىنلا دۇنيادا ئىككىنچى ئەڭ ئېگىز تۈۋرۈكلۈك ئاسما كۆۋرۈك بولۇپ 1408 مېتىرلىق ئاساسىي ئوچۇقلىقى بىلەن ئۈستىدە رېلىس قۇرۇلغان ئەڭ ئۇزۇن ئاسما كۆۋرۈك ئېرۇر[1]. 2013- يىلى 29- باھار\ماي كۈنى كۆۋرۈك قۇرلۇشىغا ئۇل سېلىندى. 39 ئايدا 4.5 مىلىيارد لىرا سەرڧ قىلىنىپ قۇرۇلغان كۆۋرۈك 2016- يىلى 26- ئاۋغۇست قاتناش باشلاندى.


ئېچىلىش مۇراسىمى[تەھرىرلەش]

2016- يىلى 26- ئاۋغۇست رەسمىي قاتناش باشلاش مۇراسىمى بىلەن ئېچىلدى. مۇراسىمغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەلباشى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بەھرەيىن قرالى ھاماد بن ئىسا ئەل خەلىڧە، بوسنىيە-ھىرتسىگوۋىنا رەئىس كونسىيىسى رەئىسى بەكر ئىززەتبېگوۋىچ، ماكىدونىيە ئەلباشى كورگې ئىۋانوۋ، شىمالىي قىبرىس ئەلباشى مۇستاڧا ئاكىنجى، 11. تۈركىيە ئەلباشى ئابدۇللاھ گۈل، سابىق تۈرك باش مېنىستېرلىرىدىن ئەھمەد داۋۇدئوغلۇ، تۈركىيە پۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان، تۈركىيە باش مېنىستېرى بنئالى يىلدىرىم، تۈركىيە ھەربىي كومېتىتى رەئىسى ھۇلۇسى ئاكار ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستېرى بويكو بورىسوۋ، پاكىستان پەنجاب ۋىلايىتى باش مىنىستېرى شاھباز شەرىڧ، سېربىيە مۇئاۋىن باش مىنىستېرى راسىم لژاژىك، گۈرجىستان باش مىنىستېر بىرىنچى مۇئاۋىنى دىمىتىرى كۇمسىسىھۋىلى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان مىنىستېر، خەلق ۋەكىلى ۋە ڧۇقرالار قاتناشتى [2].

2016- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى كېچە سائەت 00:00 دە كۆۋرۈك رەسمىي قاتناشقا ئېچىلدى. ھەمدە 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئۆتۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەنبئەلەر[تەھرىرلەش]

  1. http://ekonomi.haberturk.com/makro-ekonomi/haber/758509-iste-3-kopru
  2. haber kaynağı|başlık=Yavuz Sultan Selim Köprüsü'ne dev açılış. 31 Ağustos'a kadar ücretsiz|url=http://www.cnnturk.com/turkiye/yavuz-sultan-selim-koprusu-bugun-aciliyor%7Cerişimtarihi=27 Ağustos 2016|yayıncı=CNN Türk|tarih=26 Ağustos 2016