يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (قەشقەر شەھىرى)

ئورنى Wikipedia
يېڭىئۆستەڭ يېزىسى

英吾斯坦乡.Yengi’östeng town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 35.7 مىڭ
يەر مەيدانى 109.16 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىقەشقەر شەھىرى قارمىقىدا بۇلۇپ، يېڭىئۆستەڭ يېزىسى شەرقىي ئاققاش يېزىسى، غەرب تەرىپىقوغان يېزىسى، جەنۇبىي پاسىلى مان دەرياسى بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىياڭدا يانداقمان يېزىسى، شىمالىي تەرىپىئاۋات يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭلىكى 15 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 109.16 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە تۈز سىزىق ئارىلىقى 33 كىلومېتىر كېلىدۇ.

تارىخى[تەھرىرلەش]

1953-يىلى ئاۋات رايونى بۇ رايوننى تەسىس قىلىنغان، 1958-يىلى يېڭى ئۆستەڭ خەلق گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1975-يىلى ئايرلىپ قەشقەر شەھىرى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان. 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە قاراپ چىقىرىپ، بۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان، بەشكېرەم ، ئاۋات، يېڭىئۆستەڭ تۆت گۇڭشې ۋە خانوي قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانىغا ئايرىپ بېرىلگەن. 1984-يىلى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دەپ ئاتالغان. 2013-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرپىدىن قەشقەر شەھىرى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ئايرىپ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى تەۋەلىكىدە شەھەرگە قارايدىغان 19 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 15 مەكتەپ (بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ بىر)، توققۇز بالىلار باغچىسى بار. ھەر قايسى مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

  • 1.سەيپۇڭئېرىق كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى توققۇز كىلومېتىر كېلدۇ، ئاساسلىقى 1-، 2-كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 420. نوپۇسى 1920 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1866 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2150 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يېرى 1.2 مىڭ مو.
  • 2.توقاي ئېرىق كەنتى : شەھەر رايونىغا 20 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 6 كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى 1-، 2-كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارىمىقىدا 10 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 660، نوپۇسى 3014 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە: يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2954 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4200 مو، كىشى بېشىغا 1.4 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ.
  • 3.قىشتا ئېرىق كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 6 كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسەن يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارىمىقىدا 100 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلە سانى 300، نوپۇسى 2734 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2658 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4300 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.6 موغا يەتكەن.
  • 4.خەزىنەبويى كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 22 كىلومېتر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-، 22-كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 36، نوپۇسى 1846 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1832 ئادەم) ؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3440 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 8 مو.
  • 5.توقاي كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-، 2-كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارىمىقىدا توققۇز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 859 ئائىلە، نوپۇسى 3330 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 3245 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4682 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 3 مو.
  • 6.ھەرەمباغ كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 27 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 1.5 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-، 2-كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارىمىقىدا 10 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 586، نوپۇسى 2888 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2762 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3615 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 3 مو.
  • 7.غۇنچە ئېرىق كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 28 كىلومېتر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 2 كىلومېتىر، ئاساسلىق 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا 7 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار، ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 435 ئائىلە، نۇپۇسى 2300 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2175 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3100 مو، كىشى بېشىغا 1.4 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ.
  • 8.يىڭنەقاش كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.5 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى 1-، 2-كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا 111 مەھەللە بار. ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي ئائىلە سانى 320، نوپۇسى 3933 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 3913 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5552 مو، كىشى بېشىغا 1.4 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ.
  • 9.چېچەكلىك كەنتى : شەھەر رايونىغا 33 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي سانى 318، ئاھالىسى 1380 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1295 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2986 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2 مو.
  • 10.سوڭگۇلاچ كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 29 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.5 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 3166، نوپۇسى 1515 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1413 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4106 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.7 مو.
  • 11.قاشبويى كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 37 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى سەككىز كىلومېتىر، ئاساسلىق كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ قارمىقىدا سەككىز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 550، نوپۇسى 2796 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2751 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6776 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.5 مو.
  • 12.دۆڭكۆل كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 28 كىلومېتر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىمىقىدا تۆت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 247، نوپۇس 1061 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1061 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2230 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.2 مو كېلىدۇ.
  • 13.لەنخەن كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 28 كىلومېتر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 6 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 344 ئائىلە، نوپۇسى 1568 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1558 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4129.3 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 2.6 مو تېرىلغۇ يەر.
  • 14.ئوسمان تۇزئېرىق كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 14 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر، ئاساسلىقى 11-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 435 ئائىلە، نوپۇسى 2375 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2363)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2488 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر مودىن توغرا كېلىدۇ.
  • 15.يېڭىئېرىق كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارىمىقىدا بەش كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئائىلىلەر ئومۇمىي سانى 310 ئائىلە بولۇپ، نوپۇسى 1813 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1786 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2700 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 5 مو.
  • 16.جىگدىلىك كەنتى : شەھەر رايونىدىن 32 كىلومېتر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 3755، نوپۇسى 1447 (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1435 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3685 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 2.6 مو تېرىلغۇ يەر.
  • 17.ئارا مەھەللە كەنتى : شەھەر رايونىغا 13 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى سەككىز كىلومېتىر، ئاساسلىقى 11- كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارمىقىدا سەككىز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 470، نوپۇسى 2150 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2140 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5348 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.4 مو.
  • 18.ئاۋاتئېرىق كەنت : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 21 كىلومېتر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارىمىقىدا 10 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئائىلىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 553 ، نوپۇسى 2892 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2834 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3997.3 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يېرى 12 مىڭ مو.
  • 19.بازار كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 24 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 8.0 كىلومېتىر، ئاساسلىقى 1-، 2-، 33-كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان. قارىمىقىدا ئۈچ كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 272، نوپۇسى 1520 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1459 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1860 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 5 مو.
  • 20.دېھقانچىلىق مەيدانى كەنتى : شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر، ئاساسلىقى1-، 2-، كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ. قارىمىقىدا بىر كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 28، نوپۇس 116 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە : يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 116 ئادەم)؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 920 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 8 مو.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

باشقىلار[تەھرىرلەش]