يەھۇدى گىردىسى

ئورنى Wikipedia
يەھەۇدى گىردىسى

يەھۇدى گىردىسى (ياكى بەيگىل، بېيگول؛ ئېنگلىزچە: Bagel؛ پولچە: bajgiel؛ يىددىشچە: בײגל) پولشادىكى يەھۇدىلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىغان، شەكلى گىردىگە ئوخشايدىغان، يۇمشاق بولكا. يەھۇدى گىردىسىنىڭ يېقىلىشى گىردىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئاساسسلىقى ئۇن، ئېچىتقۇ، سۇ، ۋە كۈنجۈت دېگەندەكلەر ئىشلىتىلىدۇ. خېمر گىردە شەكلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى قىزىق سۇدا بىر ئاز قاينىتىپ ئېلىپ ئاندىن تونوردا قاقلاپ پىشۇرۇلدۇ. يەھۇدى گىردىسى گىردە، توقاق، دوناتقا ئوخشاشلا تۇرمۇشتا، كوچا-كوچىلاردا، پىرەنىڭ دۇكانلاردا، قەھۋەخانىدا ئۇچرىتىشىقا بۇلىدىغان ئىستراھەت ۋە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكىدۇر. يەھۇدى گىردىسى ئامېرىكا، ياۋۇرپا، ۋە ئىسرائىلىيەدە كۆپ ئۇچىرايدىغان بولكا (نان) تۈرىدۇر.

ئالبۇم[تەھرىرلەش]