Jump to content

پاختەكلە يېزىسى

ئورنى Wikipedia
پاختەكلە يېزىسى

帕哈太里克乡.Paxtekle town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 6 دانە
نوپۇس 14 مىڭ
يەر مەيدانى 39.89 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

پاختەكلە يېزىسىقەشقەر شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شەرقىي تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتىيېڭىشەھەر ناھىيىسى، غەرب تەرىپى زەمىن يېزىسى، لەڭگەر يېزىسى، جەنۇب تەرىپى قىزىلسۇ دەرياسى ۋە ئوغۇساق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى قىزىل دەريا تارمىقى ۋە سەمەن يېزىسى بىلەن قەشقەر شەھىرىشامالباغ بازىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئەڭ بەك ئۇزۇنلىقى 16 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ بەك كەڭلىكى 44 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 39.89 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 11.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.

جۇغراپىيەسى

[تەھرىرلەش]

يېزىلىق قىزىل دەرياسى شۆبە باشقارمىسى جايلاشقان كىچىك چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدا غەربتىن شەرققە قاراپ يانتۇ، يەر شەكلى پەس ۋە تۈزلەڭ، يانتۇ چۈشۈشى 1/350 ~ 1/700. تۇپراقتىكى شاللىق تۇپراق كۆلىمى %27.01، زەي تۇپراق كۆلىمى %39.52، سۇغىرىلما تىنما تۇپراق كۆپەيتمە %6.91 بولغان، يېڭى تىنما تۇپراق كۆلىمى %2.17 ىنى ئىگىلەپ، قوڭۇر چۆل تۇپراق كۆلىمى %23.02، سازلىق توپىسى، چىملىق تۇپراقنىڭ كۆلىمى %1.37 نى ئىگىلەيدۇ. كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يەر ئاستى سۈيى مول، بۇلاق سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شال تېرىقچىلىق رايونى.

مەمۇرىي كەنتلەر

[تەھرىرلەش]

مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدە كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، يەنى:

  • پاختەكلە كەنتى (​帕哈太克里村)؛
  • تۆۋەنكى قاقۇللا كەنتى (托万克喀库拉村)؛
  • سوغۇلۇق كەنتى (​索古鲁克村)؛
  • شورباغ كەنتى (肖尔巴格村)؛
  • يۇقارقى پاختەكلە كەنتى (​尤喀克帕哈太克里村)؛
  • يۇقارقى قاقۇللا كەنتى (尤喀尔克喀库拉村)؛

قاتارلىقلار كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى 34 كە يەتكەن.

ئىقتىسادى

[تەھرىرلەش]

1998-يىلى يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 22 مىليون 824 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.3 ئاشتى. يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر 21024 مو، ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 11 مىليون 922 مىڭ كىلوگرام، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1 ئاشقان، بىرلىك مەھسۇلاتى مىڭ 567 كىلوگىرام ؛ كېۋەز تېرىش 802 مىڭ موغا ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى ناھىيە بويىچە 49 مىڭ 600 كىلوگرام ، ئالدىنقى يىلدىكىدىكىنىڭ %49.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بىرلىك مەھسۇلاتى 61.8 كىلوگرام؛ تۇياق-چارۋا قوتان قالدۇقىنىڭ ئومۇمىي سانى 19247 تۇياق بۇلۇپ %20 ئاشقان. 1998-يىلى خەلقنىڭ تۇرمۇشى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1307.7 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 1077 كىلوگرامغا يەتكەن.

قاتنىشى

[تەھرىرلەش]

1998-يىلىدىكى پوچتا-تېلېگراف قاتنىشىدا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن 32، چوڭ-كىچىك تراكتورلار 182 دانە، چوڭ-كىچىك پرىتسېپ 130، پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى 26 گە يەتكەن. يېزا پوچتا-تېلېگراف پونكىتى، كەنت ئاددىي تاشيوللار بار بۇلۇپ، قاتنىشى ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان.

مائارىپى

[تەھرىرلەش]

1998-يىلى مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 6 باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 154 ئادەم، ئوقۇغۇچىلار 2651 ئادەم. يېزىلىق دوختۇرخانا، كەنت ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى بار بولۇپ، جەمئىي تېببىي خادىمى 23 كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇردىن سەككىزى، سېسترادىن سەككىزى بار. يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ رادىئو ئۇزېلىدا رادىئو پروگراممىسى، كىنو قويۇش ئەترىتى، كەنت تېلېۋىزور ئۆيى، كۇتۇپـخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (تەنھەرىكەت مەيدانى)، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى قاتارلىقلار بار.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]