پۇل پاخالسىزلىقى

ئورنى Wikipedia

پۇل پاخالسىزلىقى (ئۇيغۇرچە باشقىچە ئاتىلىشى: دىفلاتسىيە؛ ئېنگلىزچە: Deflation) بازاردىكى مال ۋە مۇلازىمەت ئومۇمى باھاسىنىڭ چۈشۈش ياكى تۈۋەنلەش ھادىسىنى كۆرسىتدۇ. پۇل پاخالسىزلىقى دەل پۇل پاخالللىقىنىڭ ئەكسى يۈنىلىشىدۇر. پۇل پاخاللىقى ئادەتتە مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى، كونكىرىت بولغاندا مال باھاسنىڭ ئېشىشىغا قارىتىلغان. پۇل پاخالسىزلىقى دەل مال باھاسنىڭ ئارتماي، ئەكسىچە چۈشىشىنى كۆرستىدۇ. پۇل پاخالسىزلىقى دەل مەنپى قىممەتتىكى ئىستىمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچىدۇر. پۇل پاخالسىزلىقى پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىنى، يەنى ئوخشاش پۇلغا ھازىر تېخممۇ جىق مال ۋە مەھسۇلات سېتىۋالغىلى بۇلدىغانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ. گەرچە پۇل پاخالسىزلقى ئاڭلاشقا ناھايىتى ياخشىدەك تۇيۇلغان بىلەن ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان تەسىر ناھايىتى سەلبىي. ئىقتىساد نەزەريەسىدە پۇل پاخاللىقى پۇل پاخالسىزلىقىدىن ياخشىدۇر.

پۇل پاخالسىزلىقىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىنىڭ گرافىكلىق چۈشەندۈرلۈشى.