چوگىر چوققىسى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
چوگىر چوققىسى

乔戈里峰.K2

K2 2006b.jpg
چوگىر چوققىسى
ئېگىزلىكى 8611m
دەرىجىسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتىنىڭتاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى،

پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونى

چوگىر چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8611 مېتىر كېلىدۇ، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز چوققا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىدىن قالسىلا ئەڭ ئېگىز، ئۇنىڭ يامىشىش قىيىنلىق دەرىجىسى جۇمۇلاڭما چوققىسىدىن قىيىن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدە.چوگىر چوققىسى «K2» ،«k» بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، قارا قۇرۇم تېغىنى كۆرسىتىدۇ، «2» بولسا قاراقۇرۇم تېغى تەكشۈرۈلگەن ئىككىنچى تاغ چوققىسى، چوگىر چوققىسىدا ئاساسلىق ئالتە تاغ تىزمىسى بار، غەربىي شىمال-شەرقىي جەنۇب ئومۇرتقىسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ باش تاغ ئومۇرتقىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو، پاكىستاننىڭ دۆلەت چىگرىسى. بۇلاردىن باشقا، يەنە شىمالىي تاغ، غەربىي تاغ، غەربىي تاغ تىزمىسى قاتارلىقلار بار.

ئاساسىي ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

چوگىر چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8611 مېتىر كېلىدۇ، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز چوققا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىدىن قالسىلا ئەڭ ئېگىز، ئۇنىڭ يامىشىش قىيىنلىق دەرىجىسى جۇمۇلاڭما چوققىسىدىن قىيىن، چوگىر چوققىسى ياۋايى چوڭ چوققىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭغا ياماشقاندىكى ئۆلۈش نىسبىتى %27 تىن ئېشىپ بارغان، تاغقا يامىشىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

چوگىر زاڭزۇچە سۆز بولۇپ، «ئاق رەڭلىك ئايال ئىلاھ» دېگەن مەنىدە. ئۇ قاراقۇرۇم تىزمىلىرىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى، «k2» چوققا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرالىنىدىغان يېرىگە جايلاشقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدە.

1954-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىتالىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى لىنو رېۋىيلېئىر بىلەن ئاچىل كىپاگىنو تۇنجى بولۇپ بۇ چوققىنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىققان. 8000 مېتىردىن ئېگىز چوگىر چوققىسى خەلقئارا تاغقا چىقىش ساھاسى ئېتىراپ قىلغان يامىشىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان تاغ چوققىسى، شۇنداقلا بۈگۈنگىچە بىردىنبىر قىشلىق يامىشىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك يامىشالمىغان 8000 مېتىر دەرىجىلىك مۇستەقىل تاغ چوققىسى.

قاتناش[تەھرىرلەش]

قاغىلىق تىن ماشىنا بىلەن شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىنى بويلاپ مازارغا بېرىپ، ئاندىن ئاددىي تاشيولنى بويلاپ 25 كىلومېتىر ماڭغاندا مازار دالاغا بارغىلى بولىدۇ. بۇ يەردىن پىيادە ئالتە كۈندە، 90 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقاندا ئاندىن چوگىر چوققىسى تاغ لاگىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3924 مېتىر بولغان قىزىل ئاۋاز ساھىلىغا بارغىلى بولىدۇ. بۇ يول دېڭىز يۈزىدىن 4800 مېتىر كېلىدىغان ئاغىلدا قەبرىسىدىن قايرىلىپ كۆلچىن دەرياسى ۋادىسىغا كىرگىلى بولىدۇ، 7-، 8-ئايلاردا بۇ يولدىن مېڭىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ چاغدا كۆلچىن دەرياسى دەريا سۈيى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس.

K2 East Face 1909.jpg
چوگىر چوققىسى شەرقىي يۈزى

يەر شەكلى[تەھرىرلەش]

چوگىر چوققىسىنىڭ شەكلى ئىھرام شەكلىدە بولۇپ، مۇز قىيالىرى تىك، تاغلىرى خەتەرلىك. تىك يانتۇ تىمىدا قار كۆچكۈنى بولغانلىقىنىڭ ئىزلىرى قالغان. تاغ چوققىسىدا بىر شىمالدىن جەنۇبقا سەل-پەل كۆتۈرۈلۈپ قالغان مۇزلۇق بار، كۆلىمى چوڭ. شىمالىي خۇددى پىچاق بىلەن تىلىپ پالتا بىلەن چېپىۋەتكەندەك ئوتتۇرىچە يانتۇلۇقى 45 گرادۇستىن يۇقىرى. شىمالىي چوڭ لاگىرىدىن يۇقىرى پەللىسىگىچە بولغان ۋېرتىكال ئېگىزلىك پەرقى 4700 مېتىرغا يېتىدۇ، دۇنيادىكى 8000 مېتىردىن ئېگىز چوققىلارنىڭ تىك ئېگىزلىك پەرقى ئەڭ چوڭ تاغ تىزمىسى. شىمالىي تەرىپىدىكى مۇزلۇق چوگىر مۇزلۇقى دىيىلىدۇ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان. مۇزلۇق يۈزىدىكى چېقىلىپ كەتكەن ۋە ئوچۇق مۇز يېرىقى گىرەلىشىپ كەتكەن. مۇزلۇق غەربىي تەرىپىدىكى تاغ جىلغىسىدىكى تىك قىيادا، تاش دومىلاش، مۇز كۆچكۈنى، قار كۆچكۈنى كۆپ يۈز بېرىدۇ. چوگىر چوققىسىنىڭ ئىككى تەرىپى ئۇزۇنلىقى 44 كىلومېتىر بولغان يېڭى سۆگەت مۇزلۇقى.

كىلىماتى[تەھرىرلەش]

چوگىر چوققىسىنىڭ يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپلا قالماستىن، كىلىماتىمۇ ناھايىتى ناچار. ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە، غەربىي جەنۇب پەسىل شامىلى ئېلىپ كەلگەن ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى، يامغۇرغا ئايلىنىپ چۈشىدۇ، ئۆز رايونىنىڭ يامغۇر پەسلى ھېسابلىنىدۇ. 9-ئايدىن كېيىنكى يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، كۈچلۈك غەرب شامىلى ئاچچىق، دەھشەتلىك قىشنى ئېلىپ كىلىدۇ. چوققىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇراسى 50-گرادۇسقا يېتىدۇ، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 25 مېتىر ھەر سېكۇنتتىن يۇقىرى، تاغقا يامىشىشتىكى كىلىمات چەكلەنگەن رايون. 5-ئايدىن 9-ئاي ئارىلىقىدا ھاۋا تېمپېراتۇراسى ئۆرلىگەن بولغاچقا ئېرىگەن قار، دەريا سۇ ئورنىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاغقا كىرىش قىيىن، شۇنىڭ ئۈچۈن تاغقا يامىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى 5-ئاينىڭ بېشىدىن 6-ئاينىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بەزىدە دەريا سۈيى ئۆرلەيدۇ، بىراق ئانچە ئېغىر ئەمەس. 7-ئايدىن 9-ئايغىچە تاغ چوققىسىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى سەل يۇقىرى، ھاۋاسى ياخشى ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، تاغقا يامىشىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.

شان شەرەپلەر[تەھرىرلەش]

2005-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگونىڭ ئەڭ گۈزەل جاي رەت تەرتىپى بېيجىڭدا ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيىسى» ئۇيۇشتۇرغان، مەملىكەت بويىچە 34 ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەمكارلاشقان «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جاي»نى باھالاش پائالىيىتى سەككىز ئاي داۋاملىشىپ، «مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتى گۇرۇپپىسى»، «ئاخبارات ۋاستىلىرى چوڭ يانفون مىجەزى» بىلەن «تور گۇرۇپپىسى» ۋە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق بېلەت تاشلاش ۋە تورداشلار، يان تېلېفۇن ئابونتلىرى ھەر قايسى بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەيدا بولغان 12 مۇكاپات باھالاپ چىقىلغان. ھالبۇكى ، جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى كۈچلۈك يولغا قويغان، «مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتى گۇرۇپپىسى» مۇكاپاتى بولسا ئۆزگىچە، تاغ، كۆل، ئورمانلىق، ئوتلاق، قۇملۇق، يارداڭ يەر شەكلى، دېڭىز ئارىلى، دېڭىز قىرغىقى، شاقىراتما، مۇزلۇق، مۇز تاغ، جىلغا، شەھەر ئىچى رايونى، يېزا-كەنت قەدىمىي بازىرى، ساياھەت ئۆڭكۈرى، سازلىق، نەم يەر قاتارلىق 15 تۈرگە بۆلۈنگەن، بۇلار ئىچىدە چوگىر چوققىسى جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون چوڭ داڭلىق تاغنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.