چىللە
Jump to navigation
Jump to search
چىللە ئېيى ياكى ئىيۇل ئېيى 12 ئاينىڭ 7- سىدۇر. يىلنىڭ يەتتىنچى ئېيى. 31 كۈنلۈك چوڭ ئايلارنىڭ تۆرتىنچىسى. ياز پەسلىنىڭ ئىككىنچى ئېيى.
بايرام ۋە ئالاھىيدە كۈنلەر[تەھرىر][مەنبە تەھرىر]
- 1- ئىيۇل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان كۈنى،
- شياڭگاڭ ئالاھىيدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغان كۈنى،
- كانادا دۆلەت قۇرۇلغان كۈنى
- 3- ئىيۇل بېلورۇسىيە مۇستەقىللىق كۈنى
- 4- ئىيۇل ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى
- 5- ئىيۇل ئالجىرىيە مۇستەقىللىق كۈنى
- 21- ئىيۇل بېلگىيە دۆلەت بايرىمى
قوشنا ۋە باشقا ئايلار[تەھرىر][مەنبە تەھرىر]
باشقا مەنىلىرى[مەنبە تەھرىر]
چىللە [çille] (چىللە ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، چىللە ئاتالغۇسى خەنزۇچىدىكى جۇ بىلەن باراۋەر) — «يازغى چىللە» ۋە «قىشلىق چىللە» دەپ ئايرىلىدۇ.
24 مەۋسۇملۇق دېھقانلار كالىندارىچە خەنزۇلاردىكى «جۇ» قىشلىق چىللىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ئىككى خىل ئاتىلىشى تەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر چىللە 9 كۈن بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈن (22- دېكابىر) دىن باشلاپ ئەتىيازلىق كۈن تۈن تەڭلەشكەن كۈن (3- ئاينىڭ 21- كۈنى) گىچە بولغان 81 كۈن 9 چىللىگە بۆلىنىدۇ.