ھەيدەر سايرانى

ئورنى Wikipedia

ئاتاقلىق مائارىپچى ھەيدەر سايرانى

ھەيدەر سايرانى 1886-يىلى روسىيە فېدېراتسىيىسى قارىمىقىدىكى تاتارىستاننىڭ ئۇفا شەھرىدە سايرانىلارنىڭ 6-ئەۋلادى ، تاتار زىيالى ئۇقۇتقۇچى مىنھاجىتتىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كىلىدۇ . ئۇ ئۇفا شەھرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، قازان ئۇنۋىرسىتىتىغا ئۇقۇشقا كىرىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا ئۇفادا مەدرىسلەرلا بار بۇلۇپ ، پەننى ئالى بىلم يۇرتلىرى قازانغا جايلاشقانىدى . ئۇ 1905-يىلى ئۇنۋىرسىتىتنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ .

1905-1907-يىللاردىكى روسىيە ئىنقىلابى ھەيدەر سايرانىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇ جەرياندا قازاندا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ، ئۇ تاتار خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ئابدۇللا توقاي بىلەن تۇنۇشىدۇ . ئۇلار ئابدۇللا توقاي ئىشلىگەن «ئەلئىسلا » « يەشىن » ( چاقماق ) ،«يالت-يۇلت » ژۇرناللىرىدىكى ماقالىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارىدۇ .

1909-يىلى تۇرپان ئاستانىلىق مەرىپەتپەرۋەر مەخسۇت مۇھىتى قازانغا بېرىپ ، ھەيدەر سايرانى بىلەن تۇنۇشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خەلقىنىڭ جاھالەت، زۇلمەت تۇمانلىرى ئىچىدىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ ، ئۇنى شىنجاڭغا بېرىپ ئۇقۇش ، ئاقارتىش ئىشلىرىنى يولغا سېلىپ ، خەلقنى جاھالەت ، زۇلمەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇپ ، مەرىپەتكە باشلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ .مەخسۇت مۇھىتنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ ۋە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىدۇ ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن بىر قانچە مەرىپەتپەرۋەر كىشلەر بىلەن ، جۈملىدىن ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلۇشىدا ياغاچچىلىق قىلىپ يۈرگەن تۆمۈر خەلپە بىلەنمۇ تۇنۇشىدۇ ، تۆمۈرخەلپنىڭ « تورپاق يېغىلىقى » ھەققىدىكى بايانلىرى ئۇنى بەكمۇ قىزىقتۇرىدۇ.ئۇ تۆمۈرخەلپىگە 1905-يىلى روسىينىڭ پىترگرات شەھرىدە يۈزبەرگەن « قانلىق يەكشەنبە » ۋەقەسىنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلىشىپ يېقىن دوسىتلاردىن بۇلۇپ قالىدۇ .

ئۈرۈمچىدىكى مەرىپەتپەرۋەرلەر ھەيدەر سايرانىنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ . لېكىن مەخسۇت مۇھىتى يەنىلا ئۇنىڭ تۇرپان ئاستانىغا بېرىشنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرغانلىقتىن ، 1909-يىلى ئاستانىغا بارىدۇ . ئۇ زاماندا ئاستانىدا بىرەرمۇ يىڭىچە پەننى مەكتەپ بولمىغانلىقتىن ھەممەيلەن دىنى ئۆلىمالارنىڭ ئاغزىغا قارايىتتى . شۇڭلاشقا خەلقنى ئاقارتىش ۋە مەدەنىيەتكە باشلاش يىڭىچە مەكتەپ ئېچىش ھەدىگەندە ئۇڭۇشلۇق بولمايدۇ . ھەيدەر سايرانى دەسلەپتە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئۈيىدە ئۇنىڭ ۋە تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۇقۇتىدۇ . ئۇ ياز كۈلىرى ئۈرۈمچىگە چىقىپ دەم ئالىدۇ . 1913-يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان پەرزەنتى ، ئۈزىنىڭ سىرداش دوستى تۆمۈر خەلىپە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلىدۇ .ھەيدەر سايرانى بۇ شېھىتىنىڭ نامىزىغا قاتنىشىپ ، ئۆز قولى بىلەن يەرلەپ ئاستانىغا قايتىدۇ . سەۋرىچانلىق بىلەن زېرىكمەي ، تېرىكمەي ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقى تەربىيە نەتىجىسىدە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئائىلىسىدە ئۇقۇشنى تەلەپ قىلغۇچى بالىلار تەدىرىجى كۈپىيىشكە باشلايدۇ .ئاخىرى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىكى ئىلغار زاتلارنىڭ بۇلۇپمۇ مەخسۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن يۆلىشى بىلەن 1913-يىلى ئاستانە مەدرىسى يېنىغا كۈنگەيگە قارىتىپ ئەينەك دېرىزىلىق ، ئاستى ئۈستى تاختايلىق بىر سىنىپلىق مەكتەپ سېلىنىدۇ .

مەكتەپنىڭ دەرس پروگراممىلرى ئاساسەن قازان مەكتەپلىرىگە ئوخشاش بۇلۇپ ، ئانا تىل ، ھېساب ، جۇغراپىيە ، تارىخ ، تەبىئەت ، ئەسىرى سائادەت (پەيغەمبەرلەر تارىخى ) تەنتەربىيە ، شېئىر قاتارلىق دەرسلەر ئۈتۈلىدۇ . گەرچە مەكتەپ ئېچىلىپ ئۇقۇش رەسمى يولغا قۇيۇلغان بولسىمۇ ، يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى توختىمايدۇ . چۈنكى ئىجىتىمائى ۋە تەبىئى پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىڭى مەدەنىيەت ، يىڭى ئىلىم ، شىنجاڭنىڭ فىئودال كونا مەدەنىيىتى ۋە كونا ئىلمىگە قارشى ئىدى . ھەيدەر سايرانى زور تىرىشچانلىقلار بىلەن ئۇقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ .

1914-يىلى ھەيدەر سايرانى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ، ئۇرۇغ-تۇغقان ، يارۇ بۇرادەر ۋە بەزى ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ .ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلىدۇ .1917-يىلى ئاستانىغا مەخسۇت مۇھىتىنىڭ موسكۋادىكى نۇرغۇن پۇللىرىنى ئۆتكۈزمەيۋاتىدۇ ، دىگەن خەۋەر كىلىدۇ ، دىگەن خەۋەر كىلىدۇ . مەخسۇت مۇھىتى بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، موسكۋاغا ھەيدەر سايرانىنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ . ئۇلار بۇ نۆۋەت موسكۋا ، قازان ، ئۇفا ، تاشكەنت ، سېمپالاتنىسىك قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ، ئەھۋاللارنى كۈزىتىپ يىڭىلىقلارنى ئۆگىنىدۇ . شۇنداقلا شىنجاڭغا ئەكىلىشكە ئادەم ئىز دەيدۇ . ۋە ئۇيەرلەردىن مۇھىببۇللا ئەپەندى ، گۈلەندەم ئابىستەي ، خىسام باۋىن ، خەسەن پەھىمى ، ئەلى ئىبراھىم ، شاھى مەشرەپ قاتارلىق ئالتە نەپەر مۇنەۋۋەر تاتار ئۇقۇتقۇچىسىنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىدۇ . ئۇلار 1917-يىلىدىن 1919-يىلىغىچە شىنجاڭغا كېلىپ بۇلىدۇ . ئالدىن ئويلىشىلغان پىلا ن بۇيىچە ، مۇھىببۇللا ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلەندەم ئابىستەي ئاستانىغا ، ئەلى ئەپەندى تۇرپانغا ، خەسەن پەھىمى بىلەن شاھى مەشرەپ لۈكچۈنگە ، خىسام گۇچوڭجغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ .ھەيدەر سايرانىنىڭ يىڭى مەكتەپلەرنى ئېچىپ خەلقىنى مەدەنىيەت يۇلىغا باشلىغىنىدىن كەڭ خەلق ئاممىسى بەكمۇ سۈيۈنىدۇ ۋە ئۇ يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىگە بۇلىدۇ . كىشىلەر يەنەئۇ نى يۇرتىغا كەتسە كەلمەي قالارمۇ ؟ دىگەن ئەندىشە بىلەن ئۇنى ئۆيلەپ قويماقچى بۇلىدۇ ،جامائەت ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەپ ،1917-يىلى ئاستانىلىق باۋۇدۇن ئاكىنىڭ قىزى ئايخانغا ئۆيلەپ قۇيىدۇ. ئاستانە مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارار ئۇقۇغۇچىلىرى 1917-يىلى ئۇقۇشنى تاماملايدۇ .بۇقاراردا ئابدۇرۇسۇل ئابدۇقەييۇمى ، مۆمىن ئەخمەت ، شاۋۇدۇن ئەپەندى ، مۆمىن ئىمىنھاجى ، دۇگامەت خۇدىيارى ،قۇربان سەئىدى ، ھەۋەيدۇل توختىھاجى ، ئابدۇللا پەرسا ، ئابباس نەجىمى ، ئەخمەت نەزەر قاتارلىق 40 نەچچە ئۇقۇغۇچى ئۇقۇغانىدى . ئۇلار ئۇقۇش پۈتتۈرگەندن كىيىن ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە چوڭ تۆھپىلەرنى يارىتىپ ، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى .

1917-يىلىغا كەلگەندە ئاستانىدىكى مەكتەپ كىچىكلىك قىلىپ قالىدۇ . يىڭىچە ئۇقۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلار كۈپەيگەچكە ، مەكتەپنى كىڭەيتىپ سېلىشقا توغرا كىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەخسۇت مۇھىتىنىڭ قورۇسىنىڭ قارشىسىدىكى بوش يەرگە دېرىزىلىرىنى كۈگەيگە قارىتىپ ، ئاستى ئۈستى تاختايلىق سىنىپلار سېلىنىدۇ ، سىنىپ ئىچى دوسكا ، پارتا ، ئۇقۇتۇش قۇراللىرى بىلەن جاھازىلىنىدۇ . يەنە بىر مەكتەپ سالىدۇ . بۇ مەكتەپ قورۇسىدا كۆل بۇلۇپ ، ئەتراپى دەرەخ بىلەن ئورالغان .مۇھىببۇللا ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلەندەم ئابىستەي 1918-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ مەكتەپتە ھەيدەر ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە دەرس ئۈتۈشكە باشلايدۇ .

1918-يىلى 18-دىكابىردا ھەيدەر ئەپەندى بىر ئوغۇل پەرزەنىت كۆرىدۇ ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر قۇيىدۇ . بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئايدىن كىيىن بەخەتكە قارشى ئانىسى ئايخان ئايلا ئالەمدىن ئۆتىدۇ . ئۇيغۇرنى چوڭ ئانىسى مەڭلىك ئايلا بىلەن ھەيدەر سايرانى ئۈزى باقىدۇ . ھەيدەر ئەپەندى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئابدۇللا پەرسا قارايدۇ . ھەيدەر سايرانى 1920-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ، ياڭخاڭغا سېلىنغان يىڭى مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ھەيئىتى بۇلىدۇ شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى قۇرۇلىدۇ ۋە ھەيدەر سايرانى ئىنسىپىكتورلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ .

1922-يىلى ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىدە مەخپى تەشكىللىگەن ئىلغار ياشلار تەشكىلاتىغا قاتنىشىدۇ .بۇ تەشكىلاتتا بۇرھان شەھىدى ، لۈكچۈنلۈك تاھىربەگ . تۇرپان ئاستانىلىق مەخسۇت مۇھىتى ، قەشقەرلىك كېرەم چوڭ ھاجى ، بايلىق ئايۇپ ، تۇرپانلىق يۇنۇسبەگ ، ئالتايلىق شەرىپقان تۆرىلەرمۇ بار ئىدى .

1925-يىلى ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىدە بۇرھان شەھىدىنىڭ سىڭلىسى زەينەپ بانۇ بىلەن توي قىلىدۇ . ۋە ئاستانىدىن ئوغلى ئۇيغۇرنى يېنىغا ئالدۇرىدۇ . 1928-يىلى ھەيدەر سايرانى خوجىنىياز ھاجى بىلەن تاسادىپى ئۇچرىشىپ تۇنۇشىدۇ . كىيىن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بۇلۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنقىلاب توغرىلىق سۆھبەتلىشىدۇ .

1931-يىلى قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلاڭ كۈتۈرىدۇ . ھەيدەر سايرانى بۇنى جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇمۇمى قوزغىلاڭ كۈتۈرۈشنىڭ ئوبدان پەيتى دەپ ھېسابلاپ ، قەشقەر ، تۇرپان ، لۈكچۈن ، ئالتاي ، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىكى تەشكىلات ئەزالىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى جاۋدىشۇ ، تاۋمىڭيۆ قاتارلىق ھەرمىللەت ئىلغار ياشلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، يۇشۇرۇن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ، نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ .

ھەيدەر سايرانى قۇمۇل قوزغىلىڭنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ، ئۇلارنى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ . قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئاق ئورۇس ئارمىيىسىنىڭ گېنرالى مېزگىن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىشىدا « قۇمۇللۇقلارنىڭ ئاياللرىنىڭ قورسىقىدىكى باللىرىغىچە قىرىپ تۈگىتىمەن » دەپ ۋەدە بېرىدۇ .ھەيدەر ئۇنىڭ يولغا چىققىنىنى ئۇنىڭ يۇقارقى سۆزىگە قۇشۇپ خەۋەر قىلىدۇ . بۇلاردىن خەۋەردار بولغان قوزغىلاڭچىلار رۇسلارغا يولدا تۇسۇپ قاخشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ .مېزگەن قۇمۇلغا يىتىپ بارمايلا يولدا ئۆلىدۇ . 1934-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەدەنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ . ھەيدەر سايرانى ئۇيۇشما تەركىبىدىكى نەشرىيات باشقارمىسىغا مۇئاۋى باش مۇھەررىر بۇلۇپ تەيىنلىنىدۇ . ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سىياسى ، ئىجتىمائى ئەدەبى ھەپتىلىك « يىڭى شىنجاڭ گىزىتى » نىڭ 1-سانى 1935-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى نەشىر قىلىنىدۇ .

ھەيدەر سايرانى 1938-يىلى ئاپرىلدا قولغا ئېلىنىپ مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ، ۋە 1943-يىلى 57يېشىدا چىن تىيەنچۇ ماۋزىمىن قاتارلىق كوممۇنىسىتلار ، ئىلغار زاتلار بىلەن بىر قاتاردا ئۈرۈمچىدە 2-تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ .

مەنبە-شېرىپ نىياز خۇشتار نىڭ « شىنجاڭ يېقىنىقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر » دىگەن كىتابى