ۋارېن بۇففېت

ئورنى Wikipedia
ۋارېن بۇففىېت ئەنگلىيە زىيارىتدە

دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغشۇناس، 2006-يىلى 56 مىلىيارد دوللار شەخسى مۈلكى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ باي ئاتالغان ۋارېن بۇففېت 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا نېبراسكا شىتاتى ئوماخا شەھرىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋارېن بۇففېت
باشقا نامى 股神
يۇرتى ئامېرىكا نېبراسكا شىتاتى ئوماخا شەھىرى
قان تىپى AB
پۈتتۈرگەن مەكتىپى نېبراسكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لىنكولىن شۆبە مەكتىپى ، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 沃伦·巴菲特
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
كەسپى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بېركىشىر شىركىتىنىڭ CEO سى
ئىنگىلىزچە نامى Warren E. Buffett

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغشۇناس، 2006-يىلى 56 مىلىيارد دوللار شەخسى مۈلكى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ باي ئاتالغان ۋارېن بۇففېت 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا نېبراسكا شىتاتى ئوماخا شەھرىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ 2006-يىلى ئۇنىڭ مۈلكى 48 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتىتى دۇنيا بۇيىچە ئىككىنجى چوڭ بايلىق ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، 2006-يىلى ۋارېن بۇففېت يەنە دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قارارنى چىقاردى، يەنى ئۇ ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن، بارلىق مال مۈلكىنى، بېل گايتىس-مېلىندا پاراۋانلىق جەمىيىتىگە ئىئانە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ۋارېن بۇففېت كىچىكىدىنلا سودا ئىشلىرىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى. بولۇپمۇ پاي چېكى ۋە سان - سىفىرغا بولغان قىزىقىشى جەمەتىدىكى ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ ئولتۇرسا قوپسا پۇل تېپىشنىڭلا كويىدا يۈرەتتى، 5 ياشقاكەلگەندە تۇنجى قېتىم پۇل تېپىش يولىغا كىرىپ سېغىز يايمىسى ئاچقان، سەل چوڭ بولغاندىن كىيىن دوستى بىلەن گولىف توپ مەيدانىغا بېرىپ بايلار ئويناپ بۇلۇپ تاشلىۋەتكەن توپلارنى يىغىپ ، يەنە ئەسلىدىكى زاۋۇتلىرىغا سېتىپ بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى سودىسىمۇ ئىنتايىن گۈللەنگەن ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۈگىنىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا گېزىت ساتقاندىن سىرىت يەنە دوستى بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارغا ئۇيۇنچۇق ئىجارە بېرىپ پۇل تاپقان.

ستورىم چاسىر ئاخبارت يىغىندا

1941-يىلى ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ۋارېن بۇففېت پاي چېكى بازىرىغا كىرىپ ئۆمرىدىكى تۇنجى پاينى سېتىۋالغان.

ۋارېن بۇففېت1947-يىلى ئۇ پېنسىلۋانىيە ئونۋىرسىتىتىنىڭ مالىيە ۋە كارخانا باشقۇرۇش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان، بىراق ئىككى يىلدىن كىيىن پىروفىسورلارنىڭ قۇرۇق نەزرىيىسى قۇلىقىغا ياقماي، قايتا ئىمتىھان بېرىپ كولومبىيە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق مەبلەغشۇناسلىق نەزەرىيىچىسى بىنىيامىننى ئۇستاز تۇتقان.  ئەينى ۋاقىتتا بۇنيامىن ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن نەزەرىيىلەر بىلەن ئەسلىدىنلا تالانتلىق ۋارېن بۇففېت خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئىلگىرلىگەن ھەمدە ئۇستازى بۇنىيامىننى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغان شاگىرتقا ئايلانغان.

1950-يىلى خارۋارد ئونۋىرسىتىتىنى ئىلتىماس قىلىپ خارۋارد تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

سەرگۈزەشتىسى[تەھرىرلەش]

1951-يىلى 21 ياشلىق ۋارېن بۇففېت ئۇقۇش پۈتتۈرگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقۇرى نەتىجە +A غا ئىرىشكەن. لېكىن ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا كۆپ قېتىم رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشقا ئامال بولمىغان. ھەمدە 1956-يىلى يۇرتىغا قايتقان، ئەينى ۋاقىتتا ياش ھەم جاسارەتلىك ۋورىن بافىت ئۆز تەقدىرىگە زادىلا تەن بەرگۈسى كەلمىگەن ھەمدە ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىگىلىك تۇتۇشنى قارار قىلغان. بىر قېتىم ئۇ دادىسىنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا توساتتىن باشقىلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قەسەمنى قىلغان، يەنى «30 ياشقا بارغۇچە بىر مىليون دوللارلىق قىممەتتە مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولالمىسام ئۈزەمنى ئوماخا شەھرىدىكى ئەڭ ئىگىز بىنادىن تاشلىۋالىمەن».

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ۋە بىر بۈلۈك دوستلىرى بىر يۈز بەش مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ بۇففېت چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان، بۇ پۇلنىڭ ئىچىدە ئۇ چىقارغان مەبلەغ ئاران 100 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.

شىركەت قۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن شۇنداقتىمۇ شۇ يىل ئاخىردا ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىركەت 5 كە يەتكەن.  خۇجايىن بولغان بۇففېت باشقىلارنى تەئەججۈپلەندۈرۈپ كۈن بۇيى ئوماخادىكى ئۆيدىن چىقمىغان ئەمەلىيەتتە ئۇ ماتېرىيال دۆۋىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ھەر كۈنى قىلىدىغان بىردىن بىر خىزمىتى باھاسىدا ئۆز قىممىتى تۇلۇق ئىپادىلەنمەي قالغان پاي چەكلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىش ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىپ باھاسىىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈتۈش ئىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازى بۇنىيامىندىن ئۈگەنگەن «ئالتۇن قىزىش سىرى» ئىدى. نەق مانا مۇشۇ سىر ئۇنى بايلىق تېغىنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇرۇپ دىگۈدەك ئەپچىقىپ قويدى.

1957-يىلى ۋارېن بۇففېتنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەبلەغ 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

1962-يىلى ئۇنىڭ ئىلكىدىكى مەبلەغ 7مىليۇن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى شەخسى ئۈزىگە تەۋە ئىدى.

1964-يىلى ئۇنىڭ شەخسى مۈلكى 4 مىلىيۇن دوللارغا، ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەبلەغ بولسا 22 مىلىيۇن دوللارغا يەتتى.

1972-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىدا بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان بۇلۇپ ئۇ چاغدىكى پاي بازىرى بەكلا سۇلغۇن، پاي چېكى باھالىرىمۇ بەكلا تۈۋەن ئىدى، ھەممە خەق ئۈمىتسىزلىككە تولغان بۇلۇپ ۋارېن بۇففېت بولسا دەل ئەكسىچە ئىچى -ئىچىدىن بىر خىل خۇشاللىققا چۈمگەن ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزرىدە شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەرزان پايلارغا تۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ بايلىق ئىلاھى ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغىلا كىلىپ قالغان ئىدى.  ئۇ ئالدى بىلەن كۈزىنى گېزىتچىلىك ساھەسىگە تىكتى ھەمدە تىۋىش چىقارماستىن بوستون يەر شارى گىزىتى ۋە ۋاشىنگىتون پوچتىسى گىزىتىنىڭ پېيىنى يىغىشقا باشلىدى. 10 يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سالغان 10 مىلىيۇن دوللار مەبلىغى 200 مىلىيۇن دوللارغا ئايلاندى.

1980-يىلى ئۇ بىر يۈز يىگىرمە مىليون دوللار مەبلەغ چىقىرىپ 10. 96 دوللار باھادىن كۇكا كۇلا شىركىتىنىڭ %7 پېيىنى سېتىۋالدى. 1985-يىلغا بارغاندا كوكا كولا شىركىتىنىڭ پاي باھاسى 51. 5دوللارغا چىقىپ ئەينى ۋاقىتتىكىدىن بەش ھەسسە ئۆرلىدى.

1994-يىلغا بارغاندا ئۇنىڭ مۈلكى 23 مىلىيارد ئامرىكا دوللىرىغا يىتىپ غايەت زور مەبلەغ سېلىش گورۇھىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، شۇ چاغدا بىر گەپ ئوتتۇرغا چىققان بۇلۇپ 30 يىل ئىلگىرى كىم ۋارېن بۇففېت بىلەن بىرلەشكەن بولسا بايلىق راكىتاسىغا مىنگەنگە تەڭ بۇلاتتى.

تەسىرى[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى بايلارنىڭ ئىچىدە شىركىتىنىڭ ھىچقانچە نامى چىقمىغان، شۇنداقلا پايچېكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق باش كۆتىرىپ ، پاي چېكى سېتىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ باي شەخس قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلار بەك ئاز. ھازىر دۇنيا پايچېكى بازىرىدا ۋېرېن بافاېت ھەممىگە تونۇشلۇق يېتەكچى بولۇپ قالدى. ۋارىننىڭ پاي چېكى ساھەسىدە تەجرىبىسى مول بولغاچقا ۋە بۇ ساھەدە ئابرويى بولغاچقا بىرەر شىركەتنى«پاي چېكى چۈشۈپ كېتىشى مۈمكىن» دەپ دەپلا قويسا پۈتۈن دۇنيادىكى پايچىكلار ئەنسىرەپ قولىدىكى پايچېكىنى سېتىۋېتىشكە ئالدىرايدۇ. نەتىجىدە ئۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى راستلا چۈشۈپ كېتىدۇ. ۋارېن پالانى شىركەتنىڭ پايچېكىنى سېتىۋاپتۇ دىگەن خەۋەرمۇ بىرەر شىركەتنىڭ پايچېكىنى ئۆرلىتىۋېتىشكە قادىر. شۇڭلاشقا ھازىر ۋارىن ئۆزىنىڭ پايچېكىنى بازارغا سالدى. كىشىلەر تەجرىبىسى بولمىسىمۇ ۋارىننىڭ قولى ئارقىلىق پاي چېكى سېتىۋېلىپ پايدا ئالالايدىغان بولغاچقا ۋارىننىڭ پاي چېكى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ بازىرى ئىتتىك ۋە باھاسى ئۈستۈن پايچەك ھىساپلىنىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى