1- ئۆكتەبر
Appearance
سېنتەبر – ئۆكتەبر – نويابر | ||||||
1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 |
8 | 9 | 10 | 11 | 12 | 13 | 14 |
15 | 16 | 17 | 18 | 19 | 20 | 21 |
22 | 23 | 24 | 25 | 26 | 27 | 28 |
29 | 30 | 31 |
1- ئۆكتەبىر / 1 - ئوغۇز، گرېگورىئان تەقۋىمى بويىچە يىلنىڭ 274. (كەبىسە يىللاردا 275.) كۈنىدۇر. يىل ئاخىرىغىچە قالغان كۈن سانى 91 كۈندۇر.
ۋەقە ۋە ھادىسىلەر
[تەھرىرلەش]- م.ب 331 - ماكدونىيە قرالى بۈيۈك ئىسكەندەر، پېرسىيە ئىمىراتورى دارىئۇس III نى گۇئاگامېلا ئۇرۇشىدا يەڭدى.
- 1795 - ڧرانسىيە، بېلگىيەدىكى ھابسبۇرگ ئەگەمەنلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇ مەملىكەتنى ڧەتىھ قىلدى.
- 1827 - ئىۋان پاسكېۋىچ قۇماندانلىقىدىكى رۇس ئوردۇسى ئېرىۋانغا كىردى ۋە ئەرمېنىيەدىكى مىڭ يىللىق مۇسۇلمان ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
- 1869 - دۇنيادىكى تۇنجى ئاتكرىتكا ئاۋسترالىيەدە بېسىلدى.
- 1880 - تۇنجى توك لامپوچكا ڧابرىكىسى توماس ئېدىسون تەرىپىدىن ئېچىلدى.
- 1887 - ئەنگىلىيە بەلۇجىستاننى ئشىغال قىلدى.
- 1891 - ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ كالڧورنىيە شىتاتىدا ستانڧورد ئۇنىۋېرستېتى قۇرۇلدى.
- 1898 - چار نىكولاي II يەھۇدىلەرنىڭ بۈيۈك رۇس شەھەرلىرىنىڭ سىرتىغا قوغلىنىشى ھەققىدە پەرمان چىقاردى.
- 1908 - ڧورد، "Model T" ئاپتوموبىلىنى بازارغا سالدى.
- 1918 - ئىنگلىز جاسۇسى ت.ئە. لاۋرېنس باشقۇرۇشىدىكى ئەرەپ قۇۋۋەتلىرى شامنى قولغا كىرگۈزدى.
- 1928 - سوۋېت ئىتتىپاقى، تۇنجى "بەش يىللىق تەرەققىيات پلانى" نى ئېلدن قىلدى.
- 1936 - گېنېرال ڧرانكو، ئىسپانىيە مىللىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ بېشقا ئۆتتى.
- 1939 - تەخمىنەن بىر ئاي دەۋام قىلغان قورشاشتىن كېيىن ناتسېس كۈچلەر ۋارشاۋاغا كىردى.
- 1940 - ئېينىشتىيىن، ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتتى.
- 1949 - ماۋزېدوڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ماۋزېدوڭ تۇنجى دۆلەت رەئىسى بولدى.
- 1951 - تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە مەكتىبى ئېچىلدى.
- 1952 - ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر، كورىيەدە نامايىش قوزغىغان ئەسىر جۇڭگولۇقلارغا ئوق چىقاردى؛ 52 ئۆلۈك، 140 يارىدار.
- 1955 - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى
- 1958 - ناسا قۇرۇلدى.
- 1960 - سىپروس ئەنگىلىيەدىن مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى.
- 1960 - نىگېرىيە مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى.
- 1982 - Sony يېڭى خېرىدارلارغا قارىتا تۇنجى CD ئاپپاراتىنى بازارغا سالدى.
- 1985 - ئىسرائىل كۈچلىرىنىڭ، تۇنىستىكى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى بۇيرولىرىغا قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 68 كىشى ئۆلدى.
- 1988 - مىخايىل گورباچېۋ، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى.
- 1995 - تۈركىيە ئاڧيون دىناردا 6.1 بال يەر تەۋرەپ 90 كىشى ئۆلدى، 250 كىشى يارالاندى،
- 1998 - تۈرك دۆلەت ئەركانى (قۇرۇقلۇق .ارمىيە قۇماندانى ئورگېنېرال ئاتىللا ئاتەش، باشۋەكىل مەسۇت يىلماز ۋە ئەڭ ئاخىرىدا جۇمھۇررەئىس سۇلايمان دېمىرەل) پ ك ك گە ياردەم بەرگەنلىك سەۋەبىدىن سۇرىيەگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
- 1999 - ئىككىنچى چېچەن ئۇرۇشى باشلىدى. رۇسىيە، 1997- يىلى ئىمزالانغان تېنچلىق كېلىشىمىنى بۇزۇپ، چېچىنىيەنى قايتىدىن بېسىۋالدى.
- 2004 - ئىسپانىيەدە ھەمجىنسلارنىڭ توي قىلىشى ھەققىدىكى قانۇن لايھىسى ئىسپانىيە كابېنتى تەرىپىدىن قەبۇل قىلىندى.
توغۇلغانلار
[تەھرىرلەش]- 208 - Alexander Severus, رىم ئېمپىراتورى (ئۆ. 235)
- 1207 - ھېنرى III, ئەنگىلىيە پادىشاھى (ئۆ. 1272)
- 1671 - Guido Grandi, ئىتالىيەلىك ماتېماتىك (ئۆ. 1742)
- 1691 - Arthur Onslow, ئىنگلىز سىياسىئون (ئۆ. 1768)
- 1754 - پاۋۇل I, رۇس چارى (ئۆ. 1801)
- 1895 - لاياقەت ئەلى خان, پاكىستاننىڭ تۇنجى باش مېنىستېرى (ئۆ. 1951)
- 1924 - جىممىي كاتېر, ئامېرىكىنىڭ 39. ئەلباشى
- 1950 - Boris Morukov, رۇس ڧىزىكچى ۋە كوزمونوت (ئۆ. 2015)
- 1956 - Andrus Ansip, ئىتونىيەلىك سىياسىئون
- 1956 - Theresa May, بېرتانىيىلىك سىياسىئون ۋە ئەنگىلىيە باش مېنىستېرى
ئۆلگەنلەر
[تەھرىرلەش]- 1901 - ئابدۇرراھمان خان, ئاڧغان ئەمىرى (تو. 1844)
- 1982 - Mehmet Ali Kâğıtçı, تۈرك كىمياگەر ۋە تۈركىيەدە قەغەز سانائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. (تو. 1899)
- 1992 - Petra Kelly, گېرمان سىياسىي پائالىيەتچى ۋە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. (تو. 1947)
- 2007 - Al Oerter, ئا ق ش لىك دېسكا ئاتقۇچى (d. 1936)
- 2012 - Eric Hobsbawm, ئىنگىلىز تارىخچى ۋە يازغۇچى (تو. 1917)
تەتىل ۋە ئالاھىيدە كۈنلەر
[تەھرىرلەش]- دۇنيا ياشانغانلار كۈنى
- دۇنيا جىگەر ياللۇغىدىن ساۋات كۈنى
مىلادى يىل ئىچىدىكى ئايلار ۋە كۈنلەر | |
---|---|
بۇگۈن: 2- يانۋار 2025 | |
يانۋار | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 29 - 30 - 31 |
فېۋرال | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 |
مارت | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 - 31 |
ئاپرېل | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 |
باھار | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 - 31 |
ئىيۇن | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 |
ئىيۇل | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 - 31 |
ئاۋغۇست | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 - 31 |
سېنتەبر | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 |
ئۆكتەبر | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 - 31 |
نويابر | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 |
دېكابر | 1 - 2 - 3 - 4 - 5 - 6 - 7 - 8 - 9 - 10 - 11 - 12 - 13 - 14 - 15 - 16 - 17 - 18 - 19 - 20 - 21 - 22 - 23 - 24 - 25 - 26 - 27 - 28 - 29 - 30 - 31 |
باشقالار: 0 - يانۋار 30 - ڧېۋرال 31 - ڧېۋرال 0 - مارت |