12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى
12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى: 1985-يىلى 12-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچىنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى رايونلىرىدىكى ھەر قايسى ئالىي ۋە باشقا مەكتەپلەردىن نەچچە ئون مىڭ ئوقۇغۇچى، ھەتتا خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرى، ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرى كۆچۈرۈش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنى توختىتىش، ئادىل سايلام ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ھەر خىل ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي كەمسىتىشلەرگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
بۇ ۋەقەنىڭ قوزغاتقۇچى سەۋەبى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە يۆتكىلىشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ، مەركىزىي ھۆكۈمەت تۆمۈر داۋامەتنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىسمايىل ئەمەتنى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن سەۋەپسىزلا ئېلىپ تاشلىغان. مەركىزىي ھۆكۈمەت مۇرەسسە قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ،ئىسمايىل ئەمەتنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قىلىپ ئۆستۈرگەن.
بۇ ۋەقە نامايىشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتى» قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى، قاتناشقۇچىلار ۋە نامايىشنى قوللىغۇچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم ئۇلارنى سوراق قىلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن ئارخىپ تۇرغۇزغان.
بۇ نامايىشتا كۆزگە كۆرۈگەن ئوقۇغۇچىلار:
مىجىت