1885
Appearance
1885 (MDCCCLXXXV) ئىسە گرېگورىيان تەقۋىمىدە پەيشەنبە كۈنىدىن باشلانغان، جۇلىيان تەقۋىمىدە بولسا سەيشەنبە كۈنىدىن باشلانغان ئادەتتىكى يىلدۇر. 2- مىڭيىلنىڭ 885- يىلى، شۇنداقلا 19- ئەسرنىڭ 85- يىلى، 1880- يىللارنىڭ 6- يىلىدۇر.
ھىجرىيە تەقۋىمى بويىچە تەخمىنەن 1302- يىلى رەببىيۇلئەۋۋەلنىڭ 14- كۈنىدىن 1303- يىلى رەببىيۇلئەۋۋەلنىڭ 24- كۈنىگىچە بولغان زامانغا تەقابۇل ئەتمەكتەدۇر.
چوڭ ئىشلار
[تەھرىرلەش]- قەھرىتان — مىسىرلىقلار ئىنگىلىز قۇراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ خارتۇمنى ئالدى.
- 9- قەھرىتان — ياپون - كورىيە سېئول كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
- 4- ئۈمىد — جۇڭگو -ڧرانسىيە ئۇرۇشى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
- 19- سەپەر — ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى ڧرانسىيەدىن ئامېرىكانىڭ نيۇ يورك شەھىرىگە توشۇپ كېلىندى - بۇ ڧرانسىيەنىڭ ئامېرىكا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100- يىللىقىنى قۇتلاغان توزغۇسى (ھەدىيە) ئىدى.
- 10- ئوغلاق — تۇنجى موتوسىكلېت گېرمانىيەدە بارلىققا كەلدى.
توغۇلغانلار
[تەھرىرلەش]- مەخسۇت مۇھىتى، ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ باشلامچىسى. (ئۆ. 1931)
ئۆلگەنلەر
[تەھرىرلەش]- 5- مىزان — زو زۇڭتاڭ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدىكى مەشھۇر ۋەزىر ۋە ھەربىي گېنېرال، ئۇيغۇر زېمىنىنى ياقۇب بەگ قولىدىن بېسىۋالغان كىشى. (ت. 1812)