24. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق

ئورنى Wikipedia

1. ئۇيغۇرلار ئامېرىكىلىقلاردىن نېمىلەرنى ئۆگەندى؟ ئۇيغۇردا «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە»، «يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال» دېگەندەك ماقالىلار بار. بۇلاردا ئىنساننىڭ مۇھىتقا ماسلىشىپ ياشىشى تەكىتلەنگەن. مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا مۇھىتىغا ماسلىشىپ نېمىلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئالدى بىلەن دىققەت قىلدىم. بىرىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۆزى يېقىن ئۆتىدىغان بىر پروفېسسورنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى «خەت يېزىپ ئۆزىدىن سوراڭ» دەپ ئېيتىپ بەرمەسلىكى بولدى. بۇنىڭغا ھەيران قېلىپ تۇراتتىم، بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇمنى مەن تونۇيدىغان بىرەيلەنگە دەپ بەرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى سوراپ تېلېفۇن قىلىپتۇ. ئۇندىن كېيىن مەن باشقا ئۇيغۇر بۇرادەرلەرنىڭ بۇنداق ئىجازەت سورۇغانلىرىنى كۆپ كۆردۈم. شۇنچە ياشاپ كىشىنىڭ تېلېفۇن نومۇرى، ئېلخەت ئادرىسى، پوچتا ئادرىسى، تۇغۇلغان كۈنى، شەخسى پىلانى قاتارلىقلارنى بىلگەن بىرىنىڭ بۇلارنى يەنە بىرسىگە دەپ بەرگىنىنى ئۇچراتمىدىم. ھەتتا بىر ئۇيغۇر چوكاننىڭ شىتاتلىق كىملىكىنى كۆرۈپ باقاي دەپ تاشلىغىنىم ئۈچۈن بەك خىجىل بولدۇم ۋە ئەپۇ سورىدۇم.

ئامېرىكىدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن باشقا كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ كىملىكلىرىنى كۆرمەيدىكەن. ۋەتەندە كىشنىڭ دەخلىسىز شەخسىيىتى، مۇقەددەس مەخپىيىتى، ھوقۇقى دېگەن گەپ يوق بولغاچقا ئۆزىمىزگىلا تەۋە ئۇچۇرلار قەشقەر ۋە خوتەننىڭ ئاسمىنىدىكى تۇماندەك دائىم ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈيدىكەن. ئامېرىكىدىكى كۈنلەردە بىر قانچە قېتىم ۋەتەندىكى مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ تېلېفۇنىنى قوبۇل قىلدىم. ئەلۋەتتە، پەقەت بىلىشمەيدىغان كىشىلەردىن كېلىدىغان ئېلخەتلەردىن سۆيۈندۈم – يۇ، مېنىڭ شەخسىي ئادرىسىمنى ۋە تېلېفۇن نومۇرۇمنى دەپ بەرگەنلەرنىڭ ماڭا خەۋەرمۇ قىلىپ قويمىغىنىدىن تەئەججۈپلەندىم. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىرەر كۈن پاراڭلاشسىڭىزمۇ تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى سورىمايدىكەن، بەزىلىرىدىن سورىسىڭىز دەپ بەرگەن بىلەن تېلېفۇن قىلسىڭىز جاۋاب بەرمەيدىكەن. مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇمنى مۇسۇلمان بۇرادەرلەر كۆرۈشە-كۆرۈشمەيلا سوراشتى، ھەم ئۆزلىرىنىڭ ھەتتا يېقىن دوستلىرىنىڭكىنىمۇ قوشۇپ دەپ بېرىشتى. قارىغاندا ئامېرىكىدىكى مۇساپىر مۇسۇلمانلار بىز ئۇيغۇردىن جىق پەرقلەنمىسەك كېرەك.

ئىككىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشقا غىزا كۆتۈرىشى بولدى. مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، بىرسى مېھمانغا چاقىرسا يا تاماق ئېتىپ بارىدىكەنمىز، ياكى تورت ئېتىپ (چۈنكى ئامېرىكىدا تاماقتىن كېيىن تاتلىق تۈرۈم ياكى تورت يىيىش ئادەتكەن)، پەقەت بولمىغاندا بىرەر سالات ئېتىپ بېرىش ياكى مۇزقايماق ئېلىپ بېرىش يوسۇنغا ئايلانغانىكەن. ئادەتتە ئامېرىكىلىقلار مېھمانغا چاقىرسا بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كېلىش ياكى كەلمەسلىكنى ئالاھىدە تاپىلايدىكەن، بۇلار دېيىلمىگەن تەقدىردە ئۆزىمىز سورايدىكەنمىز ياكى سورىمايلا «داستىخان قىلىپ » بارىدىغان گەپكەن. ئامېرىكىلىقلاردىن ئۇيغۇرلار مېھمانغا تاماق كۆتۈرمەي بارماسلىقنى ئۆگەنگەن بىلەن ئامېرىكىلىقلار ئۇيغۇردىن مېھمانغا ئۆيدە بارىنى ئاتايدىغان مەردلىك، مىھماندوستلۇق ۋە سېخىيلىقنى ئۆگەنمەپتۇ. ھەتتا بىزنىڭ تۈرك ئاغىنىلەرمۇ داستىخاننى بىزدەك مول راسلىمايدىكەن. مەن ئامېرىكىدا ئۇيغۇرنىڭ داستىخىنىدەك مول داستىخاننى كۆرۈپ باقمىدىم. قىزىق يېرى يەيدىغان نەرسە قۇرۇغدىلىپ ئۇيان-بۇيان قاراپ قالسىڭىزمۇ، ئامېرىكىلىق ساھىبخان سىز سورىمىغۇچە ئالدىڭىزغا مەزە قوياي دېمەيدىكەن.

ئۈچىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايالىنى، بالىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى. ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئالىمنىڭ ئۆزىگە مۇھىم بولغان ھاياتىدىكى تەركىبلەرنى ساناپ ئايالى ۋە بالىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا تىزغىنىنى كۆرگەنتىم . يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ ئايالى «ئامېرىكىدا ئايالى ۋە بالىسىغا مەسئۇل بولمىغان ئەرنى خەقلەر ياخشى كۆرمەيدۇ، ھەر قانداق قارار چىقارغاندا ئالدى بىلەن ئايال ۋە بالىسىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىشىش مۇھىم» دەپ چۈشەنچە بەردى. بىر كۈنى بىر تۈرك دوستۇم ئەرلەرنىڭ يىغىلىشىغا چاقىرغانىدى. ئۆيدىن چىقاي دەپ تۇرسام بالام يىغلاپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئاتايىن ئالدىمغا ماشىنا ئېلىپ كەلگەن دوستۇم «ئامېرىكىدا ئائىلە مۇھىم، ئا:بى (ئاكا)، بىز دېگەن بىر كۈنى بولمىسا يەنە بىر كۈنى يەنە كۆرۈشىمىز بالاڭنى يىغلاتما» دەپ كېتىپ قالدى. شۇندىن كېيىن مەن ئۇيغۇر تونۇشلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئولتۇرۇشلارنى چىرايلىقچە رەت قىلغىنىنى كۆردۈم. بىر دوستىمىز يېڭى يىل ھارپىسى كۈنى قىزىغا كوچىدا ناخشا ئېيتىۋاتقانلارنىڭ گىتتارىنى چالغۇزىمەن دەپ بىر مۇنچە پۇل خەجلىدى. ئۈرۈمچىدە راۋاپ چېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ سازىغا قىزىم ھەرقانچە ھەۋەس قىلسىمۇ بەلكىم سىلاتقۇزىشتىنمۇ نومۇس قىلغان بولاتتىم. ئامېرىكىدىكى گىتتار بىلەن ناخشا ئېيتىپ جان باقىدىغان تىلەمچى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەتىۋارلىق بىر تاللا قىزى بىلەن ناخشا ئېيتتى ۋە بىرمۇنچە پۇل تاپتى. ئۇيغۇر قىزى كوچىدا تىلەمچى بىلەن ناخشا توۋلاشتىن، گېتتار چېلىپ پۇل تېپىشتىن كەمسىنمىدى. ئۇيغۇر ئانا قىزى خالىغانلىقى ئۈچۈنلا چاچلىرى قالايمىقان، كىيىملىرى كونىراپ كەتكەن سازەندىلەرنىڭ ئارىسىغا قىزى ئۈچۈن قىستىلىپ مەدەت بەردى.

تۆتىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم ھەممە ئىشنى ئالدىن پىلانلاش ۋە رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ بىرقانچە ئاغىنە ۋە تونۇش «ساڭا كېلەر ھەپتىنىڭ پۇستانى كۈنى تېلېفۇن قىلىمىز، ئىككى ئايدىن كېيىنكى ماۋۇ كۈندە بىزنىڭ ئۆيگە كېلەلەمسەن» دېگەندەك مەزمۇندا خەتلەرنى يېزىشتى. دەسلەپ بۇ گەپ سەل غەلىتە تۇيۇلدى، كېيىن بارا- بارا كۆنۈپ كەتتىم.

دىققەت قىلسام بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئادىتىكەن. ئوقۇتقۇچىڭىز سىزگە بىر ئىش تاپىلىماقچى ياكى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولسا «كالىندارىڭىغا قاراپ باق، جەدۋىلىڭگە قوشۇپ قوي پۇستانى كۈنى پالان ئىش بار» دەپ بىر قانچە ئاي بۇرۇن دەيدىكەن. بىر ئاغىنەمنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كومپىيوتىر ۋە تېلېفۇنغا كىرگۈزىۋېتىدىكەن، ھەتتا ۋاقت جەدىۋىلىگە كىمگە ياق، كىمگە ھەئە دەيدىغانلىقىدىن تارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ ئاغىنەم بىر جۈمە كۈنى لېكسىيە بېرىۋاتقاندا كومپىيۇتىرى چېتىقلىق سىنىپتىكى چوڭ ئىكىرانغا «جۈمەگە بېرىشقا مانچىلىك ۋاقتىڭ بار» دېگەن خەت چىقىۋېلىپ ھەممە ئوقۇغۇچىنى كۈلدۈرىۋېتىپتۇ.

بەشىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم چېنىقىش ئادىتى. دەسلەپ كەلگەن كۈنلىرىمدە بىر دوستۇمنى كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم. يېشىمىزنىڭ تەڭ بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ شۇنچە ساغلام ۋە چاققان قەدەملەر بىلەن تېكىدەك يېنىك يۈرۈشلىرى مېنى تاڭ قالدۇرغان ئىدى. يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدىمۇ چېنىقىش ئۈسكۈنىسىنى كۆردۈم. ئۆزىنىڭ ئايرىم، ئايالىنىڭ ئايرىم سايمانلىرى باركەن. ئېنىق ۋاقت بەلگىلەپ ئۆيدە مېھمان بولسۇن بولمىسۇن چېنىقىشنى قولدىن بەرمەيدىكەن.

يوقارقىلار مېنىڭ بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ئۇچراتقانلىرىم. بۇلارنىڭ ئالاھىدە كۆزۈمگە تاشلىنىشدىكى سەۋەپ، مەن 30 نەچچە يىل ياشىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇنداق ھادىسلەردىن بەزىلىرىنىڭ بىزدىكىدىن پەرقلىنىدىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئادەتكە ئايلانمىغانلىقى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىدىن بولغان. بۇلارنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆگىنىۋالايلى دەپ باش قوشۇپ ئۆزلەشتۈرگەن ئەمەس، ياكى مەلۇم بىر يازغۇچى كىتاب يېزىپ تەشەببۇس قىلغانمۇ ئەمەس. پەقەت مۇھىتتا شۇ ئادەت ھەممە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىلەنگەچكە شۇنىڭغا كۆنگەن گەپ. مۇشۇلارغا قاراپ بەزىلەرنىڭ «ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئۇنداق پەزىلەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈرەيلى، تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ بۇنداق ئادەتلىرىنى ئەينەك قىلىشىمىز كېرەك. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەخلاقىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىشىمىز كېرەك…» دېگەندەك گەپلىرى تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلدى.

ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، قائىدە-يوسۇنى مۇھىتنىڭ مەھسۇلى. ئاتالمىش ئالغا كەتكەن مىللەتلەر بىز تەلپۈنگەن «ئىلغارلىق، تەرەققىيلىق» لارنى ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلىپ بېكىتىپ چىققان ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئىگىلىك شارائىتى، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالى، سىياسى تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە تەدرىجى شەكىللەنگەن. شۇڭا خەقنىڭ ئاتالمىش ئىلغارلىقىنى كېچە-كۈندۈز ناخشا قوشاق قوشۇپ مەدھىيلىسەكمۇ، بىكار تۇرماي يىغىن ئېچىپ ئاممىنى سەپەرۋەر قىلساقمۇ ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، تۈركىيە تۈركلىرىدىكى پاكىزلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھېچبولمىغاندا ئەۋرەز ئەسلىھەسى (پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرى) تۈركىيەدىكىدەك ئومۇملاشقان بولۇشى كېرەك. تۈركلەردىكى جەسۇرلۇقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇلاردەك ئىنسانغا قۇل بولمىغان تارىخى رىئاللىققا، ئاچچىقى كەلسە كوچىغا توۋلىشىپ چىقىپ نامايىش قىلالايدىغان دېموكراتىك رىئاللىققا ئىگە بولۇش كېرەك. ئامېرىكىلىقلاردىن يوقارقىلارنى ئۆگەنگەن ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە قايتسا بىرەر ئايغا قالمايلا ئۇنداق خىسلەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى يوقاتماي قالمايدۇ. بۇ خۇددى ۋەتىنىدە ساختىلىققا نەپرەتلىنىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگودا قاچاق (ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈلگەن) سىنتەخسىلەرنى باشقا جۇڭگولۇقلارغا ئوخشاشلا تالىشىپ سېتىۋالغاندەك گەپ.

2. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەنىسى مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا مۇھتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇقنىڭ قايسى تەركىبلىرىدىن ۋاز كېچىپ، قايسى تەركىپلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلدىم. بولۇپمۇ سىنتەبىر ۋەقەسى سەۋەپلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلۇقنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن ئىبارەت بۇ مېغىزىغا قانداق يۈزلەنگەنلىكىگە بەكرەك قىزىقتىم. ئالدى بىلەن ئامېرىكىلققا تەگكەن ئىككى ئۇيغۇر ئايالنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى دىنىمزنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولۇپتۇ، ھەتتا بىرسى ئىسمىنى توي قىلغاندىن كېيىن ياقۇپجانغا ئۆزگەرتىپتۇ. دېمەك، بۇ ئۇيغۇر قىزلار ئۇيغۇر ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئامېرىكىلىققا توي قىلغان بىلەن ئۇيغۇرلۇقنىڭ مېغىزىدىن ۋاز كەچمەپتۇ. مەن بۇلارنىڭ ھەرقانداق چىقىمغا قارىماي بالىلىرىنى ۋەتەنگە ئەۋەتىپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. بىرەيلەننىڭ ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپمۇ باقتىم. بۇ قىزچاق ئۇيغۇرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرىدىن بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئامېرىكىدا تۇققانلار ئارا مۇنداق مۇھەببەتنىڭ يوقلۇقىنى ماڭا ئۇيغۇرچە دەپ بەردى.

يېققىندا 92-يىلىدىن بۇيان كۆرۈشۈپ باقمىغان بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا باردىم. يۈز كۆرۈشمىگىلى 20 يىلغا تاقاپ قالغان بولسىمۇ يۈرەكلەردىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شىئېرلىرىنى يادلاپ يۈرگەن چاغلاردا باغلانغان رىشتە قايتا يېڭىلىنىپ بىزنى تەبىئىي يېقىنلاشتۇردى. بىر كۈنى ئەتتىگىنى ئاغىنىمىزنىڭ مالايسىيىلىك قوشنىسى تاماق كىرگۈزۈپتۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرنىڭ قوشنىلىرىغا تاماق سۇنىدىغان ئادىتىنىڭ دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرسۆيەر ئايالىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئامېرىكىدا داۋام قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ تەسىرلەندىم، ۋە ھېندىستانلىق قوشنامغا تاماق سۇنۇپ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تونۇتمىغىنىمدىن ئۆكۈندۈم. ئاغىنەمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن خىزمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ زورلىشى سەۋەبلىك ھاراق ئىچەتتىكەن. ئامېرىكىدا ئۇنداق ھاراملاردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپتۇ. «ئۇيغۇرنى دۇنيا مۇسۇلمان دەپ بىلىدۇ. مەن ئۇيغۇرنىڭ بىر ئاڭلىق زىيالىيسى تۇرۇپ ئامېرىكىغا كېلىپ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پۇرسەتنى ھاراققا يەم قىلىۋەتسەم، مىللەت ھەققىدە خەقتە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلسام بولمايدۇ. ھازىر نەگە بارماي كەينىگە [ئۇيغۇر] دېگەن خەت يېزىلغان كۆينەك، مايكىلارنى كېيىپ بارىمەن.

فرانسىيىگە يىغىنغا باردىم، خەق داڭلىغان ئۈزۈم ھاراقلىرىغا يېقىن كەلمىدىم. گېرمانىيىگە ئىلمىي سۆھبەت ئۈچۈن باردىم، ئۇلارنىڭ داڭلىق پىۋىسى خىيالىمدىن يىراق بولدى. ھازىر مېنىڭ خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ مۇسۇلمانلىقىمنى بىلىدۇ ۋە ھەرۋاقىت ھۆرمەت قىلىدۇ. مەن ۋەتەندە كۆپ پۇل تاپقان لېكىن بىر كۈنلۈك ئىشنى بىر ھەپتىلىك دەپ ھەق ئېلىشقا مەجبۇر ئىدىم. چۈنكى تاپىدىغىنىمىز ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بولغاچقا شۇنداق دەپ پۇلنى جىق يازدۇرمىساق بىزگە ئىش تاپشۇرغان باشلىققا «تۈزۈك» بىر نەرسە ئاشمايتتى. ھازىر ئۇنداق جىق پۇل تاپمايمەن ئەمما ھارامدىن كۆپ پۇل تېپىپ ۋىجدانىمنى ئازاپلىغىچە ھالال تېپىپ خەجلىسەم كۆڭلۈم توق بولىدىكەن، خەجلىگەننىڭمۇ بەرىكىتى بولىدىكەن.

ھازىرغىچە ئامېرىكىغا كېلىمەن دېگەن ئۇيغۇر بالىلارغا يارىدەم قىلىپ كەلدىم. خېلى بالىلارغا چاقىرىق ئەۋەتكۈزۈپ بەردىم، لېكىن ئۇلارنىڭ 50 دوللار تىزىملىتىش ھەققىنى مەن تۆلىۋەتتىم. ئاتا بوۋىلىرىمىز «قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ» دېگەنىكەن. ئۇلار ئامېرىكىغا كېلەلمىگەن تەقدىردىمۇ ياخشىلىقىمدىن تەسىرلىنىپ مۆرىتى كەلگەندە يەنە بىر ئۇيغۇرغا ياخشىلىق قىلغۇدەك ئويغا كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ھازىرغىچە تۆت بالىنى يېتەكلەپ ئېلىپ چىقتىم. دوكتۇرلۇقنى تۈگىتىپ خىزمەتنى ئۇنۋېرىستىتلاردىن تاپاي دەپ بەك ئىزدەندىم. ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ مۇئاشى شىركەتلەرنىڭكىدەك يوقۇرى بولمىغان بىلەن ئۇيغۇر بالىلارنى ماگىستىرلىققا، دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىپ يارىدەم قىلغىلى بولاتتى. ئۇمۇ بولۇپ قالار…» ئاغىنەم بىلەن شۇ كۈنى سائەت ئۈچكىچە مۇڭداشتۇق. ئامېرىكىغا كەلگىنىگە ئالتە يىلغا يېقىنلاشقان، ھاياتىنى ئوقۇش، ئوقۇتۇش ۋە يېتەكلەش بىلەن ئۆتكۈزگەن مەسلەكدىشىمنىڭ جاھانغا، ئىنسانغا، ھادىسىلەرگە بەرگەن باھالىرىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، كەڭ قۇرساقلىقى، مەردلىكى، پىداكارلىقى ۋە سەمىمىي ئىتىقادى بالقىپ تۇراتتى.

ئۆيىدە ئىككى يېرىم كۈن تۇردۇق، دالا تامىقى يىدۇق، مۇزىيلارنى ئايلاندۇق. بۇ جەرياندا مەن ئۆزەمنى ئامېرىكىدا ئەمەس قەشقەردىكى، غۇلجىدىكى، خوتەندىكى، چۆچەكتىكى قايسى بىر ئۇيغۇر تۇغقىنىمنىڭ ياكى ئاكا-ئىنىلىرىمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندەك شۇ قەدەر ئۆز، ئازادە ھېس قىلدىم. «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دەك ياراشقان بۇ بىر جۈپ ئۇيغۇر ئامېرىكىدا ياشىغانلىق سەۋەبلىك ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھېچقايسى تەركىبىدىن چەتنىمەپتۇ، ۋاز كەچمەپتۇ، بەلكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ بارلىق تەركىبلىرىنى قوشنا-قولۇم ۋە باشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپتۇ . ئۆزىدە جۇغلىغان ئۇيغۇرلۇق خىسلەتلىرى بىلەن قوشنىلىرىنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولۇپتۇ. بىز خوشلىشىدىغان چاغدا قىزى بىچارە قىزىمدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. قىزىنى بەزلەپ كۆتۈرىۋالغان ئاغىنەمنىڭ دۈمبىسىگە «ئۇيغۇر» دېگەن خەت يېزىقلىق مايكا كەيگەن تۇرىقى كۆز ئالدىمغا كەلسىلا ئۇنىڭ «دائىم مۇشۇنداق ئۇيغۇر دەپ خەت بېسىلغان مايكىلارنى كىيىپ يۈرىمەن. ھازىر دېگەن ھەممە ئادەم تېلېفۇن بىلەن تورغا كىرەلەيدۇ. مۇشۇ ئۇيغۇر دېگەن خەتنى بىر كۈندە ئون ئادەم كۆرسە كەم دېگەندە بىرى سىكۇنت ئىچىدە ئۇيغۇرغا ئائىت ئۇچۇرنى توردىن ئىزدىشى، ئۇيغۇرنى چۈشىنشكە تىرىشىشى مۇمكىن…» دېگەنلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرايدۇ. ئۇنىڭچە، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرلۇقنىڭ بارلىق تەركىبلىرى ئىچىدە مەجھۇل، پاسسىپ ياشاشلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلۇقنى ئۇيغۇرچە پىداكارلىق، خالىسلىق، خۇش پېئىللىق ۋە باشقا پەزىلەتلەر بىلەن نۇرلاندۇرۇشتۇر.


ئالدىنقى: 25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم

كـىيىنكى: 23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس