دۈشەنبە

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Düshenbe)

دۈشەنبە، يەكشەنبە بىلەن سەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرسىدىكى، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدۇر.

دۈشەنبە ڧارسچە "دوشنبه" دىن كېلىدۇ ۋە "دو+شەنبە= دوشەنبە"، يەئىنى ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، دېگەن مەنىگە كېلىدۇ. قەدىم ئۇيغۇرچەدە باش كۈنى، ياكى بۇگۈنكى تۈركىيە تۈركچەسىدە "Pazartesi"، ئەرەبچە «الاثنين»، ڧارسچە «دوشنبه»، ئىنگىلىزچە «Monday» ۋە خەنزۇچە «周一\星期一» غا توغرا كېلىدۇ.

قەدىم تۈركىي تىلدا بۇ كۈن ئىكىنچ دەپ ئاتالغان.