ئىسساك ئاسىموۋ
ئىسساك ئاسىموۋ- (ئىنگىلىزچە: Issac Asimov، روسچە:Исаак Юдович Озимов، 1920 - يىلى 2 - يانۋاردا تۇغۇلۇپ، 1992-يىلى 6- ئاپرېلدا ۋاپات بولغان.) ئامېرىكىلىق (روسىيەدە تۇغۇلغان)داڭلىق يازغۇچى ۋە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففېسسورى. ئىسساك ئاسىموۋ كىشىلەرگە فانتازىيىلىك رومان - ھېكايىلىرى ۋە ماقالىلىرى بىلەن تونۇشلۇقتۇر. ھاياتىدا 400 پارچىدىن ئارتۇق روماننى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىسساك ئاسىموۋ، فانتازىيە ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرىدۇر.
ئىسساك ئاسىموۋ |
---|
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1920 - يىل 2 - يانۋار |
ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1992 - يىل 6 - ئاپرېل |
دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا |
تۇغۇلغان يېرى: روسىيە |
كەسپى: رومان ۋە ھېكايە يازغۇچىسى |
ژانېرى: فانتازىيە، پەن ئوقۇشلۇقلىرى |
مۇھىم ئەسەرلىرى: بازا چاتما رومانلىرى، روبوت چاتما رومانلىرى |
تەسىر كۈچى |
ئاسىموۋنىڭ ئەسەرلىرى
[تەھرىرلەش]بۈيۈك بازا چاتما رومانلىرى (Greater Foundation Series)
- دەسلەپكى بازا ترىلوگىيىسى Original Foundation Triology:
- بازا(1951) Foundation
- بازا ۋە ئىمپىريە(1952) Foundation and Empire
- ئىكىنچى بازا(1953) Second Foundation
- كېڭەيتىلگەن بازا چاتما رومانى Extended Foundation series:
- بازىنىڭ چېتى(1982) Foundation's Edge
- بازا ۋە يەرشارى(1986) Foundation and Earht
- بازىدىن بۇرۇن(1988) Prelude to Foundation
- بازىغا قاراپ(1993) Forward to Foundation
- يەنىمۇ كېڭەيگەن بازا چاتما رومانى Further Extended Foundation series:
(ئاسىموۋنىڭ قوشۇلىشى بىلەن باشقىلار يازغان)
- بازىنىڭ ئەندىشىسى(1997، گرېگورى بېنفورد Gregory Benford)
- بازا ۋە قالايمىقانچىلىق(1998، گرېگ بېئار Greg Bear)
- بازىنىڭ غەلبىسى(1999، داۋىد برىن David Brinn)
- روبوت چاتما رومانى The Robot series
- پولات قەلئەلەر (1954) The Caves of Steel
- يالىڭاچ قۇياش (1957) The Naked Sun
- سۈبھىدىكى روبوتلار(1983) The Robots of Dawn
- روبوتلار ۋە ئىمپىرىيە(1985) Robots and Empire
ئاسىموۋنىڭ پىكىر ۋە ئىدىيەلىرى
[تەھرىرلەش]ئىسساك ئاسىموۋ بۇ ئەسەرلەر داۋامىدا، بەزى ئۇقۇم ۋە كۆز قاراشلارنى مەيدانغا كەلتۈرپلا قالماي، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىگىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىش ۋە ئالدىن بىلىش ئېلىپ كەلگەندۇر. بۇلاردىن بىر قەدەر داڭلىقلىرى:
كىنو - فىلملار
[تەھرىرلەش]ئىسساك ئاسىموۋنىڭ رومان - ھىكايىلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن كىنولاردىن داڭلىقلىرىدىن <<مەن، ماشىنا ئادەم>> (ئىنگىلىزچە: I, Robot)
بۇ كىنونى 2004 - يىلى، ئامېرىكىلىق رېژېسسور - ئالېكىس پروياس، جېف ۋىنتار، ئاكىۋا گولدسمان ۋە ھىلارى سېيتزنىڭ ئىسساك ئاسىموۋنىڭ شۇ ناملىق ھېكايە توپلىمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېزىپ چىققان سىنارىيىسىگە ئاساسەن ئىشلەپ چىققان.