ۋىلادىمىر پۇتىن

ئورنى Wikipedia
ۋىلادىمىر پۇتىن (ئوڭ تەرەپتە)

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن (رۇسچە: Влади́мир Влади́мирович Пу́тин) (روسىيىنىڭ ئىككىنجى،تۆتىنجى نۆۋەتلىك ئەلبېشى) 1952- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى، ھازىرقى سانت پېتېربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ، سىياسىيون. 2022-يىلى ئۇ ئۇكرائىنا تاجاۋۇز ئۇرۇشىنى باشلىغان ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇكرائىنالىق پۇقرالىنىڭ جېنىغان زامىن بولغان. ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاتالمىش "رۇس دۇنياسى" بەرپا قىلىش، "رۇس تېللىق' كىشلەرنى قوغداش ئىدىيەسى ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولغان. ۋىلادىمىر پۇتىن بىر ئەسەبى رۇس مىللەتچىسى ۋە فاششىستۇر.

ۋىلادىمىر پۇتىن
ۋىلادىمىر پۇتىن (2018-يىلى 14 ماي)
روسىيە پرېزىدېنتى
ھازىرقى ۋەزىپىدە
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن
باش مىنىستىر دىمىترى مېدۋېدېۋ

مىخايىل مىشۇستىن

ئالدىنقىسى دىمىتىري مەدۋېدىۋ
ئىشخانىدا7 2008-ماي - 31-دېكابىر 1999-يىلى
باش مىنىستىر مىخايىل كاسيانوف

مىخايىل فرادكوۋ ۋىكتور زۇبكوۋ

ئالدىنقىسى بورىس يېلتىسىن
كېيىنكىسى دىمىتىري مەدۋېدىۋ
روسىيە باش مىنىستىرى
ئىشخانىدا2008-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 2012-يىلى 7-مايغىچە
پرەزىدىنىت(زوڭتوڭ) دىمىتىري مەدۋېدىۋ
بىرىنچى ۋەكىل سېرگېي ئىۋانوف

ۋىكتور زۇبكوۋ ئىگور شۇۋالوف

ئالدىنقىسى ۋىكتور زۇبكوۋ
كېيىنكىسى دىمىتىري مەدۋېدىۋ
ئىشخانىدا7 2000-ماي - 9-ئاۋغۇست 1999
پرەزيدەنت بورىس يېلتىسىن
بىرىنچى ۋەكىل نىكولاي ئاكسيونېنكو

ۋىكتور كىرىستېنكو مىخايىل كاسيانوف

ئالدىنقىسى سېېرگېي ستېپاشىن
كېيىنكىسى مىخايىل كاسيانوف
بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى
ئىشخانىدا9 1999-يىلى ئاۋغۇست - 9-مارت 1999
پرەزيدەنت بورىس يېلتىسىن
ئالدىنقىسى Nikolay Bordyuzha
كېيىنكىسى سېرگېي ئىۋانوف
فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى
ئىشخانىدا1999 29-مارت - 25-ئىيۇل 1998-يىلى
پرەزيدەنت بورىس يېلتىسىن
ئالدىنقىسى Nikolay Kovalyov
كېيىنكىسى Nikolai Patrushev
شەخسىي تەپسىلاتلار
تۇغۇلغان ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن

1952-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى (67 ياش)

سوۋېت ئىتتىپاقى، روسىيە، لېنىنگراد.

سىياسى پارتىيە مۇستەقىل (1991 - 95 ؛ 2001 - 08 ؛ 2012 - ھازىر)
باشقا سىياسىي

باغلىنىشلار

خەلق سېپى (2011 - ھازىرقى)

CPSU (1975 - 91) بىزنىڭ يۇرتىمىز - روسىيە (1995 - 99)

ئىتتىپاقلىق (1999 - 2001) بىرلەشمە روسىيە  (2008 - 12)

جورىسى (لار) Lyudmila Shkrebneva

( m.  1983-يىلى ; . Div  2014)

بالىلار
  • مارىيا
  • كاتىرىنا
تۇرالغۇ موسكۋا، نوۋو-ئوگاروۋو
مائارىپ سانت پېتىربۇرگ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت ( LLB )

سانت پېتىربۇرگ كانچىلىق ئىنستىتۇتى

( دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانى )

مۇكاپات شەرەپ ئوردېنى
ئىمزا
پۇتىن ئىمزاسى
تور بېكەت ئورگان تور بېكىتى
ھەربىي خىزمەت
سادىق سوۋېت ئىتتىپاقى
تارماق / مۇلازىمەت سوۋىت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى
خىزمەت يىللىرى 1975–1991
رەت تەرتىپى سوۋىت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى پولكوۋنىكى

روسىيە فېدېراتسىيەسى 1-سىنىپىنىڭ

ھەقىقىي دۆلەت مەسلىھەتچىسى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ۋىلادىمىر پۇتىن يېڭى تىپتىكى تاجىسمان ۋىرۇس ئەھۋالنى تەكشۈرمەكتە.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن (روسىيىنىڭ ئىككىنجى،تۆتىنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى) 1952- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى، ھازىرقى سانكىت پېتېربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، سىياسىيون. ئانىسى مارىيا ئىۋانوۋنا شىلوموۋا زاۋۇت ئىشچىسى، دادىسى ۋىلادىمىر سپىرىدونوۋىچ دېڭىز ئارمىيە فىلوتى خادىمى ئىدى. پۇتىن 1975-يىلى لېنىنگىراد ئۇنىۋېرستىتى (ھازىرقى يېڭى ئىسمى سانكىت پېتربورگ ئۇنىۋېرسىتىتى) خەلقئارا قانۇن كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ يەنە ئىقتىساد كەسپىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇغان. ئۇقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى–KGB دا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان پۇتىن، بىر مەزگىل گېرمانىيەدە ۋەزىپە ئۆتىدى. گېرمانىيە دىن قايتقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان .

ۋىلادىمىر پۇتىن ھەربىيلەر بىللەن بىللە

1990- يىلى لېنىنگراد شەھەرلىك كېڭىشىدە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن پۇتىن، 1991 ۋە 1992- يىللىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ۋىلادىمىر پۇتىن 1996-يىلىغىچە ست.پتېرسبۇرگ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنسەپلىرىنى تۇتقاندىن كېيىن 1996-يىلى كرېملىن سارىيى مۈلكىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە بۇ ۋەزىپىسىنى 1997-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان. 1997 ۋە 1998-يىللىرى پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.1998 ۋە 1999- يىللىرى رۇسىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى (FSB) نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئوخشاش ۋاقىتتا رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن.1999-يىلى 9-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە باش مىنىستىر ۋەكىلى بولغان، 16-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. 1999-يىلى 31-دېكابىردا پرېزىدېنت بورىس يېلتسىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن ئۈچ ئاي ئىچىدە پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغقىچە پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ۋاكالىتەن ئۆتەشكە باشلىغان.پۇتىن 2000-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، 2000-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا رۇسىيە فېدراتسىيە كومىنستىك پارتىيسى باشلىقى گىننادى زۇگانوۋنى بېسىپ چۈشۈپ، %52.9 لىك ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. زۇگانوۋ بولسا %29.2 ئاۋاز بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. 2004-يىلى ئۆتكۈۈزلگەن سايلامدا بولسا %71 ئاۋاز بىلەن قايتىدىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللەردە رۇسىيە ئىقتىسادى تېز  تەرەققى قىلغان، رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان. مەركىزى ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا %63.75 ئاۋاز بىلەن رۇسىيە فېدراتسىيسىدە 3-قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.

سىياسى پارتىيە[تەھرىرلەش]

ۋىلاىمىر پۇتىن رۇسىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى رۇسىيە بىرلەشمە پارتىيسىدىن كېلىپ چىققان. مىدىۋېدىۋ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتمۇ بۇ پارتىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئەمما پۇتىن بىلەن مېدىۋېدىۋ ئارىسىدا سىياسىي پەرقلەر مەۋجۇت. پۇتىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ تراگېدىيە دەپ قارىغان.

شەخسى تۇرمۇسى[تەھرىرلەش]

ۋىلادىمىر پۇتىن ياپونيە باش باقانى شىنزو ئابى ۋە سوۋغان ئىت بىلەن بىللە

پۇتىن ست.پېتېرسبۇرگ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا، رەپىقىسى ليۇدمىلا پۇتىنا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىسپانىيە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە ئوقۇغان.پۇتىن 1983-يىلى لۇدمىلا خانىم بىلەن ئۆيلىنىپ، مارىيا، يىكاترىنا ئىسىملىك ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان، ئۇلار 2013- يىلى 6- ئىيۇلدا ئۆزئارا كېلىشىپ ئاجراشقان. ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى بار بولۇپ، بىرى ياپون ئەدەبىياتى ۋە تارىخى فاكۇلتىتىدا، يەنە بىرى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان.

قىزىقىشى[تەھرىرلەش]

ۋىلادىمىر پۇتىن ۋەتەنپەرۋەرلىك باغچىسىدا پىرىسلاۋىيە دىنىنىڭ باش پوپى بىللەن بىللە

تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئادەتلەنگەن، تەنتەربىيەنىڭ ھەرخىل ساھەلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلگەن پۇتىن، ناخشا–مۇزىكىغىمۇ كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئەپسانىۋى ناخشا–مۇزىكا ئەترىتى بىيتلېسنىڭ ئەزاسى پائۇل ماككارتنېي بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر ئەترەتنىڭ «تۈنۈگۈن» دېگەن ناخشىسىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. تارىخىي ۋە سىياسىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقى، ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرىغا مەستانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، ھەتتا بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى
  2. ۋىكىپىدىيە