ئۆزبېك تىلى

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

ئۆزبېك تىلى
قوللىندىغان دۆلەتلەر

ئۆزبېكىستان جۇمھورىيىتى 80% قازاقىستان 3% قىرغىزىستان 13.8% تاجىكىستان 9% تۈركمەنىستان 2% ئافغانىستان 12% ئا ق ش رۇسيە ڧدراتسىيسى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 15 مىڭ

قوللىندىغان كىشى سانى تەخمىنەن 25 مىليون ئەتىراپىدا
دۇنيادىكى تەرتىپى 45
تىل سېستىمىسى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى

تۈرك تىللار ئائىلىسى، ئۇيغۇر قارلۇق تىللىرى

رەسمى ئەھۋالى
رەسمى تىل ئۆزبېكىستان
ئورگان
تىل كودلىرى
ISO 639-1 uz
ISO 639-2 uzb
ISO 639-3 uzb
ئىزاھات ئۇيغۇرچىغا ئەڭ يېقىن تۈركىي تىل
دۇنيادا ئۆزبېك تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايۇنلار.

ئۆزبېك تىلى – تىلشۇناس ئالىملىرى ئۆزبەكچەگە ئەڭ يېقىن تىل ئۇيغۇر تىلى دەپ قارايدۇ. ئۆزبەكچە ئۇيغۇر قارلۇق شىۋىسى، قىپچاق شىۋىسى ۋە ئوغۇز شىۋىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبىر تۈركىي تىلدۇر. ئەدەبىي تىلدا نەمەنگان - فەرغانە ۋادىسى ۋە تاشكەنت رايونىدا قوللىنىلدىغان قارلۇق تىلى ئاساس ئېلىنغاندۇر.

تارىخ[تەھرىرلەش]

كونا ئۆزبەكچە ياكى بۇرۇنقى چىغاتاي تىلى ۋە ياكى چىغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىر تىلدۇر. سوۋېت ئىىتىپاقى دەۋرىدە 1921 يىلى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك ئىكى مىللەتكە ئايرىلىپ ھەر ئىككىسى ئۆز ئالدىغا يېڭىچە بىردىن تىل ئۆزبېكچە ۋە ئۇيغۇرچە بولۇپ تەرەققىي قىلدى. ئۆز ئالدىغا ئەدەبىيي تىلى ۋە ئېغىز تىلى شەكىللەندۈردى. لېكىن ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلار ئالدىرىماي سۆزلەشسە بىر بىرىنى تامامەن چۈشۈنەلەيدۇ. پەقەت ئۆزباكچىدە رۇسچە سۆزلەر كۆپراق، ئۇيغۇرچىدا خەنزۇچىدىن كىرگەن بەزىبىر تەركىپلەر بار. شۇنداق دېيش مۇمكىنكى ئۆزبەك تىلى ۋە ۇيغۇرتىلى ماھىيەتتە بىر تىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل شىۋىسىدۇر.

ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارنى Eski O'zbekcha دە گەپ قىلىشىدۇ دەپ قارايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقىزامان ئۆزبېك تىلى كونا چىغاتاي تىلىنىڭ ئىككى زامانىۋىي ۋارىسلىى، قوشكىزەك ئاكا ئۇكىلارغا ئوخشاش، ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئالدىغا چىغاتاي تۈركچىسىنىڭ مۇئەييەن ئالاھىيدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان ۋە داۋاملىق تۈردە ئۆز تىللىرىنى يۈكسەك مۇكەممەلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرماقتا.

شېۋە[تەھرىرلەش]

ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى ئۈچ چوڭ لەھچە (شىۋە ياكى ئاغىز)غا بۆلىنىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە ۋادىسى، تاشكەنت ۋە ئەتراپى بىلەن سەمەرقەند بۇخارا، قارشى، شەھرى سەبز ۋە تېرمىز شەسەرلىرىدە قالۇق لەھچەسى، جىززەھ، سۇرخەندەريا، قاشقادەريا ۋە سەمەقەند ۋىلايەتلىرىندە قىپچاق لەھچەسىدە، خارەزم ۋىلايەتىدە ئوغۇز لەھچەسىدە سۆزلىشىدۇ.

گرامماتىكا[تەھرىرلەش]

گرامماتىكا جەھەتتە ئۆز ئالدىغا قىسمەن ئالاھىيدىلەرگە ساھىب بولۇپ ئاساسەن ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى بىلەن يېقىنلىشىدۇ. بەزى ھەرپلەردىكى تەلەپپۇز جەھەتتىكى پەرقتىن تاشقىرى ئاساسىي لۇغەت ۋە لېكسىكا ، فونتىكا جەھەتتە ئوخشىشىدۇ.

سۆزلۈك[تەھرىرلەش]

ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبى بىلەن ئىنتايىن زور دەرىخدە ئوخشىشىدۇ. ئۆز ئالدىغا باشقىچە مەنە بىلدۈردىغان بەزى سۆزلەردىن باشقا.

يېزىق[تەھرىرلەش]

1940- يىلى سىتالىننىڭ چاقىرىقى بىلەن سىلاۋىيان ئېلىپبەسىگە كۆچىشتىن ئاۋۋال بىر مەزگىل لاتىن ئېلىپبەسى قوللانغان، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىزچىل چىغاتاي ئىلىپبەسى قوللانغان، ئەرەپ ھەرىپلىرى ئاساسىدى چىغاتاي ئېلىپبەسى ياكى چىغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلپبەسى\ كونا ئۆزبەك ئېلىپبەسى قوللانغان. 2002 يىلغىچە سىلاۋيان ئېلپبەسى ياكى كرىل ئېلىپبەسىدە مەتبۇئات باسمىچىلىق ئىشلىرىدا شۇغۇللانغان، 2002 - يىلدىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچكەن. لېكىن يېڭى ئۆزبىك تىلى \ ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى ئەدەبىىياتىنىڭ سەمەرىلىرى، نۇرغۇن ئەسەرلەر، نۇرغۇن ئەۋلات سىلاۋيان ئېلىپبەدىسە ساۋات چىقارغان بولغاچقا يەنىلا سىلۋىيان ئېلىپبەسىنىڭ تەسىرى ھېلىمۇ كۈچلۈك، ئىككى خىل يېزىق تەڭ قوللىنىلىدۇ. ئافغانىستان تېرىتورىيىسى ئىچرە 1.5 مىلىيون ئۆزبەكلەر ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدى ئۆزبېك ئېلىپبەسىنى قوللىنىدۇ.

ئۆزبېك تىلى[تەھرىرلەش]

لاتىن يېزىقى

А а B b Ch ch D d Е е F f G g Gʻ gʻ
H h I i J j K k L l М m N n О о
Oʻ oʻ P p Q q R r S s Sh sh Т t U u
V v Y y X x Z z ʼ

كىرىل يېزىقى(سىلاۋيان يېزىقى)

А а Б б В в Г г Д д Е е Ё ё Ж ж
З з И и Й й К к Л л М м Н н О о
П п Р р С с Т т У у Ф ф Х х Ц ц
Ч ч Ш ш Ъ ъ Ь ь Э э Ю ю Я я Ў ў
Қ қ Ғ ғ Ҳ ҳ

فونولوگىيە[تەھرىرلەش]

قاراڭ[تەھرىرلەش]

ئۈلگە[تەھرىرلەش]

ئۆزبېك لاتىن يېزىقى ئۆزبېك كىرىل يېزىقى ئۇيغۇرچە
Barcha odamlar erkin, qadr-qimmat va huquqlarda teng boʻlib tugʻiladilar. Ular aql va vijdon sohibidirlar va bir-birlari ila birodarlarcha muomala qilishlari zarur. Барча одамлар эркин, қадр-қиммат ва ҳуқуқларда тенг бўлиб туғиладилар. Улар ақл ва виждон соҳибидирлар ва бир-бирлари ила биродарларча муомала қилишлари зарур. ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا بابباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاش روخ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

1.^https://tr.wikipedia.org/wiki/Afganistan 2.^