نورۇز بايرىمى

ئورنى Wikipedia

نورۇز بايرىمى - ياكى نورۇز\نەۋرۇز (فارسچە: نوروز، ئازەرىچە: Novruz، قازاقچە: Nawrız، قىرغىزچە: Nooruz، قرىم تاتارچە: Navrez، كۇردچە: Newroz، ئۆزبەكچە: Navro‘z، تۈركمەنچە: Nowruzئافغانلار، ئالبانلار، ئەزەربەيجانلار، فارسلار، گۈرجىلەر، قاراقالپاقلار، قازاقلار، قىرغىزلار، كۇردلار، ئۆزبەكلەر، ئۇيغۇرلار، تاجىكلەر، تۈركمەنلەر ۋە زازالار تەرىپىدىن قۇتلىنىدىغان ئەنئەنىۋىي يېڭى يىل ياكى تەبئىيەتنىڭ ئويغىنىش ۋە باھار بايرىمى.

يازمىچە ئەڭ بۇرۇن 2. ئەسردە پارس مەنبئەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان نەۋرۇز، ئىران ۋە باھائىي تەقۋىمىگە كۆرە يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىنىدۇر. كۈنىمىز ئىرانىدا، گەرچە ئىسلامىي بىر يىلتىزى بولمىسىمۇ بىر بايرام شەكلىدە تەبرىكلىنىدۇ. بەئزى خەلقلەر بۇ بايرامنى 21- مارتتا قۇتلىسا، بەئزىلىرى شىمالىي يېرىم شاردا ئەرتىيازنىڭ باشلىنىشىنى تەمسىل قىلىپ 22 ۋە 23- مارتتا تەبرىكلەر. شۇنداقلا، زەردۇشتىيلىك، ھەمدە باھائىيلەر ئۈچۈن مۇقەددەس بىر كۈندۇر ۋە دەم ئېلىش كۈنىدۇر. كۇردلار، نورۇز بايرىمىنىڭ كۇرد ۋە ئىران ئەفسانىلىرىدىكى تۆمۈرچى كاۋا ئەفسانىسىگە باغلايدۇ. ئاناتولىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركلىرى بولسا كۆكتۈرۈك ئەفسانىلىرىدىكى ئەرگىنەقۇندىن چىقىشى مۇناسىبىتى بىلەن باھارنىڭ كىرىشى سۈپىتىدە تەبرىكلىشىدۇ.

2010- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ھەيئىتى، 3000 يىلدىن بېرى قۇتلىنىپ كېلىۋاتقان پارس يىلتىزلىق بۇ بايرامنى، دۇنيا نورۇز بايرىمى ئېلان قىلغان. 2009- يىلى 9-28 كۈنىدىن 10-2 كۈنى ئارىسى ئەبۇزەبىدە ھۆكۈمەتلەر ئارىسى توپلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەنىۋىي مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش كومىتېتى، نورۇزنى دۇنيا مەنىۋىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2010- يىلدىن باشلاپ ب د ت باش كومىتېتى 21- مارت كۈنىنى دۇنيا نورۇز بايرىمى دەپ قەبۇل قىلىنماقتا.

ئاتالغۇ ھەققىدە[تەھرىرلەش]

نورۇز بايرىمى

نورۇز ۋە كۈن تۈن تەڭلىشىش[تەھرىرلەش]

تارىخ ۋە ئەنئەنە[تەھرىرلەش]

ئافغانىستاندا نورۇز[تەھرىرلەش]

تۈركلەردە نورۇز[تەھرىرلەش]

باھارنىڭ ئىنسانلارغا ئەكەلگەن خۇشاللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەتلەرگە ئورتاق بايرام ھېسابلىنىدۇ.

<نورۇز> ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، <باھار يامغۇرى>، <تۇنجى باھار كۈنى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

<نورۇز بايرىمى> ئەسلىي ماھىيىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.

<نورۇز> بايرىمىنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى مۇنداق:

<نورۇز> كىرگەن كۈن يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە، چوڭ - كىچىك، ئەر - ئاياللار يۇرت - مەھەللە بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرام كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەنزىرىلىك جايلارغا جەم بولۇشىدۇ ۋە شۇ سورۇندا <نورۇز> غا ئاتاپ تەييارلىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. خەلق قوشاقچىلىرى <نورۇز> نى مەدھىيىلەيدىغان شېئىر قوشاقلارنى ئېيتىشىدۇ؛ ۋايىز (مەدداھ) لار داستان ۋە ھېكايە قىسسىلەرنى كۈيلىشىدۇ؛ سازەندىلەر مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ؛ بىر تەرەپتە چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىدۇ، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ، دارۋازلار ئېگىز دار ئۈستىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. قىزلار مەجنۇنلارغا ئىلەڭگۈچ سېلىپ لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئولتۇرۇش قىزىپ <ئون ئىككى مۇقام> داستانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. قىسقىسى، ھەر كىم ئەھۋالىغا يارىشا ماھارەت كۆرسىتىپ، بايرام خۇشاللىقىنى نامايان قىلىشىدۇ. <نورۇز> مۇراسىملىرىغا مەكتەپ باللىرىمۇ كوللېكتىپ ھالدا قاتنىشىدۇ. ئۇلار مۇلەللىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەپ - سەپ بولۇپ، گۈللۈك تاختىلارغا يېزىلغان <نورۇزنامە> لىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىشىدۇ. <نورۇز> مۇراسىملىرىدا جامائەتتىن ئىختىيارىي يىغىش قىلىپ، مەخسۇس نورۇز ئېشى تەييارلىنىدۇ.

نورۇز ئېشى ئەنئەنە بويىچە يەتتە ياكى توققۇز خىل ماتېرىيالدىن تەييارلىنىدىغان كۆجە بولۇپ، بۇغداي، ئارپا، گۈرۈچ، تېرىق، گۆش، سۈت، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. بەزىدە گۆش ئورنىغا كاللا - پاقالچاق ۋە ئۆپكە - ھېسىپلار قوشۇلىدۇ. <نورۇز> مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى <نورۇز ئېشى> غا ئېغىز تېگىشى شەرت قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەممە كىشى <نورۇز> بايرىمىدا قانغۇچە كۆڭۈل ئېچىپ ياخشى تىلەك - ئارزۇلار بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ ۋە بايرامنى تەبرىكلەپ ئۆز ئارا پەتىلىشىدۇ.

تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن <نورۇز> بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە، يەنى ئون بەش كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر كۆپرەك رايونلاردا <نورۇز> بايرىمى ئۈچ كۈن قىلىپ خاتىرىلىنىدۇ.

<نورۇز> بايرىمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەردە ھەمدە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان <نورۇزنامە> لەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، قىش - زىمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكېلىشىنى تىلەش، يېشىلىققا پۈركۈنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم - مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئەكىس ئېتىلىدۇ. مەسىلەن:

ئېترا قىلدۇق نورۇزدىن ياخشى كۈننى باشلىدۇق،

كۆڭلىمىزنىڭ خۇشلىقىدىن بىز ئويۇننى باشلىدۇق.

شاتىۋاد تون كىيىپ، جۇۋا - تۇماقنى تاشلىدۇق،

سايىلەردە ئولتۇرۇپ، نەغمە - ناۋانى باشلىدۇق.

ئات مىنىپ ئوغلاق ئالىپ، مەشرەپ قىلۇر كۈندۈز بۈگۈن.

كەلدى نۇرۇز يىل بېشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىركىنى،

نورۇز دىبان كېلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى.

گۈللەر قىسۇر قىز - ئوغۇل، ئەگرى قويار بۆركىنى،

مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر، ئاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى،

قايغۇ - مېھنەتلەر كېتىپ ئويناشۇر كۈندۈز بۈگۈن.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا <نورۇز> بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن، <نورۇز> بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئەپسانە - رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، <نورۇز> بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆك تەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قاراپ، ئۇلارنى ئوخشاشمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشىچە، ئاققۇزا يۇلتۇزى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ. قۇش، بېلىق يۇلتۇزىنىڭ يوقىلىپ، ئاققۇزا ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى بولغاچقا، بۇ كۈن ئىنسانلارغا بەخت ۋە تەلەي ئەكىلىدۇ دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى <نورۇز> بايرىمى قىلىپ ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى <نورۇز> بايرىمى قىلىپ بەلگىلەنگەن. كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەردىمۇ <نورۇز> بايرىمىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ خەلق ئارىسىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]