ياۋروۋىزىيون ناخشا مۇسابىقىسى

ئورنى Wikipedia
قاتناشقۇچى دۆلەتلەر
2010-يىللىق ياۋروۋىزىيون چىمپىيونى لەنا


ياۋروۋىزىيون ناخشا مۇسابىقىسى
بېكىتىلگەن ۋاقتى 1956
بۇرۇنقى نامى ياۋروۋىزىيون ياۋروپا چوڭ تىپتىكى ناخشا مۇسابىقىسى
تەشكىللىگۈچى ياۋروپا ئىتتىپاقى رادىئو-تېلېۋىزىيە بۆلۈمى
قېتىم سانى 56
ئايلىنىش ۋاقتى يىللىق
ئورنى ياۋروپا
ھازىرقى چىمپىيون ئەلدار ۋە نىگار
كۆرۈلۈش رېكوردى 35000 كىشى
رېكوردچى دۆلەت ئېرلاندىيە (يەتتە قېتىم)
تور بېتى http://www.eurovision.tv

ياۋروۋىزىيون ناخشا مۇسابىقىسى شىۋىتسارىيە تېلېۋىزىيە شىركىتى دېرىكتورى مارسەل بېزاڭسوڭنىڭ تۈرتكىسىدە، سان-رومانو سەنئەت بايرىمى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە 1956-يىلى 24-مايدا، شىۋىتسارىيەنىڭ لوگانو شەھرىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ناخشا كېچىلىكى پۈتۈن ياۋروپادا تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلىدۇ. يېقىنىقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئامرېكا ۋە ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيىلىرىدىمۇ، دۇنيانىڭ باشقا يەرلىدە تور ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بولدى. مۇسابىقىنىڭ نامى ياۋروۋىزىيون تېلېۋىزىيە تورىدىن ئېلىنغان بولۇپ، كۆرۈلۈش ئادەم سانى بىر مىلياردتىن ئاشىدۇ. مۇسابىقە ياۋروپا ئىتتىپاقى رادىئو-تېلېۋىزىيىسىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولمىغان ئالجېرىيە، مىسىر، لىۋان، ئىسرائىلىيە، لىۋىيە، ماروك (ماراكەش)، سۈرىيە ۋە تۇنىزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسرائىلىيە 1973-يىلدىن ئېتىبارەن نامزات ئەۋەتىۋاتىدۇ. تۇنىزىيە 1980-يىلى بىر قېتىم نامزات ئەۋەتكەندىن كىيىن، قايتا قاتناشمىدى.

قاتناشقۇچى دۆلەتلەر:[تەھرىرلەش]

1956-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدە پەقەت فرانسىيە، غەربى گىرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، لىيۇكسىمبۇرگ، بېلگىيە ۋە شىۋىتسارىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەت بار ئىدى. كىيىنكى يىلى، ئەنگىلىيە، دانىيە ۋە ئاۋستىرىيەلەر قېتىلدى. 1959-يىلى، موناكومۇ سەپكە قېتىلدى. 1993-يىلىغا كەلگەندە، ئېستونىيە، رۇمانىيە، سلوۋاكىيە، ۋىنگرىيە، بوسنىيە-گرتسىگوۋىنا، سلوۋېنىيە ۋە كرۇدىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارغا قوشۇلدى. بىر يىلدىن كىيىن، لېتۇۋانىيە، روسسىيە ۋە پولشالار كەلدى.

1956-يىلىدىن بېرى ئۇتۇپ چىققان دۆلەتلەر:[تەھرىرلەش]

يىل دۆلەت ناخشا ناخشىچى تىلى
1956 شىۋىتسارىيە Refrain / قايتارما لىس ئاسسىيا فرانسۇزچە
1957 گوللاندىيە Net Als Toen / شۇنىڭغا ئوخشاش كورى بروكىن گوللاندچە
1958 فرانسىيە Dors, Mon Amour / ئۇخلا، ئاشىقىم ئاندرې كلاۋو فرانسۇزچە
1959 گوللاندىيە Een Beetje / كىچىككىنە تېدى شولتىن گوللاندچە
1960 فرانسىيە Tom Pillibi / توم پىللىبى ژاكلىن بوۋيې فرانسۇزچە
1961 لىيۇكسىمبۇرگ Nous les amoureux / بىز ئاشىقلار ژاڭ-كلود پاسكال فرانسۇزچە
1962 فرانسىيە Un premier amour / تۇنجى مۇھەببەت ئېزابەل ئوبرى فرانسۇزچە
1963 دانىيە Dansevise / ئۇسسۇللۇق يۈرۈش گرەت ۋە يورگىن ئنىگمان دانىيەچە
1964 ئىتالىيە Non ho l'età / تېخى يېشىم كىچىك ژىگلىيولا سىنكېتى ئىتالىيانچە
1965 لىيۇكسىمبۇرگ Poupée de cire, poupée de son / موم قونچاق، ئاۋازلىق قونچاق فرانسېس گال فرانسۇزچە
1966 ئاۋىستىرىيە Merci Chérie / رەھمەت قەدىرلىكىم ئۇدۇ يۈرگىنىس نېمىسچە
1967 ئەنگىلىيە Puppet On A String / ئارقان ئۈستىدىكى قونچاق سەندى شوۋ ئېنگىلىزچە
1968 ئىسپانىيە La, la, la لا،لا،لا ماسىيەل ئىسپانچە
1969 ئىسپانىيە Vivo Cantando / ناخشام بىلەن ياشايمەن سالومې ئىسپانچە
1969 ئەنگىلىيە Boom Bang-a-Bang / بۇم باڭ-باڭ لولو ئېنگىلىزچە
1969 گوللاندىيە De Troubadour / ترۇبادۇر لىنى كۇر گوللاندچە
1969 فرانسىيە Un jour, un enfant / بىر كۈن، بىر بالا فرىدا بوكارا فرانسۇزچە
1970 ئېرلاندىيە All Kinds Of Everything / ھەرتۈرلۈك ئىشلار دانا ئېنگىلىزچە
1971 موناكو Un banc, un arbre, une rue / بىر ئۇزۇن ئورۇندۇق، بىر دەرەخ، بىر كوچا سېۋغىن فرانسۇزچە
1972 لىيۇكسىمبۇرگ Après Toi / سەندىن كىيىن ۋىكى لېئاندرو فرانسۇزچە
1973 لىيۇكسىمبۇرگ Tu Te Reconnaîtras / ئۆزۈڭنى تونۇيسەن ئان-مارى داۋىد فرانسۇزچە
1974 شىۋىتسىيە Waterloo / شاقىراتما ئاببا ئېنگىلىزچە
1975 گوللاندىيە Ding-A-Dong / دىڭ ئا دوڭ تىچ-ئىن ئېنگىلىزچە
1976 ئەنگىلىيە Save Your Kisses For Me / سۆيۈشلىرىڭىنى ماڭا ساقلا ئىنسانلار قېرىنداشلىقى ئېنگىلىزچە
1977 فرانسىيە L'Oiseau et L'Enfant / قۇش ۋە بالا مارى مەريەم فرانسۇزچە
1978 ئىسرائىلىيە A-Ba-Ni-Bi / مەن ياكى سەن ئىزھار كوھىن ئىبرانىچە
1979 ئىسرائىلىيە Hallelujah / سۈبھانىئاللاھ گالى ئاتارى ئىبرانىچە
1980 ئېرلاندىيە What's Another Year / يەنە بىر يىل نېمە بولغىدەك جونى لوگان ئېنگىلىزچە
1981 ئەنگىلىيە Making Your Mind Up / بىر قارارغا كەل باكىس فىز ئېنگىلىزچە
1982 گىرمانىيە Ein Bisschen Frieden / ئازراق تنىچلىق نىكول نېمىسچە
1983 لىيۇكسىمبۇرگ Si la vie est cadeau / ئەگەر ھايات سوۋغات بولسا كورىن ئەرمەس فرانسۇزچە
1984 شىۋىتسىيە Diggi-Loo Diggi-Ley / دىگىلۇ، دىگىلەي ھىرىس شىۋتچە
1985 نورۋىگىيە La det swinge / ئەللەيلە بوبىسوكىس نورۋىگچە
1986 بىلگىيە J'aime la vie / ھاياتنى سۆيىمەن ساندرا كىم فرانسۇزچە
1987 ئىرلاندىيە Hold Me Now / مېنى ھازىرلا تۇت جون لوگان ئېنگىلىزچە
1988 شىۋىتسىيە Ne partez pas sans moi / مەنسىز كەتمەڭلار سېلىن دىيوڭ فرانسۇزچە
1989 يۇگۇسلاۋىيە Rock Me / مېنى روكلا رىۋا سېرب ۋە كرودچە، ئېنگىلىزچە
1990 ئىتالىيە Insieme: 1992 / بىرلىكتە: 1992 توتو كوتونىيو ئىتالىيانچە
1991 شىۋىتسىيە Fångad av en stormvind / قۇيۇندا قالماق كارولا شىۋتچە
1992 ئىرلاندىيە Why Me / نېمىشقا مەن لىندا مارتىن ئېنگىلىزچە
1993 ئىرلاندىيە In Your Eyes / كۆزلىرىڭدە نىيام كاۋانا ئېنگىلىزچە
1994 ئىرلاندىيە Rock'n Roll Kids / روكىنرول بالىلار پول ھەرىڭتون، چارلى مەكگەتىگان ئېنگىلىزچە
1995 نورۋىگىيە Nocturne / كېچە كۈيى مەخپى باغچە نورۋىگچە
1996 ئىرلاندىيە The Voice / ئاۋاز ئېمىئەر كۈۋىن ئېنگىلىزچە
1997 ئەنگىلىيە Love Shine A Light / مۇھەببەت نۇرلاندۇرىدۇ كاترىنا ۋە دولقۇنلار ئېنگىلىزچە
1998 ئىسرائىلىيە Diva / پەرىزات دانا ئىنتىرناتسىيونال ئىبرانىچە
1999 شىۋىتسىيە Take Me to Your Heaven / مېنى جەننىتىڭگە ئېلىپ كەت شارلوت نىلسون ئېنگىلىزچە
2000 دانىيە Fly On The Wings Of Love / مۇھەببەتنىڭ قاناتلىرىدا ئۇچۇش ئولسىن قېرىنداشلار ئېنگىلىزچە
2001 ئىستونىيە Everybody / كۆپچىلىك تانەل پادار، داۋ بېنسون ئېنگىلىزچە
2002 لاتۋىيە I Wanna / قىلغۇم بار مارى ئەن ئېنگىلىزچە
2003 تۈركىيە Everyway That I Can /مەن ماڭالىغۇدەك ھەر بىر يول سەرتاب ئەرەنەر ئېنگىلىزچە
2004 ئوكرائىنا Wild Dances / ياۋايى ئۇسسۇللار روسلانا لىژىچكو ئوكرائىنچە، ئېنگىلىزچە
2005 گرىتسىيە My Number One / مېنىڭ ئەڭ ئېسىلىم ئېلېنا پاپارىزۇ ئېنگىلىزچە
2006 فىنلاندىيە Hard Rock Hallelujah / سۈبھانىئاللاھ قاتتىق روك لوردى ئېنگىلىزچە
2007 سېربىيە Moltiva / دۇئا مارىيا سېرېفوۋىچ سېربچە
2008 روسسىيە Believe / ئىشەن دىما بىلان ئېنگىلىزچە
2009 نورۋىگىيە Fairytale / چۆچەك ئالىكساندىر رىباك ئېنگىلىزچە
2010 گىرمانىيە Satellite / سۈنئى ھەمرا لەنا مەيەر-لاندۇرۇت ئېنگىلىزچە
2011 ئەزەربەيجان uRunning Scared / ئۈركۈپ قاچقان ئەلدار ۋە نىگار ئېنگىلىزچە