ئابدۇجېلىل داموللا ھاجى

ئورنى Wikipedia
ئابدۇجېلىل داموللا ھاجى
ۋاپات بولغان يەر
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپىداموللام

مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر شائىر ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم 1896 - يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيسىدە تونۇلغان ئۆلىما ئابدۇللا مۇپتى ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. (شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىنى يورۇتۇپ بېرىشتە،«بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىللىق 1 - سانىغا بېسىلغان شائىرنىڭ شېئىرىي مەكتۇپلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇلھېكىم مەھدۇم ھاجى تەرىپىدىن يېزىلغان «نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن» سۆزى ئاساس قىلىندى.) ئۇ 16 ياشقا كىرگەن مەزگىلىدە شائىر مەۋلانا ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ بايقىشى ۋە تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭغا شاگىرت بولغان ھەمدە تەجەللى بىلەن بىللە گۇمىدىن قاغىلىققا كەلگەن. ياش ئابدۇجېلىل تەجەللىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى ۋە زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھەر خىل ئىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىستېدات ۋە قابىلىيەت جەھەتتە تېز ئۆسكەن. ئۈچ يىللىق تەربىيىدىن كېيىن شائىر تەجەللى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى ئابدۇقادىر داموللام ھوزۇرىغا - قەشقەرگە ئەۋەتكەن. ئابدۇقادىر داموللام تەجەلىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە جېلىلنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىگەن. ئابدۇجېلىل قەشقەردە ئوقوۋاتقان مەزگىلىدە يەنە شۇ مەزگىلدىكى تونۇلغان بىلىم ئىگىلىرى قولىدىن ئەتراپلىق بىلىم ئالغان. ھىجىرىيىنىڭ 1338 - يىلى (مىلادىيە 1920 - 1930 - يىللار) ئۇ ئوقوتۇش پۈتتۈرۈپ، «داموللا» دېگەن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. ئابدۇخېلىل داموللام ئوقوش پۈتتۈرگەندىن كېيىن گۇمىغا قايتىپ كېلىپ، تالىپلارغا ئىلىم ئۆگىتىش. خەلق ئارىسىغا ئىلىم - مەرىپەت تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان. نادانلىق، خۇراپاتىلىق، مۇتەئەسسىپلىك، زالىملىقتەك ئىللەتلەرگە قارشى نەزەرۋىيىۋى ۋە ئەمەلىي كۈرەشلەردە بولغان. 1934 - يىلى ئابدۇجېلىل داموللا ھەج قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ، ھىندىستان ۋە ئەرەبىستان قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. ئۇ يەرلەردە كۆپلىگەن ئەدىبلەر ۋە ئىلىم ئەھىلىلىرى بىلەن تونۇشقان. ئۇلار بىلەن مۇشائىرىلەر يېزىشقان، ئىلمىي سۆھبەتلەردە بولغان. ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم 1937 - يىلى ھەرەم سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى شىڭ شىسەي پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش، تېررورلۇقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم شەخسىي غەرەزلەردىن خالىي، ئومۇمىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئاجىز - مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدىغان، ساپ نىيەتلىك تەرەققىيپەرۋەر دىنىي ئۆلىما ھەمدە يېتىلگەن شائىر ئىدى. ئۇ ئۆز ئانا تىلى ۋە ئەرەب - پارس تىلىرىدا، ئوخشىمىغان شېئىرىي شەكىللەردە بىر قاتار سالامنامە، تەشەككۈرنامىلەرنى؛ مۇشائىرە، بېغىشلىما، قىتئەلەر، شۇنداقلا لىرىك شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يوقىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئون پارچە شېئىرىي مەكتۇپىنى ئابدۇلھېكىم مەھدۇم ھاجى نەشىرگە تەييارلاپ «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىللىق 1 - سانىدا ئېلان قىلدى. ئابدۇلھېكىم مەخدۇم ھاجى يەنە شائىرنىڭ ئەرەب تىلىدا يازغان بىر قىسىم قەسىدە ۋە سالامناملىرىنىمۇ نەشىرگە تەييارلىدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]