ئابدۇرېشىت ئىمىنوف

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرېشىت ئىمىنوف
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپىمۇھەررىر


ئابدۇرېشىت ئىمىنوف 1922 - يىلى 9 - ئايدا چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنۇقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 1930 - يىلىدىن 1934 - يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا، 1935 - يىلىدىن 1938 - يىلىغىچە خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپتا، 1939 - يىلىدىن 1941 - يىلغىچە ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيىسىنىڭ خەنزۇ تىل سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت مەتبۇئاتلىرىدا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مۇخبىر، تەھرىر، تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1949 - يىلى 8 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي رەھبەرلىرى بىلەن بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلىدۇ.

ئابدۇرېشىت ئىمىنوف ھايات ۋاقتىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم شېئىر، ھېكايىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغانىدى.


مەنبە[تەھرىرلەش]