ئابدۇرېھىم تۇرسۇن

ئورنى Wikipedia

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن (Abduréhim Tursun، تو. 1973 ئۇچتۇرپان — ۋ. 2013-07-07 قەشقەر پەيزىۋات) پەلسەپە پەنلىرى بويىچە تۇنجى ئۇيغۇر دوكتورى (Ph.D)، تارىخ پەنلەر دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۆز ئىنىسىدۇر. دادىسىنىڭ ئىسمى تۇرسۇن بارات، ئانىسىنىڭ ئىسمى نۇرنىسا ئابدۇرېھىم.

ئۆمۈر بايانى[تەھرىرلەش]

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى ساقلاش يولىدىكى باتۇرلۇقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولمىش «يەتتە قىزلىرىم»نى، رەھمەتۇللابەك ۋە ئەسمەتۇللابەك، سېيىت نوچىدەك مەرت ئوغلانلارنى، موللا شاكىر، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، سېيىت ئابباس، ئارتۇق ئابباس، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزى  قاتارلىق مىللەتپەرۋەر زىيالىي - ئوغلانلارنى پاك ھاۋاسى ۋە زەمزەم كەبى  سۇلىرى بىلەن سۇغارغان  قەدىمىي ھەم  قەھرىمان  يۇرت ئۇچتۇرپان شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان.

ئۇ ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تېخنىكوم ۋە ئالي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. ئابدۇرېھىمنىڭ دەسلەپكى ئۆگىنىش ھاياتى ئاساسلىقى ئۆزلىكىدىن  ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكەن.

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن دەسلەپتە ئىككى يىللىق خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە چەتئەل تىللىرىدىن  ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، ئىنگلىز تىلىدا بىر قانچە دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈگىتىپ، ئوتتۇرا سەۋىيىگە يەتكەن  ھەم بۇ جەرياندا رۇس تىلى ئۆگىنىشنىمۇ باشلىغان ئىدى.

بۇ جەرياندا ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىغىمۇ قىزىقىپ، بەزى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ئۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم-مەرىپەتكە بېرىلگەن ئۈمىدۋار ياش ئىدى.

1997 - يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي يۇقىرى ئاكادېمىيىلىك مائارىپ  تەربىيىسى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.

ئۇ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىش بىلەن تەڭ  ئالدى بىلەن پۈتۈن دىققىتىنى رۇس تىلى سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دەرسلەرنى رۇس تىلىدا ئاڭلاش، رۇس تىلىدا ئىلمىي پىكىر بايان قىلىش ھەم يېزىش سەۋىيىسىگە يەتكەن.

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ يەردە  قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  ئاكادېمىكى، پروفېسسور، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، «قىرغىز ئىلى ئىلىم - پەن ئەربابى»، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېفنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ھەم ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا سىستېمىلىق ئۆگەندى ھەمدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 2002 - يىلى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيسى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2013 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قەشقەر پەيزىۋاتتا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئ‍ۆتكەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسى ۋاپات بولغىلى تېخى 45 كۈن بولغانىكەن.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  بىر قىسىم  رۇسچە ئېلان قىلغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى[تەھرىرلەش]

كىتابلار:[تەھرىرلەش]
  1. دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى . بىشكەك. ئىلىم نەشىرىياتى.  2002-يىلى. (رۇسچە)
  2. ئۇيغۇر پوئېزىيىسى . بىشكەك، قىرغىزىستان نەشرىياتى، 2001-يىلى، ( رۇسچە)
  3. دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر  پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى  ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا) . دىسسېرتاتسىيە، 2002-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)
  4. دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر  پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى  ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا) . دىسسېرتاتسىيىنىڭ قىسقارتىلما نۇسخىسى، 2002-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)
رۇس تىلىدا ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرى[تەھرىرلەش]
  1. دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى تەپەككۇرلىرى .  «زامانىۋىلىق ۋە پەلسەپە ۋە قانۇن مەسىلىلىرى . قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى»  .1998-يىلى، بىشكەك ، ( قىرغىزچە)
  2. بۇددىزم پەلسەپىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى .   « ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» . بىشكەك. 1999-يىلى، ( رۇسچە)
  3. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر .  « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  . بىشكەك، 2000-يىلى، ( رۇسچە)
  4. ئۇيغۇر بۇددىزم مۇتەپپۇككۇرلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  .بىشكەك، 2000-يىلى( رۇسچە).
  5. ئۇيغۇر مۇتەپككۇرلىرىنىڭ  ئىدېئولوگىيىلىك  پرىنسىپلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  . بىشكەك، 2001-يىلى، ( رۇسچە)
  6. تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىكى ئېتىكىلىق    كۆز قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىش. « قىرغىزىستان-تۈركىيە  ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى» ، بىشكەك ، 2003-يىلى  ( رۇسچە)
  7. ئۇيغۇر مۇتەپپەكۇرلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى كوز قاراشلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر .  «ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» ، 2001-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)
  8. چۇيسا تۇتۇڭ  ۋە كالىما كايشىنىڭ ئېتىكىلىق كۆز قاراشلىرى .  « قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماتېرىياللىرى توپلىمى» . 2002-يىلى، بىشكەك.( رۇسچە).
  9. تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى  ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ئېتىكىلىق قاراشلىرى. «  قىرغىزىستان  -تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، 2001-يىلى، 2-سان، بىشكەك ( رۇسچە).
  10. ئۇيغۇر بۇددىست مۇتەپپەككۇرى  پرىتىئا ياشرىنىڭ  ئەخلاق قاراشلىرى .  « مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ  مەنىۋى مىراسلىرىدىكى بۇددىزم ۋە خىرستىيانىزم»   ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ  ماقالىلار توپلىمى، بىشكەك  2002-يىلى.( رۇسچە).
  11. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ  راۋاجلىنىشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەلەر  ھەققىدە. مۇھاكىمە يىغىن دوكلاتى (رۇسچە)

نەشر قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان  ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب ۋە ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

  1. قەدىمكى  يۇرت ئۇچتۇرپان.  ئىجتىمائىي -مەدەنىيەت تارىخى تەرەققىيات مۇساپىلىرى
  2. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى ) رۇسچە كىتابى ئاساسىدا (
  3. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي پىكىرلەر  توقۇنۇشى
  4. ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈش مەسىلىسى

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن يەنە «تۇرپانشۇناسلىق»، «مۇنبەر»، «شىنجاڭ تارىخ - مەدەنىيىتى»  ۋە «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ژۇرناللاردا بىر قىسىم ماقالىلارنى يېزىپ نەشىر قىلدى.

ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]

مەنبە[تەھرىرلەش]

نەبىجان تۇرسۇننىڭ مېنىڭ ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ناملىق يازمىسىدىن ئېلىندى.