ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير

ئورنى Wikipedia

ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ئەلئەسەدىي (عَبْدُ اللهِ بنُ الزُّبَيْرِ بنِ العَوَّامِ الأَسَدِيُّ، ھ. 1 – 73 / م. 623 – 692) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ــ ئانىسى ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسمائ‍ خانىم، ئاتىسى جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابەدىن زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامدۇر. ئىبادەتگۇيلىقىدىن «مەسجىد كەپتىرى» دەپ نام ئالغان ساھابە.

10 يېشىدا ئاتىسى بىلەن يەرمۇك غازىتىغا قاتناشقان. مىسىر فەتھىدە زور تۆھپە كۆرسەتكەن قەھرىمان، مۇجاھىد زات. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن «قۇرئان»نى جەملەشكە قاتناشقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

ھ. 64 – 73 / م. 683 – 692 ئارىلىقىدا ئۇمەۋىيلەرگە قارشى مەككەدە خەلىفە بولغان. مەككەدە ھەججاجنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن.