ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى

ئورنى Wikipedia
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى
ئۈرۈمچى شەھىرى
ئومۇمىي ئەھۋال
باشقۇرغۇچى يەرلىك ھۆكۈمەت
تىپى ئىرقىي قىرغىنچىلىق
قۇرۇلۇش
ئېچىلغان 2014-يىلى
كېڭەيتىلگەن 2016-يىلى


ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Uyghur Qirghinchiliqi) بولسا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق.

ئارقا كۆرۈنىشى[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار 2014-يىلى ئېچىلغان ۋە 2016-يىلى ئەسلىدىكى تىبەت پارتىيە سېكرىتارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدۇر. چېن چۈەنگو سېكرىتار بولغاندىن كېيىن مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ساقچىلارنى قوبۇل قىلدى، ھەر قايسى شەھەر ناھىيەلەرگە 7300 ئەتراپىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى تەسىس قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننى ھەقىقى بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. دەسلىپىدە ياۋا ئاخۇن ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىددىيەدىىكىلەرنى سولاپ تەربىيەلىدى، بارا-بارا تەربىيەلىنىش ئوبىكىتلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە نەچچە يۈز مىڭلىغان ھەتتا مىليونلىغان ئىنسانلار لاگېرلاردا ياتماقتا.

قىرغىنچىلىقنىڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن تونۇلىشى[تەھرىرلەش]

  • 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دەپ تونۇغان.
  • 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېلگىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دەپ تونۇغان.

لاگېر ۋە تۇتقۇنلارنىڭ سانى[تەھرىرلەش]

سېكرېتار پەزىلەت بەكرى خىزمىتىدىكى پاسسىپلىقى سەۋەبىدىن «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. قەشقەر شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سابىق خىزمەتچى خادىمى، ياۋاغ كوچا باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى پەزىلەت بەكرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى «يېپىق تەربىيە» ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ئىدىيەسىدە سىياسىي مەسىلە بار» دەپ قارىلىپ، ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە «يېپىق تەربىيە لاگېرى» غا تەربىيىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يۇقىرىقى ئۇچۇرلار قىسمەن دەلىللەندى.

كۇچار ناھىيىسى خانىقاتام ساقچى خادىمى: «يېزىمىزدىن 5 مىڭچە كىشى لاگېردا، تېخى بىرسىمۇ قويۇپ بېرىلمىدى». مۇخبىرىمىزنىڭ لاگېرلار ھەققىدە كۇچا ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كۇچانىڭ خانىقاتام يېزىلىق ساقچى خادىمى بۇ يېزىدا يىغىۋېلىشقا ئادەم ئاپىرىشنىڭ بىر ئايدىن بېرى توختىغانلىقى، ئەمما لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن 5 مىڭچە كىشىدىن تېخى بىرسىنىڭمۇ قويۇۋېتىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مۇئامىلە[تەھرىرلەش]

قايتا تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرى

ناخشا ئېيتىش، تارىخ ئۆگۈنۈش. زورلاپ ھاراق ئىچكۈزۈش، چوشقا گۆشى يىگۈزۈش.

خەلقئارادىكى ئەيىبلەش[تەھرىرلەش]

خىتاينىڭ ئىنكاسى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

لاگېر شاھىتلىرى تىزىملىكى
ھازىرقى ئورنى شاھىتلار تىزىملىكى
شىمالىي ئامېرىكا: تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن|زۇمرەت داۋۇت |گۈلزىرە ئاۋۇلخان |مېھرىگۈل تۇرسۇن|ئانار سابىت|ئوۋالبېك تۇرداخۇن
ياۋروپا: گۈلباھار جېلىلوۋا|گۈلباھار خاتىۋاجى | قەلبىنۇر سىدىق| ئۆمەر بېكالى| سايراگۈل ساۋۇتباي

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى