ئەتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب

ئورنى Wikipedia

ئەتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب (ھەدىسلەر بىلەن قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش / الترغيب والترهيب من الحديث الشريف)، مۇھەددىس زەكىييۇددىن ئابدۇلئەزىم ئىبنى ئابدۇلقەۋىي ئەلمۇنزىرىي (ھ. 581 – 656 / م. 11851258) تەرىپىدىن يېزىلغان، ئىخلاس، ئىلىم، ناماز، ئالدى - ساتتى، ئەدەب، زۇھد، جەننەت ۋە جەھەننەم قاتارلىق تېمىلاردا دىنىي جەھەتتىن قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى تەلەپ قىلىنغان ھەدىسلەر ئاساسەن «كۇتۇبى سىتتە»، ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتا»سى، ئىبنى ھىببان ۋە ئىبنى خۇزەيمەنىڭ «ئەسسەھىھ»لىرى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئەبۇ يەئلا مەۋسىلىنىڭ «مۇسنەد»لىرى، تەبەرانىينىڭ ئۈچ «مۇئجەم»ى ۋە ھاكىمنىڭ «ئەلمۇستەدرەك»ى قاتارلىق ھەدىس مەنبەلىرىدىن تاللىنىپ خۇسۇسلار بويىچە 25 بۆلۈم شەكلىدە تەرتىپكە تىزىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئەسەر بولۇپ، جەمئىي 6000 ئەتراپىدا ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەردە، مۇئەللىف ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىدە ساھابىدىن باشقا راۋىيلىرىنى زىكىر قىلمىغان ھەم ھەدىسلەرگە ئېنىق باھا بەرمىگەن. ئۆتكەن ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق مۇھەددىس شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي (ھ. 1333 – 1420 / م . 1914 – 1999) مەزكۇر كىتابتىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب» (ئۈچ تومدا 3775 ھەدىس) ۋە «زەئىفۇتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب» (ئىككى تومدا 2248 ھەدىس) دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن، ھەتتا ئۇنىڭ باھالىرى ئىمام مۇنزىرىينىڭ باھالىرىدىن بەزىدە پەرقلىق چىققان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام (ئۇيغۇرچە) ئىستانبۇل نەشرى.