ئەلئەدەبۇل مۇفرەد

ئورنى Wikipedia

ئەلئەدەبۇل مۇفرەد ياكى ئەدەبۇل مۇفرەد (ئەدەبكە ئالاقىدار ھەدىسلەر توپلىمى / جزء في الأدب - الأدب المفرد)»، مۇھەددىسلەر سەردارى ئىمام بۇخارىي (ھ. 194 – 256 / م. 810 – 870) نىڭ ئىسلامىي ئەدەب - قائىدىلەر توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى شۇنداقلا، ساھابە - تابىئىنلەرنىڭ سۆزلىرىنى جەملىگەن ھەدىس توپلىمىدۇر.

ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىمام بۇخارىي «سەھىھۇل بۇخارىي»دا «ئەدەب بۆلۈمى» دەپ ئايرىم بىر باب كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۇپايىلەنمەي، بۇ ئەسەرنى ئايرىم تۈزگەن ۋە ئۇنىڭدا «سەھىھۇل بۇخارىي»دا بولمىغان بەزى سەھىھ ھەدىسلەرمۇ كەلتۈرگەن. «سەھىھۇل بۇخارىي»دا «مۇئەللەق» كەلتۈرگەن بىر قىسىم ھەدىسلەرنى بۇ ئەسىرىدە سەنەدلىك كەلتۈرگەن.

«سەھىھۇل بۇخارىي»دا ئىسمى ئېنىق كەلتۈرۈلمىگەن راۋىيلارنىڭ ئىسمىنى بۇ ئەسىرىدە ئېنىق كەلتۈرگەن. ئەسەردە 644 بابقا بۆلۈنگەن 1322 «مەرفۇﺋ» ۋە «مەۋقۇف» ھەدىسنىڭ كۆپ قىسمى «سەھىھ» بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئەدەب - قائىدە توغرىسىدا بولغاچقا، ئۇنىڭدا «سەھىھۇل بۇخارىي»دىكىدەك قاتتىق شەرت قويمىغان.

شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھەدىسلىرى ئۈستىدە تەھقىق ئېلىپ بېرىپ، ئۆز قانائىتى بويىچە «سەھىھ»لىرىنى (994 ھەدىس) «سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»كە، «زەئىف»لىرىنى (219 ھەدىس) «زەئىفۇل ئەدەبىل مۇفرەد»كە ئايرىپ باھالىغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]