ئەلبەدر ئەلمۇنىر

ئورنى Wikipedia

ئەلبەدرۇل مۇنىر ياكى ئەلبەدر ئەلمۇنىر (البدر المنير في تخريج الأحاديث والآثار الواقعة في الشرح الكبير» ئىران قەزۋىنلىك شافىئىي فەقىھ، مۇھەددىس ۋە تەرجىمىھال يازغۇچى، ئىبنۇلمۇلەققىن نامى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ ھەفس سىراجۇددىن ئۆمەر ئىبنى ئەلى ئەششافىئىي (ھ. 723 – 804 / م. 1323 – 1401) تەرىپىدىن ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇھەممەد رافىئىي (ھ. 557 – 623 / م. 1162 – 1226) نىڭ ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) قەلىمىدىن شافىئىي فىقھىدىكى «ئەلۋەجىز»ىگە يازغان «ئەلئەزىز / العزيز في شرح الوجيز (ئەششەرھۇل كەبىر)» ناملىق شەرھىدىكى ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجىگە دائىر يېزىلغان ئەسەردۇر.

2004 - يىلى توققۇز تومدا، 2008 - يىلى 28 تومدا تولۇق نەشر قىلىنغان بولۇپ، شافىئىي فىقھىدا دەلىل قىلىنىدىغان 2574 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇئەللىف بۇ ئەسىرىدە ھەدىسلەرنىڭ سەنەدىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، باھا بېرىش ۋە مۇھەددىسلەردىن نەقىل ئېلىشتا كەڭ ئىزدەنگەنلىكى ئۈچۈن، كېيىن ئۇنى ئىخچاملاپ «خۇلاسەتۇل بەدرىل مۇنىر» دەپ ئاتىغان. كېيىن ئۇنى تېخىمۇ ئىخچاملاپ «مۇنتەقا خۇلاسەتىل بەدرىل مۇنىر» دەپ ئاتىغان. ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس شىھابۇددىن ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) ھەم بۇ ئەسەرنى 4/1 ىگە ئىخچاملاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا مۇھەددىسلەرنىڭ بايانلىرىنىمۇ قوشۇپ تولۇقلاپ «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر» دەپ ئاتىغان.

ئىبنى ھەجەرنىڭ بۇ كىتابى تۇنجى بولۇپ 1886 - يىلى دېھلىدا تاش مەتبەدە، كېيىن 1964 - يىلى قاھىرەدە بېسىلغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]