ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى | |
قىسقارتىپ يېزىلىشى | UBS |
قۇرۇلۇشى | 2005-يىلى 21-ماي |
تىپى | NGO |
باش مەركەز | لوندون، ئەنگىلىيە |
رەسمىي تىللار | ئۇيغۇرچە |
رەئىس | ئۆمەرجان كېرىموف |
مۇھىم كىشىلەر | |
تور بەت |
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Engliye Uyghur Jemiyiti) بولسا 2005 – يىلى 21-ماي ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان.
تارىخى
[تەھرىرلەش]ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرنىڭ، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بېجىرىپ، قانۇنلۇق بىر جەمئىيەت قاتارىدا ئەنگە ئېلىندى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى جەمئىيەتنىڭ رەسمىي يوسۇندا قۇرۇلغانلىقى جاكارلىدى.[1]
ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەرجان كېرىموف، باش كاتىپى ئىليار پەخىردىن ۋە ئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئىبراھىم ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر جەمىيەت ھەققىدە توختالدى.
رەھبەرلىك ھەيئىتى
[تەھرىرلەش]2010-يىلى 7-ئاينىڭ 17-18 كۈنلىرى لوندوندا، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سايلام يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، دېموكراتىك ئاساستا ئۆز-ئۆزىنى نامزات ئۆزى كۆرسىتىش ياكى ۋەكىللەرنىڭ نامزات كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، مالىيە مەسئۇلى، باش كاتىپى قاتارلىق 7 كىشىدىن تەشكىل تاپقان رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى.
نىزامىدىن ئەپەندى تەشكىلات رەئىسلىكىگە، دىلشات ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، قۇربانجان ئەپەندى باش كاتىپلىققا، ئىدرىس ئەپەندى مالىيە مەسئۇللۇقىغا ۋە باشقا 3 نەپەر كىشى ھەيئەت ئەزالىققا سايلاندى.
پائالىيەتلەر
[تەھرىرلەش]مۇناسىۋەتلىك
[تەھرىرلەش]ياۋروپا
[تەھرىرلەش]- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
- ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى
- نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
- ڧرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
- ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
باشقىلار
[تەھرىرلەش]قارالسۇن
[تەھرىرلەش]شەرقىي تۈركىستان
[تەھرىرلەش]جۇمھۇرىيەتلەر: