تور 3 (ۋەب 3)

ئورنى Wikipedia

تور 3 (باشقا نامى: 3-ئەۋلاد تور، 3-ئەۋلاد ئىنتېرنىت، 3-تور، ۋەب 3؛ ئېنگلىزچە: Web3) بىر خىل مەركەزسىزلەشتۈرۈش (تارقاقلاشتۇرۇش)، بۆلەكچە زەنجىرى تېخنىكىسى، ۋە توكېن-كۆتەكلىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى ئۇقۇم ۋە ئىدىيەلەرنى ئۆزىگە مۇجەسەملەشتۈرگەن بىر خىل يېڭى يەرشارى مىقياسىدىكى ئىتېرنىت تورىدۇر. تور 3 ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئەجدادلىرى، يەنى تور 1 ۋە تور 2 دىن پەرىقىلىندۇ.

تور 2 دەۋىردە، تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پروفىل ئۇچۇرلىرى، ئىشلىتىش تارىخى، ۋە باشقا سان-سىفىرلىرى كۆپىنچە ھالدا بىر قانچە گىگانىت ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قولىغان مەركەزلەشىپ قالغان بولىدۇ. مەسلەن گوگۇل، فەيىسبوك (چېگراسىز ئالەمئامازون، بەيدۇ، تېڭشۈن ۋە باشقىلار.

تور 3 ئاتالغۇسى ۋە ئىدىيەسى 2014-يىلى ئەسەرۇمنىڭ ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلغۇچىسى گاۋىن ۋۇد تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرغا قويۇلغان. بۇ ئۇقۇم 2021-يىلىدىن باشلاپ تېخنكا ھەۋەسكارلىرى، شىفىرلىق پۇلغا مەبلەغ سالغۇچىلار، ۋە باشقا پەرىشتە مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدن تەدىرجى ھالدا ئاۋامنىڭ ئالدىغان ئېلىپ كىرىلمەكتە.


تور 3 فوندى (ۋەب 3 فوندى)