تەۋەسسۇل

ئورنى Wikipedia

تەۋەسسۇل (ئەرەبچە: التَّوَسُّلُ): ئەرەبچىدە «يېقىنلىق ئىزدىمەك، ۋەسىلە قىلماق» مەنىسىدە بولۇپ، ۋەسىلە دېمەك «مەقسەتنى ھاسىل قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ۋاسىتە» دېگەنلىكتۇر.

تەۋەسسۇل كەلىمىسى ئەقىدە ۋە فىقھ ئىستىلاھىدا: «تائەت - ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھتىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەش»كە قوللىنىلىدۇ، شۇنداقلا باشقىلاردىن دۇئا تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشكىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىسمى ياكى سۈپىتى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشكىمۇ، ياكى بىرەر پەيغەمبەر، بىرەر سالىھ كىشى، ياكى ئەرش ۋەيا ئۇندىن باشقىغا ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەپ قىلىنغان دۇئاغىمۇ قوللىنىلىدۇ.

تەۋەسسۇلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ تۈرىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، ئىختىلاپ پەقەت تۆتىنچى تۈر (يەنى بىرەر پەيغەمبەر ياكى بىرەر سالىھ كىشى ۋەياكى ئەرشكە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش) نىڭ بەزى جەھەتلىرىدە بار. مەسىلەن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇد.

1) كۆپچىلىك فۇقەھائ‍ (يەنى مالىكىيلەر، شافىئىيلەر، مۇتەئەخخىر/كېيىنكى ھەنەفىيلەر ۋە كۆپچىلىك ھەنبەلىيلەر): «رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا بولسۇن ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن بولسۇن رەسۇلۇللاھ بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش جائىز» دەپ قارىغان؛

2) ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ: «ھەرقانداق كىشى ئاللاھقا پەقەت ئاللاھ بىلەنلا (يەنى ئاللاھنىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرى بىلەنلا) دۇئا قىلىشى لازىم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان؛ لېكىن، ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئۆزىنىڭ «ئەرش بىلەن تەۋەسسۇل قىلسا ھېچقىسى يوق» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

3) ئىبنى تەيمىييە ۋە بەزى مۇتەئەخخىر ھەنبەلىيلەر: «پەيغەمبىرىمىزنىڭ زاتى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشنى جائىز ئەمەس» دەپ قارىغان. سالىھلەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشتىمۇ مۇشۇنداق ئىختىلاپ بار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 14/149 – 164. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن مۇھەققىق ئالىم ئىمام كەۋسەرىي مۇتلەق ھالەتتە پەيغەمبىرىمىز ۋە سالىھ كىشىلەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ھەققىدە ھەنەفىي مەزھەبتە، بەلكى ھەشۋىييەلەرنى چىقىرىۋەتكەندە ئومۇمىي ئۈممەت ئارىسىدا ئىختىلاپ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ھەشۋىييەلەرنىڭ بۇ مەسىلە سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنى مۇشرىك، بىدئەتچى دەپ قارىلاشلىرىنى قاتتىق سۆككەن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

قاراڭ: ئىمام كەۋسەرىي: «مقالات الكوثري (كەۋسەرىي ماقالەلىرى)»، 339 - بەت، تەۋفىقىييە كۇتۇبخانىسى، قاھىرە.