Jump to content

خرىستىئانلاشماسلىق

ئورنى Wikipedia
مەسىھچىلىك

تارىخ
ئەيسا مەسىھ
مەسىھچىلىك دىنىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى
سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى
دىنىي ئىسلاھات

ئىنجىل تېئولوگىيىسى
ئون پەرھىز
مۇقەددەس روھ
مۇقەددەس روھنىڭ چوقۇندۇرۇشى

قائىدە-يوسۇن
چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى
ھەزرىتى ئەيسا زىياپىتىنىڭ مۇراسىمى

ئىنجىل
تەۋرات
ئېلېزېۋىر نۇسخىسىدىكى ئىنجىل

چوڭ بايرام
روژدېستۋو بايرىمى
پاسخا بايرىمى

دىن تارقىتىش جەمئىيىتى
سۇرىيە دىنىي جەمئىيىتى
نېستورىئان
ئەرمەنىستان دىنىي جەمئىيىتى
پراۋوسلاۋىيە دىنى
كاتولىك دىنى
مەسىھچىلىكلار كېڭىشى

پروتېستانت دىنى
پرېسبىتېرىئاللىق
ئاناباپتىزم
ئانگلىكان دىنىي جەمىيىتى
باپتىست
مېتودىست

پېنتېكوستال مەژىپىدىن
مىسسىيە
ھەقىقى ئەيسا چېركاۋى
ئىرۇسالىمغا قايتىش ھەركىتى
دۇنياۋى خرىستىئان دىنى بىرلەشمە ھەرىكىتى


خرىستىئانلاشماسلىق
يەھۋانى ئىسپاتلاش جەمئىيىتى
ئەيساپەيغەمبەرنىڭ تىرىلىپ قايتا چۈشۈشىگە ئىشىنىدىغان خرىستىئانلار

خىرىستىيان دىنىنىڭ مەنبەسى ئىسلامدۇر.ناسارالار ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا بىرىلگەن ئىنجىلنى ئۆزگەرتىپ ئەسلى توغرا ئەقىدىدىن چەتنەپ كەتكەن. ،خىرىستىيانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى پەرۋەردىگرنىڭ بىردىنبىر ئوغلى ياكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى،ئۇ ئىنسانىيەتنى ئەسلى گۇناھتىن قۇتقۇزۇش ئۇچۇن كىرسىت ئۇستىدە ئۆلگەن دەپ ئىشىنىدۇ،مۇسۇلمانلار ھىچقانداق يەردە ئەسلى گۇناھ دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس،شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئايلىنىپ كىرىست ئۇستىدە ئۆلىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئىشىنىدۇ،مۇسۇلمانلار ئەگەر ئاشۇ ئاتالمىش ئەسلى گۇناھ دىگەن نەرسە بار دىيىلگەن تەقدىردىمۇ ئاللانىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنى مەغپىرەت قىلىش ئۇچۇن ئاشۇنداق كىرىست ئۇستىدە ئۆلگىدەك دەرىجىدە ئاجىز،ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ،

خىرىستىيانلار مۇنداق دەپ مۇنازىرلىشىدۇ؛‹پەرۋەردىگار دۇنيانى شۇنداق سۆيگەنلىكتىن،ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئوغلىنى تەقدىم قىلدى،كىمدە كىم ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ قايتىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كىرەك›(جون3؛16)

پەرۋەردىگار دۇنيانى شۇنداق سۆيسە،ھەتتا بۇنىڭ ئۇچۇن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشنى قارار قىلغان بولسا بۇ بىردىن بىر ئوغۇل دۇنيانى ئەسلى گۇناھتىن قۇتقۇزدىمۇ دەپ سورىساق،خىرىستىيانلار ھەئە دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.

باشقا بىر تەرەپتە مۇسۇلمانلار،بىرىنچىدىن ئاللا بىر ۋە بىردىنبىر شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئوغلى يوق،ئىككىنچىدىن ئاللا ئىنتايىن ئادىل،گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن بىگۇناھلارنى جازالىمايدۇ،ئۇچىنچىدىن ئاتالمىش ئەسلى گۇناھ(ئەگەر ئۇ بار دىيىلسە) ئۇلۇغ ئاللا ئۇنىڭ ئۇچۇن‹‹ئۆزىنىڭ ئوغلى››نى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولغىدەك ئۇنچىلىك قىيىن مەسىلە ئەمەس،ئۇ ئۇنى تامامەن ئۆچۇرۋىتەلەيدۇ،ياكى ئۇ بەندىلرىدىن شۇ گۇناھىغا سەمىمى تەۋبە قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا تولۇق كۇچى يىتىدۇ،دەپ قەتى ئىشىنىدۇ،ھەقىقەتەنمۇ مىل گىبسوننىڭ‹مەسىھنىڭ ئازابقا ئۇچىرشى ۋە ئۆلۇمى›دىگەن كىتابىدا تەسۋىرلىگىنىدەك،ئاللانىڭ‹‹ئۆزىنىڭ ئوغىلىنى››شۇنداق قاتتىق جازالاشقا ھىچ قانداق ھاجىتى يوق،ئەمەلىيەتتە ئەڭ دەسلەپكى خىرىستىيانلار ئىيسانىڭ ئازابقا ئۇچىرشىغا ئىشەنمىگەن،مەسىلەن بەيسىلىدىيەنس باشقا بىر مەلۇم ئادەمنىڭ كىرىست ئۇستىدە مىخلاپ ئۆلتۇرۇلگەنلىكىگە ئىشەنگەن،ئۇنىڭ ئىسمى سىمۇن كايرىن بولۇپ،ھەتتاكى ئاسى يەھۇدىلارمۇ بۇنى ئاڭلىغان،ئاللا قۇران كەرىمىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى خەلىقنىڭ گۇماندىن قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئۆز ۋاقتىدا ئاللا ئىيتتى،ئى ئىيسا مەن سنى(ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن،سىنى دەرگاھىمغا كۆتۇرىمەن،(يەنى ئاسمانغا ئىلىپ چىقىمەن،)ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۇستۇن قىلىمەن،ئاندىن مىنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر،سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش،(يەنى ئىسانىڭ ئىشى ئۇسىتدە)ئاراڭلاردا ھۆكۇم چىقىرىمەن،كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپ قىلىمەن،ئۇلارغا(ئۇلاردىن ئاللانىڭ ئازابىنى توسىدىغان)ھىچ مەدەتكار بولمايدۇ،››(سۇرە ئال ئىمران55-56-ئايەتلەر)شۇنداق، ئاللا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئىلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى كىرىست ئۇستىدە ئۆلۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان،بۇ ئۇنىڭ دۇشمەنلىرىنىڭ ھەتتا ھازىر ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتىمىز دەپ ھىسابلايدىغان ئاتالمىش مۇرتلىرىنىڭ قارىشى بىلەن رۇشەن بىر سىلىشتۇرمىنى ھاسىل قىلىدۇ،ئىيسانىڭ دۇشمەنلىرى ئۇنى كىرىستقا مىخلاشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ،لىكىن ئاللا ئۇلارنىڭ پىلانىنى مەغلۇپ قىلىۋەتكەن،شۇڭلاشقا ئۇنىڭ كىرىست ئۇستىدە ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنىش،ئەمەلىيەتتە ئاشۇ دۇشمەنلەرنىڭ ئاللانىڭ پىلانىغا قارشى مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىغا ئىشەنگەن بىلەن باراۋەر،بىراق ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كىرىستقا مىخىلىيالمىغان،ئاللا قۇران كەرىمدە بۇتوغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۇرگىنىمۇ يوق،دارغا ئاسقىنىمۇ يوق،ۋە لىكىن ئۇلارغا شۇبھە سىلىندى،(ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)ئىيسا توغۇرسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۇرۇلگەنلىكى(مەسىلىسىدە)شۇبھىدىدۇر،ئۇلار بۇ(ئىشنىڭ ھەقىقىتى)نى بىلمەيدۇ،گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ،ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۇرمىدى،بەلكى ئاللا ئۇنى ئۆز تەرپىگە كۆتۇردى،(يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللا ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ،تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئىلىپ چىقىپ كەتتى)ئاللا غالىپتۇر،ھىكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر،ئەھلى كىتابتىن(يەنى يەھۇدىلار ۋە ناسارالاردىن)ھەرقاندىقى جان ئۇزۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا(يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلكى،ۋە ئاللانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە)ئىمان ئىيتىدۇ،ئىيسا قىيامەت كۇنى،ئۇلار(يەھۇدىلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دىگەن داۋاسىنىڭ،ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسانى ئاللانىڭ ئوغلى دىگەن داۋاسىنىڭ يالغانلىقى)غا گۇۋاھ بولىدۇ،››(سۇرە نىسا157-158-ئايەتلەر)

بىز مۇسۇلمانلار ئاللانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا ھۆرمەتلەيمىز،بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئۆز-ئارا ئايرىۋەتمەيمىز،مۇسۇلمانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە،بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىرىنداش ئىكەنلىكى ۋە دىنىنىڭ ئوخشاش بىر دىن يەنى ئاللاغا مۇتلەق بويسۇنۇش مەنىسىدىكى ئىسلام ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ،ئاللا قۇران كەرىمدە بۇ توغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئاللا سىلەرگە دىندىن نوھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى،ساڭا(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا)بىز ۋەھى قىلغان نەرسىنى،ئىبراھىمغا مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى،سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار،دىندا تەپىرقىچىلىك قىلماڭلار،مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە(يەنى تەۋھىد)ئىغىر كەلدى،ئاللا تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ،ئاللانىڭ(تائىتىگە)قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ،(سۇرە شۇرا13-ئايەت

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]