سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى

ئورنى Wikipedia
مەسىھچىلىك

تارىخ
ئەيسا مەسىھ
مەسىھچىلىك دىنىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى
سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى
دىنىي ئىسلاھات

ئىنجىل تېئولوگىيىسى
ئون پەرھىز
مۇقەددەس روھ
مۇقەددەس روھنىڭ چوقۇندۇرۇشى

قائىدە-يوسۇن
چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى
ھەزرىتى ئەيسا زىياپىتىنىڭ مۇراسىمى

ئىنجىل
تەۋرات
ئېلېزېۋىر نۇسخىسىدىكى ئىنجىل

چوڭ بايرام
روژدېستۋو بايرىمى
پاسخا بايرىمى

دىن تارقىتىش جەمئىيىتى
سۇرىيە دىنىي جەمئىيىتى
نېستورىئان
ئەرمەنىستان دىنىي جەمئىيىتى
پراۋوسلاۋىيە دىنى
كاتولىك دىنى
مەسىھچىلىكلار كېڭىشى

پروتېستانت دىنى
پرېسبىتېرىئاللىق
ئاناباپتىزم
ئانگلىكان دىنىي جەمىيىتى
باپتىست
مېتودىست

پېنتېكوستال مەژىپىدىن
مىسسىيە
ھەقىقى ئەيسا چېركاۋى
ئىرۇسالىمغا قايتىش ھەركىتى
دۇنياۋى خرىستىئان دىنى بىرلەشمە ھەرىكىتى


خرىستىئانلاشماسلىق
يەھۋانى ئىسپاتلاش جەمئىيىتى
ئەيساپەيغەمبەرنىڭ تىرىلىپ قايتا چۈشۈشىگە ئىشىنىدىغان خرىستىئانلار

ئەھلى سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى


ئەھلى سەلىپىنىڭ شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرى- ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇرچىلىق ئۇرۇشى. شەرق ئەللىرىگە قارىتا ئىككى ئەسىر ئېلىپ بېرىلغان بۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا غەربىي ياۋروپادىكى فېئودال ئەللەرنىڭ بىر قىسىمى قاتناشتى. ئەھلى سەلىپ قوشۇنى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا 1096-يىلىدىن 1291-يىلىغىچە جەمىئىي سەككىز قېتىم يۈرۈش قىلدى. 11-ئەسىردە سالجۇق تۈركلىرىى ئوتتۇرا شەرىقتە كۈچىيىپ، خرىستىئان مۇرىتلىرى مۇققەدەس جاي دەپ قارايدىغان ئېرۇسالىم (رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، ئەيسانىڭ قەۋرىسى شۇ يەردە ئىمىش)نى ئىشغال قىلىپ تۇرغانىدى. غەربىي تاۋروپادىى خرىستىئان دىنىي جەمئىيەتلىرى پاپا باشچىلىقىدا مۇقەددەس جايىمىزنى قايتۇرۋالىمىز دېگەن بانا بىلەن، غەربىي ياۋروپادا دىنىي ئەسەبىلىك قوزغىدى ۋە ئەھلى سەلىپ قۇشۇنى تەشكىللەپ شەرققە تۈرۈش قىلىشنى پىلانلىدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى، پۇرسەت كەلگەندە. پراۋسلاۋ دىنىدىكىلەرنى ئۆزىگە قۇشۇۋالماقچى ئىدى. ئەھلى سەلىپ تۈرۈشىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاسالىق كۈچى بولغان غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى شەرقتىكى يەرلەرنى ۋە بايلىقلارنى تالان –تاراج قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى بولۇپمۇ ياۋروپادا خوجىلىق يەرلەرگە چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈرۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ۋارىسلىق قىلىش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم بۇلۇپ يەرسىز رىتسارلارغا ئايلىنىپ قالغان باشقا ئوغۇللار سىرتقا چىقىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلاتتى، نەتىجىدە، ناھايىتى زور بىر كۈچ بارلىققا كېلىپ، ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىدىن ئىبارەت چوڭ تاجاۋۇزچىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئاچكۆز غەربىي ياۋروپا سودىگەرلىرى، مەسىلەن، ئىتالىيىنىڭ ۋېنتسىيە، گېنويە قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى سودىگەرلەرمۇ شەرققە بېرىپ باي بولۇش غەرىزىدە ئەھلى سەلىپنى پائال قوللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خانىۋەيران بولغان بىر قىسىم دېھقانلارمۇ دىننڭ تەسىرى، فېئوداللارنىڭ تەھدىدى ۋە گوللىشى بىلەن، ئېكىسپىلاتاتىسىيە ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىدا، دەسلەپتە ئەھلى سەلىپ يۈرۈشگە قاتناشتى. ئەلۋەتتە، ئۇلار بۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ دېھقانلارغا تېخىمۇ زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈردىغانلىقىنى بىلمەيتتى. 1095-يىلى پاپا ئۇربان Ⅱ فرانسىيىنىڭ كىلېرمون دېگەن يېرىدە يىغىن چاقىرىپ، قۇترىتىش نۇتىقى سوزلەپ، شەرققە بېرىپ مۇقەددەس مازارىمىزنى قۇتقۇزايلى، شەرقتە يەنە باي-مۇنبەت يەرلەر بار، ئۇ يەرلەرنى تارتىۋالايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەھلى سەلىپ ھەرىكىتى رەسىمىي باشلاندى، جايلاردىكى فېئوداللار ئارقا-ئارقىدىن شەرققە بارىدىغان قوشۇن تەشكىللىدى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز كىيىمىگە كرېسىن (+) بەلگىسىنى تاقىۋالغانلىقىتىن، ئەھلى سەلىپ دەپ ئاتالدى. 1096-يىل 2-ئايدا، دىھقانلاردىن تۈزۈلگەن ئەھلى سەلىپ قوشۇنى رېيىن، دوناي دەريالىرىنى بويلاپ بۆلۈنۈپ يولغا چىقىتى، ئۇلار يېتەرلىك قۇرال، تەمىنات تەييارلىۋالالمىغانىدى. ھەتتا ماڭىدىغان يولىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇلار يول بويى يۈرۈش قىلىپ ھالىدىن كەتكەنلىكتىن، كىچىك ئاسىياغا بارغاندا سالچۇق تۈركلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. بۇنىڭدىن ساۋاق ئالغان دېھقانلار شەرققە بارغان بىلەنمۇ ئۆزلىرىنى فېئوداللارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئەھلى سەلىپگە قاتنشىشنى پەيدىنپەي توختاتتى. فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە فېئوداللىرى 1096-يىلى كۈزدە تەشكىللەنگەن 30-40 مىڭ كىشىلىك ئەھلى سەلىپ قوشۇنى ئىككىنىچى يىلى ئەتىيازدا كونستانتنوپول (ئىستامبول) غا يېتىپ باردى ھەم دېڭىزىدىن ئۆتۈپ سالجۇق تۈركلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئېرۇسالىمنى ۋە باشقا جايلارنى ئىشغال قىلىپ بۇلاڭچىلىق قىلدى ھەمدە غەربىي ياۋروپانىڭ تۈزۈمى بويىچە بۇ جايلاردا نۇرغۇن ئۇششاق فېئودال بەگلىكلەرنى قۇرۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى يانچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، قاتتىق ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلدى.مانا بۇ، بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى. بۇ قېتىمقى يۈرۈش 1096-يىلىدىن 1099-يىلىغىچە داۋام قىلىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سالجۇق تۈرۈكلىرى جىددىي قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى بولۇپمۇ مىسىر سۇلتانى سالاھىدىن ئېرۇسالىمىنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن، غەربىي ياۋروپا فېئىوداللىرى قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، ئىككنچى قېتىملىق (1147-1149) ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق (1189-1192) ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىنى تەشكىللىدى. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىگە شۇ جايدىكى ياۋروپانىڭ قۇدرەتلىك پادىشاھلىرىدىن گېرمانىيە پادىشاھى فرىدرىخ Ⅱ، ئەنگلىيە پادىشاھى رىچارت، فىرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ باشچىلىق قىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ئېغىر ئىدى-سەپەر داۋامىدا فرىدرىخ سۇغا چۆكۈپ ئۆلدى، فىلىپ كېسىلىنى بانا قىىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى، پەقەت رىچارتلا شەرققە قارىتا قىرغىنچىلىق تاجاۋۇۋىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئېرۇسالىمنى زادىلا ئالالمىدى. تۆتىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ تۈرۈش (1202-1204)ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچۇلۇق ماھىيىتىنى تازا ئۇچۇق ئاشكارلىدى. بۇ قېتىم ئۇلار ئىسلام مۇرتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. «مۇققەددەس جاي»نى قايتۇرۋېلىشقىمۇ كۆچمىدى. بەلكى دىنىي ئېتقادى ئوخشاش بولمىغان خىرىستىيانلار ئىلكىدىكى ۋىزانتىيىگە ھۇجۇم قىلدى. 1204-يىلى 4-ئايدا كونىستانتىىنپولنى ئېلىپ، بىر ھەپتىگىچە ئوت قويۇپ كۆيدۇرۇپ، بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى. نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا توپلانغان بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلۋەتتى. غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى تۆتىنىچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپىتىن كېيىنمۇ نۇرغۇن قېتىم ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى قىلدى. بەشىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى (1217-1221) ۋېنگىرىيە پادىشاھىنىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئالتىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرىشى (1228-1229) دىمۇ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىندى. يەتتىنچى قېتىملىق (1248-1254) ۋە سەككىزىنچى قېتىملىق (1270-يلى باشلانغان) ئەھلى سەلىپ يۈرۈشلىرى فرانسىيە پادىشاھى ليۇدىۋىك Ⅵ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى. مىسىرغا قارىتىلغان يەتتىنىچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشىدە ليۇدىۋىك ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، نۇرغۇن تۆلەم بىلەن قۇتۇلدى. تۇنىسىنى مۇھاسىرە قىلىش بىلەن باشلانغان سەككىزىنچى قېتىملىق يۈرۈشتە فىرانسىيە ئارمىيىسىدە ۋابا تارقىلىپ، نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلۈپ كەتتى، ليۇدىۋىكمۇ مۇشۇ يۈرۈشىتە ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى ئاياغلاشتى. ئىككى ئەسىر داۋام قىلىپ،مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافىرىقا خەلقلىرىگە جۈملىدىن ياۋروپا خەلقىگە نۇرغۇن بالايى ئاپەتلەرنى كەلتۈردى.