راشىزىم (رۇس فاشىزىم ئىدىيەسى)

ئورنى Wikipedia

راشىزىم (رۇس ۋە فاشىست دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكتۈرۈشىدىن ھاسىل بولغان يېڭى سۆز؛ ئېنگلىزچە: Rashism؛ رۇسچە: рашизм؛ ئۇكرائىنچە: рашизм) رۇس فاشىزىمى دېگەن گەپ. راشىزىم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھازىر ئاكادىمىك ماقالىلەردىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇ سۆز ئاساسلىقى ئەشەددى رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ خالىغانچە كىچىك دۆلەتلەرنى ياكى مىللەتلەرنى بوزەك قىلىش، خالىغانچە دەپسەندە قىلىش، ئەتىدىن كەچ بولغىچە يادرو قورالىنى پوپوزا قىلىش، بىكار بولسىلا ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كىشلەرنى بىزار قىلدىغان، دۇنيا تىنچىلىقىغا توختاۋسىز ئازار سالدىغان، لېكىن ئىقتىسادنىڭ تاينى يوق، پەن-تېخنىكىسى ئارقىدا قالغان، لېكىن شۇنىڭغا باقماي رۇس فاشىست ئىدىيەسنى ئىجىرا قىلىشقا ئۇرۇندىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدىغان سىياسى ئىدىيەنى كۆرستىدۇ. راشىزىم ئىدىيەسنىڭ قوللىغۇچلىرى ۋە ئىجىرا قىلغۇچىلىرى راشىستلار دەپ ئاتىلدۇ. راشىزىم ناتسىس گېرمانىيەسى فاشىزىمنىڭ 21-ئەسىردىكى داۋامى. ئاتاقلىق راشىستلاردىن ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئالېكساندېر دۇگىن قاتارلىقلار بار. راشىزىمنىڭ زىياكەشلىكىگە ئۇچىرىغانلاردىن تاتارىستان، ئۇكرائىنا، چېچىنىيە، گرۇزىيە، ئەزەربەيجان، پولشا، قىرىم قاتارلىقلار بار. كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن ئوبىكتىلىرىدىن قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان بار. راشىزىم 1552-يىلى قازان رۇس ئىشخالىغا چۈشكەن كۈندىن باشلانغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

راشىزىمنىڭ بەلگىسى-سېينت جورج لېنتىسى (لاتىن ز ھەرىپى 2022-يىلى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلدە رۇس ئارمىيەسى تەرىپدىن ئىشلىتلگەن، شۇڭا يۇقىردىكى ز بەلگىسنى زىۋاستىكا دەپمۇ ئاتايدۇ، زىۋاستىكا دېگەن گېرمان ناتسىسلىرنىڭ سىۋاستىكا بەلگىسنىڭ راشىزىمغا ماسلاشتۇرۇلۇشى)