سەيدۇللا بازىرى

ئورنى Wikipedia

سەيدۇللا بازىرى كەڭقىر قىرغىز يېزىسى نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3700 مېتىر كېلىدۇ، گۇما بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 434 كىلومېتىر كىلىدىغان بولۇپ، غەربتە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇبتا ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونى بىلەن چېگىرداش، شەرقى جەنۇبى قىسمى خوتەن ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىدىكى(G219)ئەڭ مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى.