Jump to content

غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا

ئورنى Wikipedia

قېلىپ:Merge


غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا
[[File:
غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا
|260px|center]]
مىللىتى ئۇيغۇر
توغۇلغان ۋاقتى 1930-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
توغۇلغان جاي قەشقەر شەھىرى ئېگىز ئېرىق كوچىسى
ئۆلۈم ۋاقتى 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 6:30
ئۆلۈم يېرى نىيۇيورك شەھىرى

غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ghulamidin Ekhmet Pakhta، تۇغۇلغان 1930-يىل) بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق ئىنقىلاپچى ۋە ئۇيغۇر سىياسەتچى. غۇلامىدىن پاختا 1930-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە قوشنا بولغان ئېگىزئېرىق مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا قەشقەردە بىرقانچە ئەۋلادتىن بۇيان پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق سەرخىللىرىدىن ئىدى. [1]

بالىلىقى ۋە ئوقۇش ھاياتى

[تەھرىر]

ئۇ 2 يېرىم ياش ۋاقتىدا ئانىسىدىن يېتىم قالىدۇ. كېيىنچە دادىسى ئەخمەت پاختا شېڭ شىسەينىڭ تۇتقۇنىدىن قېچىپ قەشقەردىن غايىب بولىدۇ. ئۇ چوڭ ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ.

1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر، ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. مىللىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ زەربىسىدە يىقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. ئەنە ئاشۇ تىنچسىز يىللاردا ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى مەكتەپ تەربىيەسىنى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ھامىيلىقىدا قەشقەرنىڭ نوبېشىدا ئېچىلغان «نەمۇنە» مەكتىپىدە ئالىدۇ.

سىياسىي ھاياتى

[تەھرىر]

1930-يىللاردىكى قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا مەنسۇپ سەرخىللەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئېقىمدىكى سىياسىي گۇرۇھلار ۋە ئوخشىمىغان مەپكۇرىدىكى كىشىلەر مەۋجۇت ئىدى. 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەخمەت پاختا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن مەپكۇرە جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماھىل ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلىدۇ.

1937-يىلى 4-ئايدا گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى قەشقەرنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي قەشقەردە مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەخمەت پاختىمۇ چەتئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى بالىلىق ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە، دادىسى ئەخمەت پاختىنىڭ ئەينى يىللىرى قەشقەردىكى 100 دىن ئارتۇق يېتىم بالىنى يىغىپ ئۆز چىقىمى بىلەن ئۇلارغا كوللېكتىپ سۈننەت توي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سۈننەت تويىنىڭمۇ ئاشۇ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

باشقىلار

[تەھرىر]

ئاۋسترالىيە

[تەھرىر]

مەنبەلەر

[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلانمىلار

[تەھرىر]

مەنبەلەر

[تەھرىر]
    دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
    قىتئە ئۇيغۇرلار
    ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

    سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

    ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

    فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

    شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
    ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
    باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى