قۇللۇق تۈزۈم

ئورنى Wikipedia

قۇللۇق تۈزۈم ياكى قۇلدارلىق (ئىنگ: slavery، خەنزۇچە: 奴隶制度) ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە خۇسۇسىي مۈلۈك – دۇنيا قاتارىدا ئېلىپ سېتىلغان، تەقدىرى پۈتۈنلەي قۇلدارغا قاراشلىق بولغان، ئۆزى ھېچقانداق ھوقۇق ۋە مال – مۈلۈككە ئىگە بولمىغان چاكار، مەملۇك ياكى قۇل؛ قۇل ئىگىسىگە قۇلدار ياكى خۇجايىن دېيىلىدۇ. بەئزىدە غۇلام ۋە خىزمەتچىمۇ قۇل دېگەنلىك بولىدۇ. ئايال قۇللارغا دېدەك\چۆرە\جارىيە دېيىلىدۇ.

قۇل بولۇشنىڭ شەرتلىرى[تەھرىرلەش]

ناھايىتى قەدىم زامانلاردىن بېرى جەڭدە ئەسىر تۈشكەنلەر، ئېغىر جىنايەتچىلەر، قەرزىنى تۆلىيەلمىگەنلەر، قاراقچىلار تەرىپىدىن قاچۇرۇلغانلار قۇل دەپ قارىلاتتى، قۇل بازارلىرىدا سېتىلاتتى.

ئەركەك قۇللارنىڭ بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ، جارىيەلەرنىڭ خۇجايىنلىرىدىن بولغان ئوغۇللارى يەھۇدى ۋە ئەرەب توپلۇقلىرىغا ئوخشاش بەئزى توپلۇملاردا قۇل دەپ قارالمايدۇ. زىرائەت ۋە تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولغان پۈتۈن توپلۇملاردا قۇللۇقنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىگە يولىقىلماقتا. مىسسوپوتامىيەدە، ئەسكى مىسىردا، يۇناندا، رىمدا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاناتولىيەدە ياشىغۇچە قەۋىملەردە قۇللۇق ئىنتايىن تەبئىي ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇتلۇق دەپ قەبۇل قىلىناتتى.

قۇللۇقنىڭ چەكلىنىشى[تەھرىرلەش]

تۇنجى قانۇنلار ئەنگىلىيەدە ۋە ئا ق ش دا 19. ئەسرنىڭ تۇنجى چارىكىدە، 1807- يىلى چىقارىلغان. كېيىنچە باشقا ياۋروپا ئەللىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بارغان. ياۋروپادا ئەنگىلىيەدىن كىيىن قۇللۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئوسمان ئىمپېرىيىسىدۇر. ئوسمان ئىمپېرىيسىدە قۇللۇق، سۇلتان ئابدۇلمەجىد دەۋرىدە 1847- يىلى بىر پەرمان بىلەن چەكلەنگەن. 1926- يىلىدا مىللەتلەر جەمئىيىتى پۈتۈن دۇنيادا قۇللۇقنى چەكلىگەن، كېيىنچە بۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەم بۇ ھۆكۈمنى ئىتىراپ قىلغان.