قېلىپ:Excellent Article/2020-10
Appearance
ئوغۇز ئايى ياكى ئۆكتەبىر ئايى (ئىنگ: March) مىلادى تەقۋىم تەقۋىمىدە يىلنىڭ 10 - ئايى، 31 كۈنلۈك ئايدۇر. تارىخىمىزدا بۇ ئايدا بولۇپ ئۆتكەن بەئزى چوڭ ئىشلار، بۇ ئايدا دۇنياغا كەلگەن ۋە قايتىش بولغان مۇھىم شەخسلەر تۆۋەندىكىچە:
- 1- ئۆكتەبىر — 1955 - ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. 1949 - خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىندى.
- 2- ئۆكتەبىر — 1952 - ئاسيا-تىنچ ئوكيان تىنچلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
- 3- ئۆكتەبىر — 1990 - شەرقىي گېرمانىيە بىلەن غەربىي گېرمانىيە بىرلەشتى.
- 4- ئۆكتەبىر — 2019 - ھوڭكوڭ خەلقى قاچقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش قانۇن لايھىسىگە قارشى نامايىشلاردا ماسكا تارتىپ نامايىش قىلىش چەكلەندى.
- 5- ئۆكتەبىر — 2003 - ئورۇسپەرەس ئەخمەت قادىروۋ چېچىنىيە جۇمھۇر رەئىسى سايلاندى.
- 6- ئۆكتەبىر — 1976 - ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن خۇا گوفېڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
- 7- ئۆكتەبىر — 1957 - ئاتالمىش شىنجاڭ يېزا ئېگىلىك ئىشلەپچىقىرىش دېۋىزىيىسى رەسمىي قۇرۇلدى.
- 8- ئۆكتەبىر — 1920 - بۇخارا سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.
- 9- ئۆكتەبىر — 1957 - تىبەت خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.
- 10- ئۆكتەبىر — 680 - كەربەلا ۋەقەسى ھەزرىتى ھۈسەيىن شېھىد قىلىندى.
- 11- ئۆكتەبىر — 1944 - س س س ر تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئىشغال قىلدى.
- 12- ئۆكتەبىر — 1999 - ب د ت دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 6 مىلىياردنى ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
- 13- ئۆكتەبىر — 1923 - تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پايتەختنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كۆچۈردى.
- 14- ئۆكتەبىر — 1974 - 4. قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى: مىسىر قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى سىنا يېرىم ئارىلىغا كىردى. ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېغىر مەغلۇب قىلىندى.
- 15- ئۆكتەبىر — 1961 - خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى لوندوندا قۇرۇلدى.
- 16- ئۆكتەبىر — 1964 - خىتاي تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى لوپنۇر چۆلىدە پارتىلاتتى ۋە دۇنيادا 4 - ئاتوم كۈچىگە ئىگە دۆلەت بولدى.
- 17- ئۆكتەبىر — 1933 - يەھۇدىي ئەسىللىق ئالىم بىلگە ئېيتنىشتېيىن [[ناتسېسىت گېرمانىيەدىن ئا ق ش غا قاچتى.
- 18- ئۆكتەبىر — 1991 - سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ھاپىسىدا ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى.
- 19- ئۆكتەبىر — 1950 - خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى چاۋشيەن ئۇرۇشىغا بىرىنچى تۈركۈم پىدائىلارنى يوللانغان پىدائىلار چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كىردى..
- 20- ئۆكتەبىر — 1945 - جۇڭخۇا مىنگو بىلەن تاشىقى موڭغۇل ھۆكۈمىتى كېلىشىپ، ئۇمۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسىمىي مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى.
- 21- ئۆكتەبىر — 1976 - بېيجىڭ خەلقى تۆت كىشىلىك گۇرۇھ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەپ بېيجىڭدا نامايىش قىلدى.
- 22- ئۆكتەبىر — 1961 - ۋېتنام ئۇرۇشى، ئا ق ش تۇنجى ئەسكىرىنى ۋېتنامغا كىرگۈزدى.
- 23- ئۆكتەبىر — 1943 - ب د ت تۇنجى ئومۇمىي يېغىنى نيۇ يورك شەھىرى فلۇشىڭدا ئېچىلدى.
- 24- ئۆكتەبىر — 1264 - مىسىر مەملۇكىيلەر سۇلالىسىسۇلتانى سەيفىددىن قۇتۇز ئەيىن جالۇت ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىۋاتقاندا بايبارس تەرىپىدىن سۇئىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى. مەملۇكىي تەختىگە بايبارس ئولتۇردى.
- 25- ئۆكتەبىر — 1971 - ب د ت 26 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا 2758 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللىنىپ، جۇڭخۇا مىنگونىڭ جۇڭگو ئورۇندىقىغا رەسمىي ھالدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئولتۇرىغانلىقى، جۇڭخۇا مىنگونىڭ پۈتۈن سالاھىيىتىنى بىردەك ئۆتكۈزىۋالغانلىقى جاكارلاندى.
- 26- ئۆكتەبىر — 1994 - 46 يىللىق ئۇرۇش ھالىتىدىن كېيىن ئىئوردانىيە ۋە ئىسرائىلىيە تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
- 27- ئۆكتەبىر — 2000 - سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن شىياڭگاڭلىق ئايال مۇخبىر جاڭ باۋخۇانى ھاقارەتلىگەن، ۋە ئۇنىڭ قىلىقى موخا مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ باشلىشىغا سەۋەب بولغان.
- 28- ئۆكتەبىر — 2013 - بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئاتالمىش 28 ئۆكتەبىر تيەنئەنمىن مەيدانى تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى.
- 29- ئۆكتەبىر — 1955 - قاراماي شەھىرى قاراماي نېفىتلىكى بايقالدى.
- 30- ئۆكتەبىر — 1918 - بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى: ئوسمان ئىمپېرىيسى تەسلىم بولدى.
- 31- ئۆكتەبىر — 2011 - ب د ت نۇپۇس فوندى دۇنيا نۇپۇسىنى 7 مىلىيارددىن ئاشتى دەپ تەخمىن قىلدى.